خەتكۈش ‘ناملارى’
2014سېنتەبىر5

قاپلىقدان گىيالارنىڭ جەمەتلەرگە تۈرلەنىشى

بىر قىسىم گىيانامە ئەھلى ئالىملارى، ياقىنقى يىللاردىكى بايقاشلارى ۋە گىيالارنىڭ گىن ئاساسلارىغا ئاساسەن 6 يىل ئىزدىنىپ، قاپلىقدان گىيالارنى قايتىدىن تاكسونلاپ چىققان. بۇنىڭدا، قاپلىقدان گىيالار 59 جەمەتكە، 415 ئائىلەگە ئايرىلغان. مەزگۇر ئەسەردە، قاپلىقدان گىيالارنىڭ 12 خاراكتىردىكى گىياھلار تۈرى، 59 جەمەتى ھەم ھېچقانداق جەمەتكە تەۋە بولماغان 8 ئائىلە ناملارى كۆرسەتىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى تەققاس قىلىندى.

2014ئاۋغۇست24

ئالىگىيالار

گىيانامەگە ئائىت ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر، سۈپەت سۆزلەر ياكى ئېنىقلىغۇچى سۆزلەر بىلەن تۈزۈلگەن ئىسىم سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاتالىشى ئوخشاش بولماسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرسەتىدىغان ئوبىكتى ئوخشاش. يەنى بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئادەتتىكى گىيالارنى كۆرسەتەدى. بۇ گىيالارغا مەن «ئالىگىيا، ئالىگىيالار» دىگەن ئىسىمنى قويدۇم. دىمەك، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەن نامدا ئاتالغان گىيالارنى مەن «ئالىگىيالار» دەپ بىرلا ئىسىم سۆز بىلەن ئاتادىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئالىگىيالار دىگەن نىمە؟ ئالىگىيالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى قانداق؟ ئالىگىيالار قانداق قەبىلەگە تۈرلەنىدى ؟ ئۇلارنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا چۈشەنچەلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.

2014ئاۋغۇست11

ئاقشاترۇق گىيالارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

ئاقشاترۇق، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئاق قارىغاي ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان. ئاقشاترۇق گىيالارى، يەنە ئاقشاتلار دەپمۇ ئاتالادى. مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمغا قاراغاندا، دۇنياغا تارقالغان ئاقشاتلارنىڭ 48 زاتى، 12 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇلارنى 1- جەدۋەلدە تىزىپ كۆرسەتتىم.

2014ئىيۇل26

مىۋەلەرنىڭ تۈرلەرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

ئۇيغۇرچە «مىۋە» دىگەن سۆز، مىۋەنىڭ ئەتى بىلەن ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گىيالارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئەزاسىنى كۆرسەتىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا، مىۋە، مىۋە ئەتى بىلەن مىۋە ئۇرۇقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولادى. قاپلىقدان گىيالارنىڭ مىۋەسى، ئادەتتە گۈلچەكنىڭ چاڭلانىشى، گۈلقاپ ، گۈلكاس، داندان قاتارلىق ئەزالارنىڭ بىرىكىشى بىلەن ھاسىل بولادى. گىيالار ئادەتتە مىۋەنىڭ ئۇرۇقى ياكى دانى ئارقالىق ئەۋلات كۆپەيتىدۇ ھەم ئەۋلات تارقاتادى.