باش بەت > بىئولوگىيە, ماكاننامە > خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن
23نويابىر

خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن

خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن

国际生物多样性日

ئاپتورى: ئا. ر. بوستاني

بايان ئاۋۋال

بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى, 12-ئاينىڭ 29-كۈنىنى «خەلقئارالىق جانىۋاران كۇن» دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، 2000-يىلغىچە، ھەريىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدە، دۇنيا بويىچە «خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، جانىۋارانلارنى قوغداش تەشۋىقاتلىرى، ئۇلار توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە پەنوم دۇكلاتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ كۈندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە زور ئەھمىيەتى، بۇ كۈننى دۇنياۋى ئۇلۇق بىر كۈنگە ئايلاندۇرغان.  ئۇنداقتا، «جانىۋاران» دىگەن نىمە؟، نىمە ئۈچۈن «خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن» تەسىس قىلىنىدۇ؟ بۇلاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىم ئاددى بايان قىلىندى.

  1. 1. جانىۋاران دىگەن نىمە؟

بۇ توغرىدا، مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىدا «جانىۋاران دىگەن نىمە؟» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. شۇڭا، بۇ يەردە بۇ ھەقتە توختالمايمەن، ئەگەر قىزىقسىڭىز، شۇ ناملىق ئەسەردىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

2. خەلقئارالىق جانىۋاران كۈن نىمە ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان؟

كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 20-ئەسىرنىڭ چارەك يىللىرىدىن باشلاپ، دۇنيا نوپوسى ئۆزلۈكسىز كۆپىيشكە باشلىغان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئاشقان. ئېھتىياجنى تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ زىمىندىكى پائالىيەت دائىرەسى ۋە پائالىيەت سالمىقىمۇ ئۆزلۈكسىز كىڭەيگەن ۋە كۈچەيگەن. نېتىجىدە، ئىنسانلار جەمىيەتى نوپوس، بايلىق، مۇھىت، ئاشلىق، ئېنىرگىيە قاتارلىق 5 چوڭ جەھەتتە، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مەسىلىلەرگە دۈچ كەلگەن. دۇنيا جامائەتچىلىكى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ، ماكاننى ئاسراش ۋە بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە بۇنىڭغا تەدبىر قوللۇنۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇنداق قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ، 1948-يىلى، «دۇنياۋى تەبىستان بىرلەشمىسى» « IUCN»نى تەسىس قىلغان ئىكەن. ( تەبىستان، كەمىنە پېقىر ئىجات قىلىپ قويغان «تەبىئىتى قوغدىلىدىغان  رايون ياكى تەبىئى مۇھاپىزەت رايونى» دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈردىغان ئۇيغۇرچە خاس ئاتالغۇ، مۇشۇ «ئاكادېمىيە» بلوگدا نەشىر قىلىنغان «تەبىستان دىگەن نىمە؟» ناملىق ئەسەرگە قاراڭ). 1961-يىلى، «دۇنياۋى ياۋايى جانىۋارلار فوندى» قۇرۇلغان ئىكەن. 1971-يىلغا كەلگەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن-مائارىپ مەھكىمىسى، «ئىنسان ۋە ماكان پلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئىسىمدە قېلىشىچە، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى بوغدا تاغ رايونى، بۇ پلاننىڭ بىر قىسمىغا كىرگۈزىلگەن. 1980-يىلىغا كەلگەندە، «دۇنياۋى تەبىستان بىرلەشمىسى»( IUCN)، «دۇنياۋى تەبىستان پروگرامماسى» نى تۈزۈپ ئېلان قىلغان. بۇ پروگراممانىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەبىئى بايلىقلارنى ئاسراش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش، جانىۋار بايلىقىنى ئاسراشنى كۈچەيتىش ئىشلىرى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداق بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانىۋارلار ئارا ۋە جانىۋارلار بىلەن مۇھىتى ئارا زىچ مۇناسىۋەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى، پەقەت تەبىستان ئارقىلىق جانىۋار زاتلىرىنى ئاسراشنىڭ يىتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ تەدبىرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، برازىلىيەنىڭ مەرگىزى رىئودجانىرو(Riodejanerou) شەھرىدە ئاچقان، 154 دۆلەت ۋەكىللىرى قاتناشقان «دۇنيانىڭ مۇھىتى ۋە تەرەققىياتى» يىغىنىدا، «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغان. ھەمدە، بۇ ئەھدىنامە بويىچە، 1993-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ ھەر يىلى مۇشۇ كۈننى «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن» قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇنداق قىلىپ، مۇشۇ ۋەجىلەردىن «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن» بارلىققا كەلگەن.

 2001-يىلىغا كەلگەندە، «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن»، ئەسلىدىكى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن، 5-ئاينىڭ 22-كۈنىگە ئۆزگەرتىلگەن. شۇنداق قىلىپ، 2001-يىلىدىن باشلاپ، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن» خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

3. «دۇنياۋى جانۋاران كۈن» نىڭ مەقسىدى ۋە مەزمۇنى نىمە؟

«دۇنياۋى جانىۋاران كۈن» تەسىس قىلىشتا، مۇنۇ ئىككى نىشاننى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ بىرى، جانىۋارانلارنى قوغداپ، بايلىق مەنبەلىرىدىن ئۈزۈكسىز پايدىلىنىش. ئىككىنچىسى، تەبىئى بايلىقلاردىن كېلىدىغان پايدا مەنپەئەتتىن ئادىل ھەم مۇۋاپىق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا،«دۇنياۋى جانىۋاران كۈن ئەھدىنامەسى»نىڭ مەزمۇنى كۆپ بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان:

  • ئەھدىنامەگە قاتناشقۇچىلار(دۆلەت ياكى تەشكىلاتلار) جانۋارانلارنى ئاسراش ھەمدە، ئۇلاردىن ئۈزۈكسىز پايدىلىنىشتىكى دۆلەت سىتراتىگىيەسىنى، پلانىنى ياكى لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ياكى، مۇشۇ مەقسەت بويىچە، ھازىرقى سىتراتىگىيە، پلان ياكى لاھىيەگە تۈزۈتۈش كىرگۈزىدۇ.
  • جانىۋاراننى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈزۈكسىز پايدىلىنىشنى، ئامالنىڭ بارىچە ھەرقايسى دەرىجىلىك ئورۇنلار ھەم دەرىجە ھالقىغان ئورۇنلارنىڭ پلان، لاھىيە ياكى سىياسەتلىرىگە كىرگۈزىدۇ.
  • مەمورى ياكى سىياسى تەدبىر ھەم قانۇن تۇرغۇزۇپ، بىئوتېخنىكا تەتقىقاتى ئۈچۈن، ئەھدىنامەگە قاتناشقۇچىلار ئىرسىيەت (گىنىتىكا) بايلىقى بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بولۇپمۇ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا ھەقىقى قاتناشتۇرۇلىدۇ.
  • بارلىق ئىمكانىيەتلىك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، ئادىللىق ئاساستا، بايلىق بىلەن تەمىنلىنىپ قولغا كەلگەن بىئوتېخنىكا نېتىجىلىرى ۋە پايدىسىنى، ئىرسىيەت بايلىقى بىلەن تەمىنلىگەن، ئەھدىنامىگە قاتناشقۇچى تەرەپنىڭ بولۇپمۇ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن بەھرىمەن بولۇشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
  • ئەھدىنامىگە قاتناشقان تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، ئەھدىنامەنى ئىجرا قىلىشتا كۆپەيگەن چىقىمىنى تەمىنلىشى ئۈچۈن ، ئەھدىنامەگە قاتناشقان تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر، پىلان سىرتىدا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  • تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئەھدىنامەدىكى ھەرقايسى مەجبورىيەتلەرنى ھەقىقى ئىجرا قىلىشى، تەدبىر قوللۇنۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ جانۋارانىنى قوغدىشى زۆرۆر.

4. «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن» پائالىيەتىدىكى مەرگىزى تىمالار

مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، 2001-يىلدىن باشلاپ بۇ يىلغىچە خاتىرلەنگەن «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن» پائالىيەتلىرىنىڭ مەرگىزى تىماسى تۆۋەندىكىچە بولغان (ئۇيلات يېزىقتا يېزىلدى) :

1.2001-yildici mgrgizi timasi: “janivaran we baskunzatlarni baxkurux”.

(生物多样性与外来入侵物种管理, Biodiversity and Management of Invasive Alien Species).

2. 2002-yilidici mergizi timasi: “orman Janivaranliri”. “林业生物多样性”(Forest Biodiversity)

3. 2003-yildici mergizi timasi: “Janivaran bilen namratlikni azaytixning, vzvcsiz terekkiyatka bolfan hiris”. “生物多样性和减贫-对可持续发展的挑战” (Biodiversity and poverty alleviation – challenges for sustainable development)

4. 2004-yildici mergiz timasi: “Jfniwaran:insaniyetning yimeclic,su hem salametlicining capaliti”. “生物多样性:全人类食物、水和健康的保障” (Biodiversity:food, water and health for all)

5. 2005-yildici mergizi timasi: “Janivaran-vzgirevatkan dunyadici hayatning capaliti”. “生物多样性——变化世界的生命保障”

6. 2006-yilidici mergizi timasi: “qwllerdici janivaranlarni kofdax”. Bu yilni,dwletler birlexmisi,“helkaralik kumluxix we jezirlixix yili” kilip belgiligen. 2006年,联合国将其确定为“国际沙漠和荒漠化年”。作为对此的响应,生物多样性公约于1月9日宣布,5月22日的国际生物多样性日将以“保护干旱地区的生物多样性”为主题。

7. 2007-yildici mergizi timasi: “janivaran we climat wzgvrixi”. “生物多样性与气候变化”.

8. 2008-yildici mergizi timasi: “janivaran we yezaigilic”. “生物多样性与农业”.

9. 2009-yildici mergizi timasi: “baskunzatlar”. “外来入侵物种”.

10. 2010-yildici mergizi timasi: “janivaranning wzi hayat, janivaran hem bizningmu hayatimiz”. “生物多样性就是生命,生物多样性也是我们的生命”。

11. 2011-yildici mergizi timasi: “orman janivaranliri”. “森林生物多样性”。

12. 2012-yildici mergizi timasi: “ocean janivaranliri”. “海洋生物多样性”。

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 906 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2313
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

2 پارچە باھا

  1. When I first saw this title خەلقئارالىق جانىۋاران ÙƒÛˆÙ† | ئاكادېمىيە تور بېكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Howdy! Do you use Twitter? I’d like to follow you if that would be ok. I’m definitely enjoying your blog and look forward to new updates.

  2. When I first saw this title خەلقئارالىق جانىۋاران ÙƒÛˆÙ† | ئاكادېمىيە تور بېكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Real excellent info can be found on website . ”Compassion for myself is the most powerful healer of them all.“ by Theodore Isaac Rubin.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز