ئالىگىيالار
گىيانامەگە ئائىت ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر، سۈپەت سۆزلەر ياكى ئېنىقلىغۇچى سۆزلەر بىلەن تۈزۈلگەن ئىسىم سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاتالىشى ئوخشاش بولماسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرسەتىدىغان ئوبىكتى ئوخشاش. يەنى بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئادەتتىكى گىيالارنى كۆرسەتەدى. بۇ گىيالارغا مەن «ئالىگىيا، ئالىگىيالار» دىگەن ئىسىمنى قويدۇم. دىمەك، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەن نامدا ئاتالغان گىيالارنى مەن «ئالىگىيالار» دەپ بىرلا ئىسىم سۆز بىلەن ئاتادىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئالىگىيالار دىگەن نىمە؟ ئالىگىيالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى قانداق؟ ئالىگىيالار قانداق قەبىلەگە تۈرلەنىدى ؟ ئۇلارنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا چۈشەنچەلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.