باش بەت > ھايۋاناتنامە > بۆكەنرۇق ۋە ئۇنىڭ زاتلارى
29ئاۋغۇست

بۆكەنرۇق ۋە ئۇنىڭ زاتلارى

بۆكەنرۇق ۋە ئۇنىڭ زاتلارى

高鼻羚羊属及其物种

 

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىللىق 28-سەپەر سانىدا، ئا. ر. جىمسارىنىڭ «مۇيزاقىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدا، «بۆكەنرۇق» دەپ ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن ئىدى. ئەندى مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ بۆكەنرۇقدىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى بايان قىلىندى.

 

1. بۆكەن ۋە بۆكەنرۇق

«بۆكەن»، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، جەرەنگە ئوخشاپ قالىدىغان ئەمما، باشى يوغان، قۇيرۇقى قىسقا، قاڭشارلىق ھەم قوشاۋۇز بۇرۇن كىلىدىغان ھايۋان زاتىنىڭ ئومۇمى نامى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللارىدا، مەن 50 يىل ئوۋچىلىق قىلغان توختاخۇن دادامدىن (ئاپامنىڭ ئاتىسى) «بۆكەن»،  «پۇلمۇيۇز»، «مۇيۇزدۇرا» دىگەندەك ناملارنى كۆپ ئاڭلىغان ھەمدە شۇ چاغلاردا ئۆيىمىزدە ساقلانغان،  ئازراق ياپراق توغرالغان بۆكەن مۇيۇزىنى ۋە ئىككى تال ئەينەن بۆكەن مۇيۇزىنى كۆرگەن ئىدىم. مۇيۇزنىڭ يۇغان باشى سار قوڭۇررەڭدە، ئوتتۇراسىدىن ئۇچىغىچە سار ناۋاترەڭدە كۆرۈندىكەن. كىيىن چوڭ بولۇپ بىلىشىمچە، « بۆكەن» دىگەنى، شۇ ھايۋاننىڭ ئۇيغۇرچە نامى بولادىكەن. «پۇلمۇيۇز» دىگەنى، بۆكەننىڭ مۇڭگۇزى كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۈپەتلەپ، پۇلمۇيۇز (پۇللۇق مۇڭگۇز دىگەن مەنەدە) ئاتاشقان ئىكەن.  «مۇيۇزدورا» دىگەنى، بۆكەننىڭ مۇيۇزى تىبابەتتە مۇھىم دورا ئەشياسى بولغانلىقتىن، ئۇنى سۈپەتلەپ،« مۇيۇزدورا » دەپ ئاتاشقان ئىكەن. ئۇيغۇرچە بۆكەن دىگەن سۆزنىڭ لاتىنچە نامى « Saiga »، خەنزۇچە نامى «高鼻羚羊» دەپ ئاتالادى. بۆكەن تىكىسىنىڭ ئىككى تالدىن مۇيۇزى (مۇڭگۇزى) بولادى. ئۇرغاچىنىڭ مۇيۇزى بولمايدى.

 بۆكەنرۇق، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، «بۆكەن +رۇق» شەكلىدىن تۈزۈلگەن. بۆكەنرۇق،  مۇيزاقئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى بولادى. يەنى، بارلىق بۆكەن زاتلارى بۆكەنرۇققا تەۋە بولادى.  ئۇيغۇرچە بۆكەنرۇق دىگەن سۆزنىڭ لاتىنچە نامى، «  Saiga »، خەنزۇچە نامى «高鼻羚羊属» دەپ ئاتالادى. تۆۋەندىكى رەسىم  بۆكەن بولادى. بۇ رەسىمىنى بەيدۇ تورىدىن تاللادىم.

 

bwcen tatary_副本

2. بۆكەنرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

بۆكەنرۇق، ھايۋانات مىقياسنىڭ تارچا قەبىلەسىدىكى ھايۋان تەبىقەسىنىڭ ئاراياق جەمەتىگە، ئۇنىڭ مۇيزاق ئائىلەسىدىكى ئەنەپ شاخئىلەگە تەۋە رۇق بولادى. (1-جەدۋەلگە قاراڭ)

 

1- جەدۋەل: بۆكەنرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

مىقياس: ھايۋانات مىقياس

Animalia

动物界 

 

قەبىلە: تارچابىلە

Chordata

脊索动物门 

 

تەبىقە: ھايۋانبىقە

Mammalia

哺乳纲 

 

جەمەت: ئاراياقمەت

Artiodactyla

偶蹄目 

 

ئائىلە: مۇيزاقئىلە

Bovidae

牛科 

 

شاخئىلە: ئەنەپ شاخئىلە

Antilopinae

羚羊亚科 

 

رۇق نامى: بۆكەنرۇق

Saiga

高鼻羚羊属 

 

 

3. بۆكەنرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى

مەنبەلەرگە قاراغاندا، بۆكەنرۇقتا دۇنيا بويىچە پەقەت بىرلا زات بايقالغان ئىكەن. شۇڭا ھازىر، بۆكەنرۇقنىڭ پەقەت بىرلا زاتى بار دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى « بۆكەن تاتارى» دەپ ئاتادىم.  بۆكەن تاتارىنىڭ لاتىنچە نامى « Saiga tatarica »، خەنزۇچە نامى «高鼻羚羊» دەپ ئاتالادى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، بۆكەن تاتارىنىڭ دۇنيا بويىچە پەقەت ئىككىلا شاخزاتى بار ئىكەن. بۇ شاخزاتلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى، «بۆكەن تاتار مۇڭغۇلى» بولۇپ، تاشقى مۇڭغولىيە زىمىنىدا ياشايدىكەن.  يەنە بىرىنىڭ نامىنى، « بۆكەن تاتار تاتارى» دەپ ئاتادىم (2-جەدۋەلگە قاراڭ). بۇ شاخزات، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەرى جەزىرەلىرىدە ياشايدىكەن. 

 

2- جەدۋەل: بۆكەنرۇق زاتى ۋە شاخزاتلارى، ئۇلارنىڭ ناملارى

رۇق نامى: بۆكەنرۇق

Saiga

高鼻羚羊属 

 

زات نامى: بۆكەن تاتارى

 S. tatarica

高鼻羚羊

 

شاخزات نامى: بۆكەن تاتار مۇڭغۇلى

Saiga tatarica mongolica

高鼻羚羊蒙古亚种

 

شاخزات نامى: بۆكەن تاتار تاتارى

Saiga tatarica tataric

高鼻羚羊指名亚种

 

 

 مەن كىچىكىمدە توختاخۇن دادامدىن ئاڭلىشىمچە،  1940-يىللاردىن بۇرۇن ھازىرقى جۇڭغار ئويپاتىدا بۆكەنلەر توپ-توپ ياشاپ يۈرۈيدىكەن. كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۆكەنلەر ناھايىتى ئازلاپ ئۇچراتقالى بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. پەقەتلا چىڭگىل، بەيتىك تەرەپلەردە ئاندا-ساندا ئۇچرايدىكەن. مەن 1978-يىلى خىزمەت بىلەن جۇڭغار ئويپاتىنى قارامايدىن باشلاپ بەيتىك ۋە مورىغىچە بولغان ئارالىقىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتىم. تۇمۇز ئايلارىدىكى 20 كۈنلۈك دالا تەكشۈرۈشتە، شۇ چاغلاردىكى تۈگەليوق (نەسلى قۇرىغان) دەپ قارالغان  قۇلان ، بۆكەن زاتلارنىڭ بار يوقلىقىنى كىچە-كۈندۈز دىگىدەك كونكانىڭ (قارا ماشىنا) ئۈستىدە دۈربۈن بىلەن كۈزۈتۈپ ماڭدىم. 20-30چە جەرەنلەر، بىر-ئىككىدىن قۇلانشەك، 3-4 تۇڭۇز، 4-5 ئارقار، ئوننەچچە تاغۆچلەرنى كۆردۈم. ئەمما، قۇلان، بۆكەن دىگەنلەر پەقەتلا ئۇچرامادى. دىمەك، شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويپاتىدا ياشاۋاتقان بۆكەنلەرنى 50- يىللاردىن باشلاپلا كىشىلەر ئۇچراتمىغان. بۇ ئېھتىمال، بۇ يەرلەردە كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلەرى كۈچەيگەن، بۆكەنلەرنى قالايماقان ئوۋلاشتىن بولغان، ھەم بۆكەنلەر ئەتراپتىكى تېنچ مۇھىتلارغا كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك. دىمەك، بۆكەننىڭ جۇڭگو ھەم رايونىمىزدا ياشاۋاتقان زاتى بولماغانلىقتىن، دۆلىتىمىز 80- يىللاردا قازاقىستان، قالماقىستان (كارمىك) قاتارلىق دۆلەت-رايونلاردىن بۆكەن زاتىنى ئەكىرىپ كۆپەيتمەكچى بولدى.  شۇ قاتاردا، بىزمۇ فۇكاڭ جەزىرە تەتقىقات پونكىتىدە تۇغۇلغىنىغا ئىككى ھەپتەدەك بولغان بۆكەن ئوغلاقىنى ئەكىرىپ باقتۇق. مەن بۇ بۆكەن ئوغلاقلارىغا 3-4 كۈن قارادىم. بۇ ئوغلاقلار يىڭى ماكاندىن ھەم بىزدىن يىتىرقاپ، سۇ ئىچمەيدۇ، سۈت ئەممەيدۇ، يۇمران ئوت-چۆپمۇ يىمەيدۇ، قوتاننىڭ دالدا بۇلۇڭىدىن چىقماي يىتىۋالدى. مەنمۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن 5 كۈندىن كىيىن بۇ يەردىن كەتتىم. كىيىن ئاڭلىسام، مەن كىتىپ 10-20 كۈندىن كىيىن بۆكەن ئوغلاقنىڭ بىرى ئۆلۈپ قاپتۇ، يەنە بىرىنى گەنسۇ ئۆلكەسىنىڭ ۋۇۋى دىگەن جايىدىكى ھايۋانات باغچىسىغا يۆتكەپ كەتكەنىكەن.  چەت دۆلەتلەردىن دۆلىتىمىزگە ئەكىرىپ باققان بۆكەن توغراسىدىكى بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجەسى قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىدىن ھازىر خەۋەرىم يوق.

 

 بايان ئاخىر

يوقارىدا، بۆكەنرۇق ۋە ئۇنىڭ زاتى، شاخزاتى توغراسىدا بىلگەنلەرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. مەزگۇر ئەسەر، مۇشۇ مەزمۇندا يازىلغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ تۈنجىسى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ پىكىرىگە مۇھتاجمەن. 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 246 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5161
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز