26ئىيۇل
گۈل دىگەن نىمە؟
گۈل دىگەن نىمە؟
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
«گۈل دىگەن نىمە؟» دەپ سۇئال قويۇلسا، كىشىگە بىر خىل غەلىتەلىك بىلىنىدىغان ئوخشايدۇ. مەن بۇ سۇئالنى ھەر خىل كىشىلەردىن سوراپ باققان. بەزىلەر: «گۈلنى كىم بىلمەيدۇ، گۈل دىگەن ھەممەيلەنگە تۇنۇش بولغان بىر جىسىمغۇ» دەپ جاۋاپ بېرىشتى. بەزىلەر: «گۈل دىگەن چىچەك بولمامدۇ» دىيىشتى. بۇنىڭغا يوقۇرقىدەك جاۋاپ بەرگەنلەر 90 %نى ئىگەللەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى بىلىش ياكى بىلمەسلىكنىڭ ھېچقانداق كارامىتى يوق ھەم چوقۇم بىلىش كېرەك دەيدىغان قانۇنمۇ يوق. پەقەتلا گىيالارنى كۈزەتكۈچىلەر، تەتقىق قىلغۇچىلار، مائارىپچىلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە دورىگەرلەرگىلا زۆرۆرىيەتى بولۇپ قالىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇنى بىلىشنى خالايدىغان بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، گۈل ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى ئۆز چۈشەنچەم ھەم تىلىم بۇيىچە بايان قىلىندى.
1. گۈل دىگەن نىمە؟
مەن، ئۇرۇق ياكى دان تۈگىدىغان گىيالارنى-«دانگىيالار» دەپ ئاتادىم. دانگىيالار، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئاتالغان. دىمەك، دانگىيالارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆپۈيۈش ئەزاسى، گۈل ياكى چىچەك دەپ ئاتالادى. گۈللەر ئادەتتە 6 قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولادى. بۇ ئالتە قىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى، گۈلساپ، گۈلكاس، گۈلقاپ، گۈلتاج، گۈلزەك، گۈلچەك دەپ ئاتادىم. رەسىمگە قاراڭ. ئەلۋەتتە، بارلىق گۈللەرنىڭ ھەممەسىدە بۇ ئالتە قىسىمنىڭ ھەممەسى تولۇق بولمايدۇ. شۇڭا، گۈللەر يەنە تۈزۈلىشىگە قاراپ، كامىلگۈل، ناكامىلگۈل دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلادى. ئەگەر مەلۇم بىر گىيا گۈلىنىڭ گۈلقاپ، گۈلبەرگ، گۈلزەك ۋە گۈلچەكتىن ئىبارەت 4 قىسمى تولۇق بولسا، ئادەتتە كامىلگۈل دەپ ئاتالادى. ئەگەر بۇل 4 قىسمى تولۇق بولماسا، بىرەر قىسمى كام بولۇپ قالسا، ئۇچاغدا بۇ گۈل، ناكامىلگۈل دەپ ئاتالادى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 312 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4876
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
مۇشۇ گۈل دېگەن سۆزنىڭ تېگى- تەكتى پارسچەمۇ ياكى تۈركچەمۇ؟
كۆپىنچىلەر پارسچە دەيدۇ، تۈركچە دەيدىغان ئاساسمۇ بارمۇ‹؟
كۆكتاش بۇرادەر، ئالدى بىلەن سىزنىڭ «ئاكادېمىيە» نى زىيارەت قىلغانىڭىزغا ھەم مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىنكاس يازغانىڭىزغا رەھمەت ئېيتامەن. ئەندى سىز دىگەن مەسەلەگە كەلسەك، «گۈل، گۇل» دىگەن سۆزلەر، ھازىر ئۇيغۇرچە سۆز بولادى دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تىل لۇغەتىدىن ئورۇن ئالغان «گۈل ياكى گۇل» دىگەن سۆز، ئەسلىدە فارىسچە «گل» دىگەن سۆزدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا، گۈل ياكى گۇل دىگەن سۆزلەرىمىز، فارىسچە «گل» دىگەن سۆزدىن شەكىل ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئۇيغۇرچە سۆز بولادى. ئەمما، مەن يەنە شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، ئۇيغۇرچە گۈل ياكى گۇل دىگەن سۆزلەرىمىز، ئەسلىدە فارىسچەگە قۇبۇل قىلىنغانمىدۇ؟ مەن يەنە، «گۈل ياكى گۇل» دىگەن سۆزنىڭ تۈرك ئۇيغۇرچەسى «چىچەك ياكى چېچەك» بولادى دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە يازىلغان مەنبەلەرنى مەن ئۇچراتمادىم. ئەمما، 2000-يىلى رۇسىيەنىڭ نۇۋاسىبىرىسكى شەھەرىدە مۇڭغۇلىيەدىن كەلگەن ، ئىسمى «ئالماچىچىكى» دەپ ئاتالغان بىر مۇڭغۇل ئالىم چوكاننى ئۇچراتتىم. مەن ئۇنىڭ «ئالماچىچىكى» دىگەن ئىسمىغا قىزىقىپ، ئۇنىڭ مەناسىنى سورادىم. «ئالما»، «چىچەك» دىگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن مۇڭغۇلچىغا ئۆزلەشكەنلىكى، ئىسمىنىڭ «ئالما چىچەكىدەك چىرايلىق ھەم خۇشبۇي» دىگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. دىمەك، چىچەك ياكى چېچەك دىگەن سۆز، گۈل دىگەن مەنانى بىلدىرەدىغان يەنەبىر ئۇيغۇرچە سۆز بولادى.