باش بەت > تىل > «ئىلبىم»
16مارت

«ئىلبىم»

«ئىلبىم» توغرىسىدا

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

مىنىڭ، تىلىمىزدا ھازىر قوللۇنىۋاتقان «ئىلىم پەن»، «پەن-تېخنىكا» دىگەندەك سۆزلەرنىڭ نامۇۋاپىق شەكىللىرىگە ئىچىم پۇشۇپ يۈرگىلى خېلى زامان بولدى. بۇ ئىككى سۆز توغرىسىدا، مۆھتەرەم تىلشۇناسلىرىمىز، ئەدەبىياتچىلىرىمىز، تىل يازىق خۇجايىنلىرىمىز، تەرجىمانلىرىمىزدىن ئۈمۈد كۈتكىلىمۇ ئۇزۇن زامان بولدى. ئەمما، بۇلاردىن ھېچقانداق سادا ياكى شەپە يوق. تىلىمىزدىكى «ئىلىم پەن» ۋە «پەن-تېخنىكا» دىگەن ئىككى ئىسىم سۆز شەكلىنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ گۇمانىم بار. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

 

1. «ئىلبىم»، ئۇيغۇر تىلىدىكى پاساھەتلىك ئىسىم سۆزدۇر

مىنىڭ چۈشەنچەم بويىچە ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ ئالەم ۋە دۇنيا توغرىسىدىكى ئۇقۇم- چۈشەنچە، بىلگەنلىرى يىغىنچاقلىنىپ، ئۇيغۇرچە «ئىلبىم» دەپ ئاتالسا توغرا بولىدۇ. ئىلبىم دىگەن سۆز، ئىلىم ۋە بىلىم دىگەن ئىككى سۆزدىن قوراشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ئىلىم ۋە بىلىم دىگەن ئىككى مەنانى بىلدىرەدى. بۇنىڭدىكى «ئىلىم» سۆزى، نەزەرىيە پەرەزلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، مەلۇم ھادىسە، بايقاشلارغا بولغان تۇنۇش ياكى ئاڭنى بىلدۈرىدۇ. «ئىلىم»، ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى، تەسەۋۋۇرى، پەرەز-خىيالى، ئويدۇرمىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، «ئىلىم»، «پەن، پەننىي ئىلىم» ۋە «دىننىي ئىلىم» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. «ئىلىم»نىڭ ۋەزىپىسى، بۇ نىمە؟ بۇ نىمە ئۈچۈن؟ دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەيدۇ. بولۇپمۇ، پەن ياكى پەننىي ئىلىمنىڭ ۋەزىپىسى مانا شۇلارغا جاۋاپ ئىزدەيدۇ.

«بىلىم» سۆزى، ئەمەلىيەتكە قارىتىلغان بولۇپ، مەلۇم ھادىسە، بايقاشلارغا بولغان تۇنۇش ياكى ئاڭ ئاساسىدا، كۈندۈلۈك تۇرمۇش ياكى ھايات زۆرۆرىيەتلىرىدە قوللۇنىدىغان ھۈنەرنى بىلدۈرىدۇ. «بىلىم»، ئادەملەرنىڭ قايتىلانغان تەجىرىبە، ئەمەلىيەت مەشغۇلاتى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، «بىلىم»، «پەننىي بىلىم» ۋە «دىننىي بىلىم» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلدۇ. «بىلىم»نىڭ ۋەزىپىسى، بۇنىڭ نىمە كرىكى بار؟ بۇنى قانداق قىلىدۇ؟ (قانداق ھاسىل قىلىدۇ؟ قانداق ياسايدۇ؟ قانداق ئىشلىتىدۇ؟ قانداق ئوقۇيدۇ؟ قانداق يىشىدۇ؟) دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەيدۇ. بولۇپمۇ، پەننىي بىلىملەر ئەنە شۇلارنىڭ ھۆددەسىدىن چىقادى.

ئىلىم ۋە بىلىم دىگەن سۆزلەرنى، ئۇيغۇر تىلىمىزدا تېخىمۇ ئىخچام ھەم ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ ئىككى سۆزدىن قۇراشتۇرۇلغان «ئىلبىم» دىگەن ئىسىم سۆزنى ياسادىم. ئۇيغۇرچە «ئىلبىم» دىگەن سۆز، «ئىلىم ۋە ھۆنەر » دىگەن ئۇقۇمنى بىلدىرەدى. بۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمەسى «科技» بولۇدۇ.

 

2. «ئىلىم پەن»، «پەن-تېخنىكا»، ئۇيغۇر تىلىدىكى سەراتان سۆزدۇر

بىز ھازىر ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «ئىلىم پەن»، «پەن-تېخنىكا»، دىگەندەك سۆزلەرنى قوللۇنىۋاتىمىز. بۇ سۆزلەر قارىماققا ياكى ئاڭلىماققا توغرىدەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل شەكىلدىكى سۆزلەرنى قوللۇنۇش، مىنىڭچە ئۇيغۇر تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىمىز بولىدۇ. چۈنكى، «ئىلىم پەن» دىگەن سۆزنى توغرا ئاتالغان دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا، «ئىلىم دىن» دەپ ئاتاشنى «توغرا ئەمەس» دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟. يەنە شۇنىڭدەك، «پەن-تېخنىكا» دىگەن سۆزنى توغرا ئاتالغان دەپ قارىساق، «دىن-تېخنىكا» دەپ ئاتاشنى «توغرا ئەمەس» دىيىشكە كىم پېتىنالايدۇ؟ شۇڭا، بۇ ئىككى سۆز، ۋاقتىدا داۋالىمىساق بولمايدىغان، باشقا سۆز ھۈجەيرەلەرىگە تېزدىن يامراپ، ئۇلارنى نابۇت قىلىدىغان سەراتان (راك كىسىلى) غا ئوخشايدۇ.

 

بايان ئاخىر

دىمەك، پىكرىمنىڭ مېغىزى شۇكى، «ئىلبىم»، «科技, 科学技术» نى كۆرسەتەدى. «ئىلىم»، «نەزەرىيە»نى (学术,理论知识)نى كۆرسەتەدى. «بىلىم»، « 技术» نى كۆرسەتەدى.  شۇڭا، ھازىر ئۇيغۇر تىلىمىزدا قوللۇنىۋاتقان، «ئىلىم پەن»، «پەن-تېخنىكا» دىگەن سەراتان سۆزلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا «ئىلبىم» دىگەن پاساھەت سۆزنى قوللانغىنىمىز ئاقىلانە تاللاش بولىدۇ. دۇنيا ئەللىرىنىڭ كۆپۈنچىسى، «ئىلبىم» دىگەن ئۇقۇمنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسۈتىلگەندەك سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلەيدىكەن.

 t010e8724c8d9e9abd9_副本

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 16-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 419 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4194
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

2 پارچە باھا

  1. #1 ئەزىمەت7102 بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2014-06-10 16:58

    سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز ماڭا ئېلھام بولدى!…
    كۆپۈنچە ھاللاردا كۆنگەن ئۇسۇلىمىزدىن چىقالمايمىز…
    سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!!!

  2. ھۆرمەتلىك ئەزىمەت 7102 ئەپەندى، سىزنىڭ پەنوم تورىستان «ئاكادېمىيە»نى زىيارەت قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت، ئىنكاس يازغانلىقىڭىزغا تەشەككۇر ئېيتىمەن. مەن شۇنداق دەپ قارايمەن: توغرا بولۇش ئۈچۈن، توغرا بولمىغان ئادەتتىن قول ئۈزۈش كېرەك. سىز توغرا دىدىڭىز، بىز دەل توغرا بولۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز، ئەمما، توغرا بولمىغان ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە سەل قارايمىز.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز