18دېكابىر
«ئىلىم» ۋە «پەن» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاددى تەبىرى
学问和科学的定义
ئاپتورى: بوستاني
مەنبەلەرگە قارىغاندا، «ئىلىم»دىگەن ئاتالغۇ، بىز ئەرەپچىدىن قۇبۇل قىلىپ، 1000 يىلدىن بۇيان ئۆزلەشتۈرۈپ قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان ئىسىم. «ئىلىم» بىلىشىمچە، پەلسەپەدىكى بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدا،«ئىلىم» نىڭ پەلسەپە نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى، ئادەتتىكى ئۇقۇم توغرىسدا ئۆزەمنىڭ چۇشەنچەم بويىچە،تەبىر بەردىم: ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت، جەمىيەت، ماددا،روھ ۋە ئاڭ قاتارلىق شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچە-بىلىشلىرىنىڭ يىغىندىسى «ئىلىم» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئىلىم»،ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ھېسسى تۇيغۇلىرى ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئىنسانلارنىڭ بارلىق بېلىشلىرى ئىلىم ۋە بىلىم دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئىلىم، كىشىلەرنىڭ بارلىق شەيئىلەر گە بولغان ئاڭ، چۈشەنچە نەزەرىيەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەندى بىلىم بولسا، كىشىلەرنىڭ بارلىق شەيئىلەر توغرىسىدىكى ئەمەلى قوللۇنىدىغان ئۇسول، چارە-تەدبىر، ھۆنەر قاتارلىق بىلىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ھازىرقى چۈشەنچىمىز بويىچە قارىغاندا، كىشىلەر ئىلىمنى ئىككىگە ئايرىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى «پەننى ئىلىم» يەنە بىرى،«دىننى ئىلىم».
«پەننى ئىلىم»،ئادەتتە «پەن، پەننىي ئىلىم ياكى پەننامە» دەپ ئاتىلىدۇ. «دىننى ئىلىم»، «دىن، دىننىي ئىلىم ياكى دىننامە» دەپ ئاتىلىدۇ.
«پەن» دىگەن ئاتالغۇنىڭ تەبىرى نىمە؟، بۇ ئاتالغۇغا بېرىلگەن تەبىرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مىنىڭ بىلىشىمچە، دۇنيادا تا ھازىر غىچە، ئۇنىڭ ھەممە ئېتراپ قىلغان تەبىرى ۋۇجۇدقا چىقمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئېھتىمال، «پەن»نىڭ دائىرسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇن چۈشەنچىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇنداق بولسىمۇ، مەن مەنبەلەرگە ئاساسەن،«پەن» دىگەن ئاتالغۇغا تۈۋەندىكىدەك تەبىر بەردىم: تەبئەت، جەمىيەت، تەپەككۇر ۋە ماددا، روھ، ئاڭ قاتارلىق مەۋجۇت شەيئىلەردىكى ماھىيەت ۋە قانۇنىيەتلەرنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان بىلىملەر سىستېماسى «پەن» دەپ ئاتىلىدۇ. «پەن» تۈپ مەنىدىن ئالغاندا،بۇ نىمە؟،نىمە ئۈچۈن؟دىگەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىدۇ.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، «پەن» نامى بىلەن ئاتالغان كەسىپ ياكى ئۇقۇملار، ھازىر 7000 دىن ئاشىدىكەن. شۇڭا،ئادەتتە ئىپادىلەپ قوللۇنۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بۇ پەنلەرنى تۈرلەشكە (تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىشقا) توغرى كىلىدۇ. مەنبەلەرگە قاراغاندا، «پەن»لەر، ئادەتتە تەتقىق قىلىنىدىغان ئوبىكتقا قاراپ، «تەبىئي پەن»، «ئىجتىمائىي پەن»، «تەپەككۈر پەن»، «پەلسەپە پەن» ۋە «ھىساب پەن» دىگەندەك 5 چوڭ بۈلەككە ئايرىلغاندەك قىلىدۇ. «پەن»لەر يەنە، ئەمەلىيەت بىلەن بولغان باغلىنىشىغا قاراپ، «نەزەرىيە پەن» ، «تېخنىكا پەن» ۋە «قوللانما پەن»دىن ئىبارەت 3 چوڭ بۈلەككە ئايرىلغان. تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىۋاست ياكى ۋاستلىق بولۇشىغا قاراپ، «پەن»لەر يەنە، «تەدبىق پەن»بولۇپ، (تەبىئىەتتىكى ئەمىلىيەت» دىگەننى بىلدۈرىدۇ)، «تەجىرىبە پەن» دەپ 2 چوڭ بۈلەككە ئايرىلىدىكەن.دىمەك، پەنلەر مۇشۇ تېرىقىدە، كونكىرىتلاشقىچە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇرچە «پەن »دىگەن ئاتالغۇ، ئېنگلىشچە ««science دەپ ئاتىلىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئېنگىلىشچە بۇ ئاتالغۇ، لاتىنچە [Scio] دىگەن سۆز مەنبەسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر بۇ [science] دىگەن ئاتالغۇ، دۇنيادىكى ئېنگلىشچە تىل يېزىق قوللۇنىدىغان ئەللەردە ئومۇملاشتى. «پەن » دىگەن ئاتالغۇ، خەنزۇچىدا، «科学» دەپ ئاتىلىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، كاڭيۇۋى دىگەن كىشى، 1890 -يىللاردا ياپۇنىيەدە قوللۇنىۋاتقان [科学] دىگەن ئاتالغۇنى جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىپ قوللانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگودىكى خەنزۇچە تىلىدا [科学] دىگەن نام ئومۇملاشقان ئىكەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,183 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=38
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!