24ئاۋغۇست
ئالىگىيالار
ئالىگىيالار، قەبىلەسى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
(有胚植物)
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
گىيانامەگە ئائىت ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر، سۈپەت سۆزلەر ياكى ئېنىقلىغۇچى سۆزلەر بىلەن تۈزۈلگەن ئىسىم سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاتالىشى ئوخشاش بولماسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرسەتىدىغان ئوبىكتى ئوخشاش. يەنى بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئادەتتىكى گىيالارنى كۆرسەتەدى. بۇ گىيالارغا مەن «ئالىگىيا، ئالىگىيالار» دىگەن ئىسىمنى قويدۇم. دىمەك، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەن نامدا ئاتالغان گىيالارنى مەن «ئالىگىيالار» دەپ بىرلا ئىسىم سۆز بىلەن ئاتادىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئالىگىيالار دىگەن نىمە؟ ئالىگىيالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى قانداق؟ ئالىگىيالار قانداق قەبىلەگە تۈرلەنەدى ؟ ئۇلارنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا چۈشەنچەلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.
1. ئالىگىيالار دىگەن نىمە؟
ئالىگىيالار، ئادەتتە بىز بىلىدىغان ئوت-چۆپ، چاتقال، دەرەخ شەكلىدە ئۆسەدىغان، پەيگىيالارنى (蕨类植物)، موسيالارنى (苔藓植物)، دانگىيالارنى (种子植物) ئۆز ئىچىگە ئالادى. بۇ خىلدىكى گىيالارنىڭ يىلتىز، بەرگ، غول، گۈل، مىۋە دىگەندەك ئەزالارى بولادى ياكى قىسمەن بولادى. شۇڭا، بۇ خىل گىيالار، بەزى مەنبەلەردە «ئالى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر» (高等植物) دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ بەش خىل ئەزاغا ئىگە بولماغان گىيالار، « تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر» (低等植物) دەپ ئاتالغان. مەن بۇلارغا « ئاددىگىيالار» دەپ ئىسىم قويدۇم. ئالىگىيالار، قۇرۇقلۇقتا ياشاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئاساسەن قۇرۇقلۇقلاردا ئۆسەدى. شۇڭا، بەزى مەنبەلەردە «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» (陆生植物) دەپ ئاتالغان. ئالىگىيالارنىڭ ھەممەسى مەخسۇس كۆپەيىش ئەزاغا ئىگە ھەم مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى قۇياش نۇرى، كاربون دىئوكسىد ۋە سۇدىن پايدالانىپ ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقارادىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئومۇمەن ئالغاندا، پەيگىيا، موسيا ۋە دانگىيا قاتارلىق «ئالى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر، قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر، ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر» نىڭ ھەممەسى مىنىڭچە، «ئالىگىيالار» دەپ ئاتالادى. تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمنى، ئالىگىيالار سۈپىتىدە كۆرسەتتىم. بۇ رەسىملەرنى، ۋىكىپېدىيا تورىستانىدىن تاللاپ ئالدىم.
2. ئالىگىيالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
ئالىگىيالار، ئەۋكار دۇنياغا (ھەقىقى يادروسى بولغانلار دۇنياسى) تەۋە بولۇپ، بۇنىڭ پانگىيا شاخدۇنياسىغا كىرىدۇ. بۇ شاخدۇنيادىكى گىيامىقياسقا تەۋە بولۇپ، بۇ مىقياسدىكى ئالىگىيا شاخمىقياسقا كىرىدۇ. ئالىگىيالار يەنە ۋاسكۇلىيا قىسىم (ۋاسكۇلى بولغان گىيالار قىسمى) بىلەن موسىيا قىسىمدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدىكەن. موسىيا قىسىمدا، 3 قەبىلە ھەم 1 تەبىقە بار ئىكەن. ۋاسكۇلىياقىسىمدا، 11 قەبىلە بارئىكەن.
1-جەدۋەل: ئالىگىيالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
تاكسون نامى |
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
دۇنيا (域) |
ئەۋكاردۇنيا |
Eukaryota |
真核域 |
|
شاخدۇنيا () |
پانگىيا شاخدۇنيا |
Archaeplastida |
泛植物 |
|
مىقياس (界) |
گىيامىقياس |
Plantae |
植物界 |
|
شاخمىقياس (亚界) |
ئالىگىيا شاخمىقياس |
Embryophyta |
有胚植物亚界 |
|
قىسىم () |
موسىياقىسىم |
Bryophytes |
苔藓植物 |
|
قىسىم () |
ۋاسكۇلىيا قىسىم (دانگىيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالادى) |
Plantas vasculares |
维管植物 |
|
3. ئالىگىيالارنىڭ قەبىلەگە تۈرلەنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، ئالىگىيالار 14 قەبىلەگە 1 تەبىقەگە تۈرلەنەدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 4 قەبىلەنىڭ ھەم 1 تەبىقەنىڭ نەسلى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇرۇپ كەتكەن ئىكەن (لاتىنچە قەبىلە نامىنىڭ كەينىدىكى چىچەك بەلگەسى قويۇلغانلار شۇ).
2-جەدۋەل: ئالىگىيالارنىڭ قەبىلەگە تۈرلەنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
موسىيالار |
|
苔藓植物 |
|
ماركانبىلە |
Marchantiophyta |
地钱门 |
|
ئەنزەربىلە |
Anthocerotophyta |
角苔门 |
|
موسىيابىلە |
Bryophyta |
苔藓植物门 |
|
ھورنەبىقە |
Horneophytopsida† |
羊角蕨纲 |
|
ۋاسكۇلىيالار |
|
维管植物 |
|
رىينەبىلە |
Rhyniophyta† |
莱尼蕨门 |
|
زوستەربىلە |
Zosterophyllophyta† |
工蕨门 |
|
پەيلىكبىلە |
Lycopodiophyta |
石松门 |
|
تىمەربىلە |
Trimerophytophyta† |
裸蕨门 |
|
پەيگىيابىلە |
Pteridophyta |
蕨类植物门 |
|
دانگىيالار |
|
种子植物 |
|
دانپەيگىيابىلە |
Pteridospermatophyta† |
种子蕨门 |
|
قارچابىلە |
Pinophyta |
松柏门 |
|
سىيكادبىلە |
Cycadophyta |
苏铁门 |
|
گىنگوبىلە |
Ginkgophyta |
银杏门 |
|
گىنەتبىلە |
Gnetophyta |
买麻藤门 |
|
قاپلىقدانبىلە |
Magnoliophyta |
被子植物门 |
|
|
|
|
|
بايان ئاخىر
يوقارىدا، ئالىگىيالار توغراسىدا مەنبەلەرگە ئاساسەن بىلگەنلەرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. مەزگۇر ئەسەر، مۇشۇ مەزمۇن نوقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرچە يازىلغان تۈنجى ئەسەر بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە ئىنكاسىغا مۇھتاجمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 24-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 392 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5135
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!