باش بەت > تىل, گىياھنامە > مىۋەلەرنىڭ تۈرلەرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
26ئىيۇل

مىۋەلەرنىڭ تۈرلەرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

مىۋەلەرنىڭ تۈرلەرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

جىمسارى

 

ئۇيغۇرچە «مىۋە» دىگەن سۆز، مىۋەنىڭ  ئەتى بىلەن ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گىيالارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئەزاسىنى كۆرسەتىدۇ دەپ قارايمەن.  شۇڭا، مىۋە، مىۋە ئەتى بىلەن مىۋە ئۇرۇقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولادى. قاپلىقدان گىيالارنىڭ مىۋەسى، ئادەتتە گۈلچەكنىڭ چاڭلانىشى، گۈلقاپ ، گۈلكاس، داندان قاتارلىق ئەزالارنىڭ بىرىكىشى بىلەن ھاسىل بولادى.miveler1

 گىيالار ئادەتتە مىۋەنىڭ ئۇرۇقى ياكى دانى ئارقالىق ئەۋلات كۆپەيتىدۇ ھەم ئەۋلات تارقاتادى. گەرچە شۇنداق بولسامۇ، تەبىئەتتىكى گىيالار ئىچىدە ئۇرۇقسىز ياكى دانسىز كۆپەيەدىغانلارىمۇ بار. مەسىلەن، بانان،  شىرۇس (مىجۇي) قاتارلىق مىۋەلەر، دانسىز ياكى ئۇرۇقسىز مىۋەلەردىن بولادى. ھازىرقى زامان جانىۋارنامە  ئىلبىملەرىنىڭ (ئىلىم-بىلىم) كۈچىدە، يەنە كۆپلىگەن ئۇرۇقسىز ياكى دانسىز مىۋەلەر ئۆزلۈكسىز پەيدا قىلىنماقتا. مەسىلەن، ئۇرۇقى يوق ئۈزۈم، ئۇرۇقى يوق تاۋۇز، ئۇرۇقى يوق پومىدور دىگەندەك.

ھەممەمىزگە مەلۇم بولغاندەك، مىۋەلەر ھەر خىل شەكىلدە بولادى. ئالىملار، نۇرغۇنلىغان مىۋە شەكىللىرىنى جەمتەرلەپ تۈرگە ئايرىغان. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان 16 خىل مىۋە شەكلىنى جەمتەر قىلدىم. ھەمدە بۇ مىۋە شەكىللەرىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن ئۆزەمچە قويغان ناملار بىلەن ئاتادىم. بۇ ناملار، ئەينى چاغلاردا ئەھلى ئالىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتەلمىگەن. بۇ قىتىم، شەخسى تورىستاننىڭ قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەھلى ئالىملار ئالدىدىن ئەگىپ يۈرۈپ بۇرادەرلەرنىڭ قۇلىغا تاپشۇردۇم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر. تۆۋەندىكى رەسىمدە، كۆپ ئۇچرايدىغان 16 خىل شەكىلدىكى مىۋەلەرنىڭ سۆرەتى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى كۆرسەتىلدى.

miveler_副本

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 229 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4884
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز