22نويابىر

200-ئەسەر

خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمى، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ تەبىئى قانۇنىمۇ؟

私有制是人类发展的自然法则吗?

جىمسارى

بايان ئاۋۋال 

مەن 60 يىلدىن بېرى جەمىيىتىمىزدە، خۇسۇسى ئىگىلىك، ھەمكارلىق ئىگىلىك، كوپىراتىپ ئىگىلىك، سوتسىيالىستىك ئىگىلىك، كوممۇنىستىك ئىگىلىك، پىلانلىق ئىگىلىك ۋە شەخسى ئىگىلىك، بازارلىق ئىگىلىك دىگەندەك ئىگىلىك شەكىللىرىنى كۆردۈم، مەكتەپلەردە  بۇ توغرىدىكى دەرىسلەرنى ئوقۇدۇم، پارتىيە مەكتەپلىرىدە بۇ ھەقتىكى لېكسىيە ياكى نۇتۇقلارنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلىدىم.  ھازىر مىنىڭدە، كۆرگەن-بىلگەن ئەمەلىيەتلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ، خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمى، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ تەبىئى قانۇنىمۇ؟ دىگەن سۇئال پەيدا بولۇپ قالدى. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، نىمە ئۈچۈن شۇنداق تۇنۇشقا كىلىپ قالغانلىقىم قىسقىچە بايان قىلىندى.

1. خۇسۇسى ئىگىلىك

مەن تۇغۇلۇپ ئىسىمنى بىلسەم، ئائىلىمىز، بىر كىچىك يېزىنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا بولۇپ، ئاتام تۆمۈرچى، ئاپام كىيىمچى ئىكەن. ئۇرۇسلار سالغان كاتتا سارايدەك ئايۋان-قورولۇق ئۆيلەردە  تۇرۇدىكەنمىز. مەن قېرىنداشلارنىڭ بەشىنچىسى ئىكەنمەن. ئاتامنى بەزىلەر ئادىللا تۆمۈرچى دەپ، بەزىلەر ئادىللا باي دەپ، يەنە بەزىلەر، ئادىللا ئاخۇن دەپ ئاتىشىدىكەن. چوڭ بولۇپ بىلىشىمچە، ،مەن تۇغۇلماستا ئائىلىمىز بىرەيلەننىڭ قورۇسىنى ئۇزۇن يىل ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. 1949-يىلى ئۆزىمىزنىڭ قورويىمىزنى يېڭىدىن پۈتتۈرۈپ كۆچۈپ كىرگەن ئىكەن.

مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، يۇرتىمىزدا 1952-يىلىدىن بۇرۇن، ھەممە ئادەم خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمىدە ئوقەت قىلىدىكەن. مەيلى دىخان، چارۋىچى، ھۆنەرۋەن ياكى سودىگەر بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى بەلگۈلەپ، ئەقىل پاراسىتى ۋە چامىسىنىڭ يىتىشىچە ناھايىتى ئەركىن ھالدا تىرىشىپ قىلىدىكەن. ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆزى قول سىلىپ تىكلەيدىكەن. ئائىلىلەر ئاساسەن كەسىپلەشكەن بولۇپ، ھەممە ئىشنى قىلىدىغان ئۆنىۋېرسال چوڭ ئىگىلىكتىكى ئائىلىلەر يوق دىگىدەك ئاز ئىكەن. كىشىلەر، ئۆز ئارا راستچىللىق، ئادىللىق، مېھرىبانلىق پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشىدىكەن. ئەمگەك كۈچى  ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە، بىر ئىككى كۈن ھەقسىز ياردەملىشىدىكەن. دىخانلار، قورال-سايمان، ئۇلاقلىرىنى تەشكۈت ئىشلىتىدىكەن. ھەممە ئائىلىلەر جان سانىغا قاراپ، يىللىق تاپقان كىرىمىنىڭ مەلۇم نىسبىتىدە شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتكە  باج تاپشۇرۇدىكەن، مىچىتكە ھۇشۇر-زاكات، خەيرى-ساخاۋەت قىلىدىكەن. مىچىت ئارقىلىق ئېھتىياجلىق ئائىلىلەر تەمىنلىنىدىكەن.

ئۇ چاغلاردا، بىر تاختا قارا چايغا بىر پاقلان تىگىشىدىكەن. بىر ئۇلاق ئات تاققاغا بەش شىڭ (تەخمىنەن 12 كلوگىرام) بوغداي بېرىدىكەن، بىر مو پۇلغا 10 دانە تۇخۇم كىلىدىكەن، پۇشۇرۇپ ساتقان بىر قوي باشى بىلەن 4 تال پاچىقى 3 مو پۇلغا كىلىدىكەن. بىر كىلوگىرام قوي گۈشى 5-6 مو، بىر كالانىڭ ئىچال-كاللا پاچىقى تەخمىنەن 4-5 يۋەن، قوينىڭ 7-8 مو ئەتراپىدا بولىدىكەن. ھەممە ئادەم بارغا شۈكرى قانائەت قىلىپ، خوشال-خورام ياشايدىكەن، تويلار ئاددى ئەمما داغدۇغىلىق بولىدىكەن، مېھمانلار، توينىڭ ئالدى كەينىدە ، ئات-تۆگە، كالا- قوي، توخو- توشقان، سەۋزە-ياڭيو،  نان-توقاچ داستىخانلىق قىلىدىكەن. تويلار ئاز بولغاندا 3 كۈن، كۆپ بولغاندا 7 كۈن ئىلىپ بېرىلىدىكەن، تاپقىنى كالا-قوتاز يەيدىكەن، ئوغلاق-بەيگە ئۇيۇنى ئوينايدىكەن، تاپالمىغىنى قوزا-خوراز يەيدىكەن، پوتا –ساما ئۇسۇلى ئوينايدىكەن.

2. كوپىراتىپ ئىگىلىك

ئاڭلىشىمچە بىزنىڭ يۇرتىمىزدا، 1954-يىلىدىن باشلاپ يەر ئىسلاھاتى ئىلىپ بېرىلىپ، ھەمكارلىق ياكى كوپىراتىپ ئىگىلىك دەيدىغان ئىگىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىكەن. بىر نەچچە دىغان بىرلىشىپ يەر تېرىيدىغان، بىر نەچچە چارۋىچى بىرلىشىپ مال باقىدىغان، بىر نەچچە تۈمۈرچى بىرلىشىپ دۇكان ئاچىدىغان تۇزۇم يولغا قويۇلغان ئىكەن. بىزنىڭ ئائىلىمىزمۇ باشقا 3 تۆمۈرچى ئائىلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۆمۈرچىلىك كارخانىسى قۇرغان ئىكەن. بىرەر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، يەرلەرنىڭ، ماللارنىڭ، ئۇلاقلارنىڭ، سايمانلارنىڭ ۋە شەخسىلەر بىلىم-ھۈنەرلىرى ۋە ئەمگەك قىزغىنلىقىنىڭ ياخشى- ناچار پەرقى تۈپەيلىدىن، ھەر خىل زىددىيەتلەر بىخلىنىشقا باشلاپتىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ياخشىلىنىپ قالار دىگەن ئۈمۈدتە، 1957-يىلغىچە ھەمكارلىق ياكى كوپىراتىپ ئىگىلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغان ئىكەن. ئەمما ھەر خىل ئىگىلىكنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ئاشقان بولسىمۇ، يىللىق دارامەت ئازايغان ۋە تەڭ تەقسىمات قىلىنىپ، كىشىلەر قىزغىنلىقى تۆۋەنلىگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم كىشىلەر، خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمى ياخشىدى، دارامەت ئەجرىمىزگە يارىشا بولاتتى دىيىشكەن ئىكەن.

3. سوتسىيالىستىك ئىگىلىك

مەن كىچىك چاغلاردا، سوتسىيالىستىك ئىگىلىك، كوممۇنا ئىگىلىك دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايدىغان. ھەمدە، بۇ ئىگىلىكنىڭ بىر قىسمىنى مەن باشتىن كەچۈردۈم. 1958 ياكى 1959-يىلىمىكىن، كوپىراتىپ ئىگىلىك يەنىمۇ تەرەققى قىلدىمۇ ياكى ئەمەلدىن قالدىمۇ بىلمىدىم، ئىشنى قىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىۋى ئەمەلدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كوممۇنا دىگەن بىر ئورگان، ئۇنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن ئەترەت دىگەن ئىدارىلار  قۇرۇلدى. سوتسىيالىزىم دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولدى. مەن باشلانغۇچقا كىرگەن يىلىم، مەكتەپتە، سوتسىيالىزىم ياخشى، كوممۇنا ياخشى دىگەن ناخشىلارنى ئۆگىنەتتۇق ھەم كۈندە ئېيتاتتۇق.

 كوممۇنا قۇرۇلغاندىن كىيىن، بارلىق ئادەملەر، ئەترەت دەيدىغان ئىدارىغا تەۋە قىلىندى. شەخسىلەردە ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىۋىىدا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان يەر، چارۋا، دۇكان قاتارلىقلار ھېچنىمە قالمىدى. بارلىق يەر، چارۋا، دۇكانلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنانىڭ بولۇپ، كوللىكتىپ ئىلكىگە ئۆتتى. يەيدىغان تاماقلىرىمىزمۇ كوللىكتىپ ئىلكىگە ئۆتتى. ئۆيلەردە تاماق ئەتمەي، كوللىكتىپ ئاشخانىلاردا تاماق يەيدىغان بولدۇق. مىھمان كەلگەندە، قۇرسىقىمىز ئاچقاندا ئۆيدە يىگىدەك بىر نەرسە يوق. 1960-يىلى، ئەتىيازدا ئاپام باشلىق 4-5 ئايال، مىنىڭ بىلەن يەنە ئىككى بالا، ئالدىنقى يىلى كۈزدە تىكەن بېسىپ كىتىپ ئورۇلماي تاشلىۋىتىلگەن كوممۇنانىڭ بوغدايلىقىغا ئوغۇرلۇقچە باش تەرگىلى باردۇق. ئاپام ئىككىمىز 3 كۈن ئوغۇرلۇقچە تېرىۋالغان باشاقتىن ئىككى يېرىم كۈرە بۇغداي چىقتى. بۇغداينى تۇنۇش تۈگمەنچى ئارقىلىق ئۇن تارتىۋىلىپ، كىچىدە تاماق قىلىپ يەيدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، ئوغۇرلۇقچە باش تېرىپ، ئوغۇرلۇقچە ئۇن تارتىپ، ئوغۇرلۇقچە كىچىسى تاماق ئىتىپ يەپ 1962-يىلنى ئامان ئىسەن چىقاردۇق. يېزىمىزدا ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، 1963-يىلدىن، 1968- يىلغىچە مەن ئۆيدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم. 1969-يىلىدىن باشلاپ، يېزىمىزغا قايتىپ دىخان بولدۇم.

مىنىڭ بىلىشىمچە، 1963-يىلىدىن 1983-يىلغىچە يېزىلىرىمىز ئومۇمى خەلق ئىگىلىك تۈزۈمىدە بولدى. شەخسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ھېچنىمە قالمىدى. يەر، سۇ، ئورمان، چارۋا، باغ، دۇكان، ساراي، كارخانا، ئاشخانا ھەم مىللەتچى، ئوڭچى، خىيانەتچى، ئەكسىلئىنقىلاپچى، شۇجىڭجۇيىچى دىگەندەك قالپاق كىيىۋالغان ئائىلىلەرنىڭ بىر قىسىم ئۆي-زىمىنلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنانىڭ، دۆلەتنىڭ بولدى. شەخسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئۆيى، بالا چاقىسى قالدى. بىزنىڭ كوممۇنادا، بىزنىڭ ئەتىرەتتە، بۇغداي، قۇناق، كۆپلەپ تېرىلاتتى، 7-ئايدىن 9-ئايغىچە ئورما قىلاتتۇق، بۇغداي باغلاملىرى ھەيۋەتلىك ئىگىز تاغ بولۇپ قىرلىناتتى.9 -ئايدىن كىلىدىغان يىلى 2- ئايغىچە خامان تىپەتتۇق. شۇنداق بولسىمۇ ھوسۇل ئاشمايتتى. دىخان ئائىلىلەرنىڭ نورما ئاشلىقى يەتمەيتتى. يىللىق دارامەت بەزى ئائىلىلەرگە 10-20 يىۋەن كېلەتتى، بەزى ئائىلىلەرگە ھەتتا قەرىز ئارتىلىپ قالاتتى. يىل بويى ئىشلىسەكمۇ، كۆپلىگەن ئائىلىلەر نورما ئاشلىقتا ۋە دارامەتتە نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلغان ئىدى. كوممۇنانىڭ چارۋىلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىر ئائىلە، بىر ئايدا يېرىم كىلو گۆش يىيەلەيتتى. ئۇ چاغلاردا، ئاشلىق، گۆش، تۇخۇملار ناھايىتى ئەرزان بولسىمۇ، كوممۇنا دۇكىنىدىن نورما بىلىتىگە ئالاتتۇق، شەخسىلەر بۇلارنى ئىشلەپچىقارسا، سودا قىلىپ ئېلىپ سېتىشقا بولمايتتى. بۇلار، كاپىتالىزىم گۇنالىرى ھېساپلىناتتى. دىخانلار ئاشلىق تېرىپ تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن نورما ئاشلىققا قەرىزدار بولىدۇ، نۇرغۇن چارۋىلار تۇرۇپمۇ نىمە ئۈچۈن گۆش يېتىشمەيدىغاندۇ دەپ مىنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتتى.

بۇ يىللاردا، مەكتەپتە سوتسىيالىزىم، كوممۇنىزىم توغرىسىدىكى دەرىسلەرنى ئاڭلايتتۇق. كوچىلاردا كوممۇنىزىم ھەققىدە ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى كۆرەتتۇق. ئاممىۋى چوڭ يىغىنلار كۆپ ئېچىلاتتى. شۇ چاغدىكى چۈشەنچىمىزدە، ھازىر سوتسىيالىزىم تۈزۈمىدە ئىگىلىك ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن، كوممۇنىزىم تۈزۈمىدە ئىگىلىك ئېلىپ بارىمىز، بۇ چاغدا، ئىلىم-ھۈنەرلەر تەرەققى قىلغان بولۇپ، ھەركىم قابىلىيىتىگە قاراپ ئىشلەيدىكەن. ئاشلىق، گۆش دىگەنلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىكەن، ھەركىم ئېھتىياجىغا قاراپ تەمىنلىنىدىكەن. كوممۇنىزىم دەۋرىدە، شەخسى دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇد بولمايدىكەن. ئىنسانغا كېرەكلىك بارلىق مەئىشەت ئومۇمنىڭ بولىدىكەن، ھەتتا، خۇتۇن- قىزلارمۇ ئومۇمنىڭ بولىدىكەن. بىز خۇددى بىھىشتە تۇرغاندەك ياشايدىكەنمىز…………………

قۇرسۇقۇم ئېچىپ كىتىپ ئۇيخۇنۇپ كەتتىم، قارىسام، دەرھال يىگىدەك بىر نەرسە يوق ئۆيدە تۇرغىدەكمەن، ھېلىقى بىھىشتە ياشىغان كۈنلەرنى مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ئىكەنمەن.

4. خۇسۇسى ئىگىلىك

شۇنداق قىلىپ، 1983-يىلى، مەرگەزنىڭ يوليورىقى بويىچە، يېزىمىزدا كوممۇنا ئەمەلدىن قالدى، ئۇنىڭ ئورنىغا يېزا پارتىكومى، يېزا خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، كوممۇنا يەرلىرى، يېزا دىخانلارىغا بۆلۈپ ياكى كۆتىرەگە بېرىلدى، كوممۇنا، ئەترەت بىساتلىرى، ئىشخانا ئۆيلىرى خالىغانلارغا تەقسىم قىلىندى، كوممۇنا دۇكانلىرى، سارايلىرى، كارخانىلىرى شەخسىلەرگە كۆتىرە بېرىلدى، ئەترەتلەرنىڭ ئېغىل قوتان، ئامبارلىرى بۇزۇپ-چۇۋۇلۇپ، ياغاچ-تاشلىرى ئاممىغا تەقسىم قىلىندى، نۇرغۇن نەرسىلەر شەخسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولدى، ئىگىلىكنى شەخسى ئۆزى باشقۇرىدىغان خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. كىشىلەر ئۆزلىرى تۇيمىغان ئەھۋالدا يېزىلىرىمىزدا ئاجايىپ زور ئۆزگۈرۈشلەر بولۇشقا باشلىدى. بۇ ھالەتنى كۆرۈپ، بەزىلەر كۈلدى، بەزىلەر قايغۇردى، بەزىلەر، دۆلىتىمىز ۋە كومپارتىيەنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى……..

1998-يىلى يۇرتۇمغا قايتىپ كۆرگەنلىرىمگە ھەيران قالدىم. يېزىلاردا ئاپتاپ سۇنۇپ ياكى قاتار ئوينايدىغان بىكارچىلار قالماپتۇ، مىللەتچى، ئوڭچى، شۇجىڭجۇيىچى، بۇزۇق ئۈنسۈر، باي دىخان، پومىچىك دىگەندەك قالپاقلارنى كىيىدىغانلار قالماپتۇ. ھەركىم خالىغىنى بويىچە دىخان، تىجارەتچى، قاسساپ، تۆمۈرچى، مىسكەرچى، ئاشپۇزۇلچى، تېرىچى، كىيىمچى…….بوپ كىتىپتۇ، ئۇلار، ئۆزىگە تەۋە بولغان يەر، چارۋا، ئورمان …مەئىشەتلەرنىڭ، ئۆز ئىگىلىكىنىڭ ھەقىقى خۇجايىنىغا ئايلىنىپتۇ، بىر يىللىق يەيدىغان ئاشلىق، مايلىرىنى چوڭ تۈگمەن، جۇۋازخانىلارغا ئۆتكۈزۋىتىپ خالىغان چاغدا ئەكىلىپ يەيدىغان بوپتۇ، قورولىرىدا ماللار سەمىرىپ، مېھمان كەلسە بىرىنى سويۇپ مېھمان قىلىدىغان دەرىجىگە كەپتۇ، مىنىشلىرى موتو، پىكاپ، كىيىملىرى داڭلىق ماركىلىق پەلتو، مامۇق بوپتۇ، كونا ئۆيلەر ئورنىغا كاتتا ئۆيلەر سېلىنىپتۇ، تۇققانلارنىڭ بالىلىرى ئىستۇدىنىت، باكلاۋىر، ماگىستىر، دوكتۇر دىگەندەك ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىملاردا چاقىرىلىدىغان بوپتۇ، مەن بىلىدىغان بىر نەچچە بالىلارنى سورىسام، ئۇلار بېجىن، شاڭخەي، ۋاشىنتون، لوندۇن، كالىفورنىيە، توكيۇ دىگەن يەرلەرگە ئوقۇشقا ياكى ئىشلەشكە كىتىپتۇ. يېزىمىزدىكى كىشىلەر شۇنداق ئەمگەكچان ، مېھماندوس، مەرت، چاقچاقچى بولۇپ كىتىپتۇ، دۆلەتنى، تۈزۈمنى مەدھىلەيدىغان، ئىتپاقلىقنى ، زاماننى كۈيلەيدىغان  ئەدەبىياتچى، سەنئەتچى بولۇپ كېتىپتۇ، ساخاۋەتچى كىشىلەر، ھاجىملار، دۇنيانى ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ كۆپۈيۈپتۇ، ماڭا، ھەممە كىشى باي بولغاندەك بىلىندى، نامرات دەپ قارالغانلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ، مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن باي دىخانلار تۇرمۇشىدىن ياخشىكەن.

بايان ئاخىر

مەن ھازىر ئويلاپ قالدىم، يەنە شۇ ئوخشاش يەر-زىمىن، يەنە شۇ ئوخشاش شارائىت، يەنە شۇ خىل ئادەملەر ياشىغان يەردە نىمە ئۈچۈن مۇنداق زور ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ قالدى؟ بۇ پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈچ زادى نىمە؟ ئادەمنىڭ ماھىيەتى نىمە؟ ئەمما، مەن بۇلارنى بىلەلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئىگىلىك تۈزۈملىرى نوقتىسىدىن سېلىشتۇرۇپ، خۇسۇسى ئىگىلىك تۈزۈمى، ئىنسان تەرەققىياتىنى ئۆزلۈكسىز ئالغا باستۇرىدىغان تەبىئى قانۇنمۇ قانداق؟ دىگەن ئويغا كېلىپ قالدىم.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 399 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3563
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. I really enjoy reading on this web site , it has got superb content . ”Those who complain most are most to be complained of.“ by Matthew Henry.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز