2016مارت30
خوردانبىلە ھايۋاناتىنىڭ ئالاھىدىلىكى رەھمەتۇللا ئادىللا خوردانبىلە (门 脊索动物 Chordata)، (خوردالىق ھايۋانات قەبىلىسى) [6،2-1]، دەپ ئاتالدى. ئۇيغۇرچە مەنبەدە، «خوردىلىق ھايۋانلار تىپى» دەپمۇ ئاتالغان[3]. خوردانبىلە، ھايۋانات مىقياسدىكى ئەڭ ئالى قەبىلە بولۇپ[1]، ئىنسانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتى بار ھايۋانات تۈركۈمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. خوردانبىلەدىكى ھايۋاناتنىڭ خورداسى (脊索notochord)، دومبەنېرۋا …
2016مارت29
«خوردا» دىگەن نىمە؟ رەھمەتۇللا ئادىللا ھايۋاناتنىڭ دۇمبە قىسىمدىكى بەدەن غولىنى قۇۋەتلەپ تۇرىدىغان رولغا ئىگە بولغان تاياقچە ئەزا، «خوردا» (脊索 notochord) دەپ ئاتالغان[1]. «خوردا» ، ئادەتتە، ھايۋاناتنىڭ ھەزىم قىلىش يولى بىلەن نېرۋا تۇمۇرى ئارالىقىدا بولۇدۇ. ئۇ، ئەسلىدە، ھامىلە باسقۇچىدىكى …
2016مارت28
ھايۋانات مىقياس رەھمەتۇللا ئادىللا ھايۋانات مىقياس (动物界Animalia)، جانىۋارلار دۇنياسىدىكى ھەقىقى يادروسى بولغان ئالى جانىۋارلار تۈركۈمىنى كۆرسەتىدۇ. ھايۋانات مىقياسنىڭ تارقىلىش دائىرەسى كەڭ، زاتى خىلمۇ خىل بولۇدۇ. بۇلارنىڭ ھۈجەيرە سانى، بۆلۈنىشى، بەدەن شەكلى، ئىچچامانى (体腔)، بەدەن بوغۇملىرى، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، …
2016فېۋرال27
ھايۋاناتلار ئىچىدە قايسى ھايۋاناتنىڭ سۈرئەتى ئەڭ تېز؟ 1-بېلىقلار ئىچىدە، يەلكەنبېلىق (Istiophorus platypterus旗鱼) ناملىق بېلىق زاتىنىڭ ئۈزۈشى ئەڭ تېز بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى، 120 كلومېتىرغا يېتىدىكەن. 2-ھاشارەتلەر ئىچىدە، «سىندىسەل» (虎甲虫Cicindela dorsalis) ناملىق قۇڭغۇز زاتىنىڭ يۈگرىشى ئەڭ تېز بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى، 770 كلومېتىرغا …
2015ئاۋغۇست30
يىڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ھايۋاناتنىڭ زات سانى 7مىليون 700مىڭ دەپ مۆلچەرلەنگەن[2]. دۇنيادىكى ئالىملار، ھايۋاناتنى ئالدى بىلەن ئومۇرتقالىق ھايۋانات بىلەن ئۇمۇرتقاسىز ھايۋانات دىگەن ئىككى چوڭ بۆلەككە ئايرىغان. بۇلارنى ئالاھىدىلىكى بۇيىچە يەنە كۆپلىگەن بۆلەكلەرگە ئايرىغان. مەزگۇر ئەسەردە، چۈشۈنىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، «يەتتە ھايۋانات»، يەنى-دۇنيادىكى ھايۋاناتنىڭ يەتتە چوڭ بۆلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى كۆرسۈتىلدى.
2015ئاپرېل24
«رىنوس» دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللا ئۇنىڭ لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغان كالىغا ئوخشاش زور بىر ھايۋاننىڭ ئۇيغۇرچە نامى. رىنوس، ئۇيغۇر تىلىمىزدا «كەركىدان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە، پارىسچە ئىسىم سۆز دەپ ئىزاھلانغان. رىنوس، ئەرەپچەدە «ئالكەركىدان»، پارىسچەدە «كەرگىدان»، ئۆزبەكچەدە ھەم «كەركىدان» دەپ ئاتالغان.
2015ئاپرېل16
«چارپاي» دىگەن سۆز، ئۆمۈلەپ ماڭىدىغان، سۆرۈلۈپ ماڭىدىغان، يەر بېغىرلاپ ماڭىدىغان، يامىشىپ ماڭىدىغان جانىۋارلارنىڭ ئومۇمىسىنى كۆرسىتىدۇ. چارپايلار جەمەتىدە، ۋارانئىلە دەپ ئاتالغان بىر ئائىلە بار. بۇ ئائىلەدە، ۋارانرۇق دەپ ئاتالغان بىر رۇق بار. ۋارانرۇقنىڭ تەخمىنەن 68 زاتى بار. دىمەك، ۋارانرۇق زاتلىرى، ئادەتتە ۋارانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، ۋارانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، تارقىلىشى ھەم دۇنيادا بايقالغان ۋارانلار (ۋاران زاتلىرى) ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ھەم خەنزۇچە ناملىرى كۆرسەتىلدى.
2015مارت29
بىز تېلېۋىزوردىن بەدەن شەكلى كەسلەنچۈككە ئوخشاپ قالىدىغان تېنى چوڭ بولغان بىر خىل چارپاينى كۆرۈمىز. بۇ خىل چارپاي زاتىىنىڭ نامى، ئۇيغۇرچە بېرىلگەن «ئادەم ۋە تەبىئەت» پروگرامماسىدا «كومودو ئۆچكىئېمەرى» دەپ ئاتالغان. مەن، بۇ چارپاي زاتىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى «ۋاران كومودى» دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. مەزگۇر ئەسەردە، ۋاران كومودى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردىم.
2015مارت26
ۋېبسىت «تەڭرىتاغ»نىڭ (خەنزۇچە)، 2015-يىل 26-نۇرۇز سانىدىكى سۆرەتلىك خەۋەردە دىيىلىشىچە، شىنجاڭدا يۇقاپ كەتكىنىگە 20 يىل بولغان «ئوخوت» ناملىق ھايۋان قايتا بايقالغان. ئۇنداقتا «ئوخوت» دىگەن قانداق ھايۋان؟ مەزگۇر ئەسەردە، «ئوخوت» توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.
2014ئاۋغۇست29
تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىللىق 28-سەپەر سانىدا، ئا. ر. جىمسارىنىڭ «مۇيزاقىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدا، «بۆكەنرۇق» دەپ ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن ئىدى. ئەندى مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ بۆكەنرۇقدىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى بايان قىلىندى.