باش بەت > ئۇنىۋېرسال, تىل ۋە يېزىق, گىياھنامە > «马铃薯» دىگەن نام ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتىلىشى كېرەك؟
25نويابىر

«马铃薯» دىگەن نام ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتىلىشى كېرەك؟

«بەرەڭگە» دىگەن  نىمە؟ بۇ نام نەدىن كەلدى؟ 

A.R.Bostany

بايان ئاۋۋال

 بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىستىمال قىلىدىغان ، «ياڭيو» دىسە ھەممە ئۇيغۇر بىلىدىغان، ھەم كۆكتات ئورنىدا  ھەم ئاشلىق ئورنىدا يىگىلى بولىدىغان «كۆكاشگىياھ»  بار.( كۆكاشگىياھ، ئاپتور ئىجات قىلغان نام، ھەم كۆكتات ھەم ئاشلىق قىلىنىدىغان گىياھ «كۆكاشگىياھ»، دىگەن نامدا ئاتالدى).

مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئىنسانلار  بۇنىڭدىن تەخمىنەن 7000 يىللار بۇرۇن، ئۆزلىرىنىڭ ياشاش تارىخىدا، بۇ كۆكاشگىياھنى بايقاپ، زىرائەت قىلىپ ئۆزلەشتۇرگەن ئىكەن. بۇ گىياھنىڭ نامىنى ھەرقايسى ئەللەر، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەتتا بىر مىللەت ئىچىدىكى ھەر خىل رايونلاردا ئۇنىڭ شەكلى، رەڭگى  ۋە تەمىگە ئاساسەن ھەرخىل نام بىلەن ئاتىغان. نېتىجىدە مىللەتلەر ئارا ياكى  رايونلار  ئارا ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن بۇ گىياھقا ئائىت سودا ۋە بىلىم- تېخنىكا ئالماشتۇرۇش قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بوتانىكلار  پېشىۋاسى لىننېي بۇ گىياھقا « Solanum tuberosum L. » دىگەن لاتىنچە نامنى قويغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ گىياھ نامى بىرلىككە كىلىپ، پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇلغان.

 2006 -يىلى نەشىر قىلىنغان «خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى » دە ، بۇگىياھ نامى «ياڭيۇ، تۇغدىكۆك، بەرەڭگە، كارتوپىيە» دىگەندەك تۆت خىل نام بىلەن ئاتالغان. بۇ ناملار، تەڭ دەرىجىدە تىزىپ يېزىلغان بولۇپ، قايسى نامنىڭ  ئەڭ مۇۋاپىق ياكى ئۆلچەملىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا، بۇ 4 خىل نامنىڭ مەلۇم بىرىنى ئىشلەتسەك لۇغەت ئىشلىگۇچىگە ياكى لۇغەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، خاتا ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، يېقىندىن بۇيان، بۇ گىياھ «بەرەڭگە» دىگەن نام بىلەن تىلىمىزدا ۋە يازىقىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. دىمەك، «بەرەڭگە» دىگەن نامنى قوللانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «بەرەڭگە» دىگەن نامدىن باشقىسى مۇۋاپىق ئەمەستەك قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بۇ توغرىدا، ھېچكىم ھېچقانداق يەردە، ھېچقاچان، ھېچقانداق چۈشەنچە ياكى ئىزاھات بەرمىدى ياكى بولمىسا بۇنى مەن كۆرمۈدۈم. ئەمما مەن ،« بەرەڭگە» دىگەن نام ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەس دەپ قارايمەن.  شۇڭا ،  بۇ نامنى قوللۇنۇش مۇۋاپىق ئەمەس، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ توغرىدىكى پىكىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، تۇۋەندىكىچە مۇھاكىمە قىلدىم.

1. بىزنىڭ  «ياڭيۇ» دىگىنىمىز ، «پىدىگەن تۇبەرى » ياكى «تۈبەر» بولىدۇ.

«ياڭيو» دىگەن ئاتالغۇ بىزنىڭ تىلىمىزغا خەنزۇچىدىن قۇبۇل قىلىنغان. «ياڭيو»   دىگەن بۇ گىياھ، چەتئەلدىن جۇڭگوغا كۆچۈرۈپ كىلىنگەندىن كىيىن، 10 خىلغا يېقىن  ناملاردا ئاتالغان. بىز شۇ ناملارنىڭ ئىچىدىكى شەنشى ۋە گەنسۇ تەلەپپۇزىدىكى ياڭيو(توغرىسى ياڭيۈ洋芋 ) دىگەن نامنى قۇبۇل قىلغاندەك قىلىمىز.  ھازىر خەنزۇچىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك نامى «马铃薯» دەپ ئاتىلىدۇ. ياڭيو دىگەن گىياھنىڭ لاتىنچە نامى، « Solanum tuberosum L.» دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ لاتىنچە نامىنى « ر. ئادىللا قائىدىسى» بويىچە  ئۇيغۇرچە ئاتىساق  «پىدىگەن تۇبەرى » بولىدۇ. ئۇيغۇرچە بۇ ئىسىم ، تۈۋەندىكى ئاساسلارغا ئاساسەن قويۇلغان: «سولانۇم » دىگەن سۆز لاتىنچە  ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى « پىدىگەنرۇق» نى بىلدۇرۇدۇ. «تۇبېروسۇم  »دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى، تۇخۇمسىمانغول ، تۈگۈنەكسىمانغول ياكى يۇمۇلاق كاللەكغول دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرچە، « تۈبىر ياكى تۇبەر »  دەپ ئاتايمىز.

دىمەك ، «پىدىگەن تۇبەرى » دىگەن ئىسىم ، گىياھزاتىنىڭ نامى بولۇپ، «پىدىگەن» ۋە «تۇبەر»دىن ئىبارەت ئىككى ئىسىمدىن تۈزۈلگەن. «ر.ئادىللا قائىدىسى» بويىچە گىياھزات ناملىرى ئىككى سۆز(ئىككى ئىسىم)دىن تۈزۈلىدۇ. بىرىنچى سۆز(ئالدىنقى سۆز) زات تەۋە بولغان رۇقنامىنى كۆرسۈتۈدۇ، ئىككىنچى سۆز(كەينىدىكى سۆز)زاتنامىنى كۆرسۈتۈدۇ. مۇشۇ قائىدە بويىچە قويۇلغان «پىدىگەن تۇبەرى » دىگەن بۇ نام ،خۇددى ئادەمنىڭ ئىسىم –فامىلىسىگە ئوخشاش پىدىگەنرۇقنىڭ تۈگۈنەكسىمانغوللۇق ياكى يۇمۇلاق كاللەكغوللۇق زاتى دىگەندەك كىشىگە ئىنىق ئۇقۇم بېرىدۇ.

ئەندى بىز بىۋاستە ئىستىمال قىلىدىغان گىياھ مەھسۇلاتى ياكى تۇخۇمسىمان غولىنى (ياڭيونى) ئادەتتە «تۈبەر» دەپ ئاتىساق بولىدۇ.

 «پىدىگەن تۈبەرى» نىڭ تاكسونىنى «ر.ئادىللا قائىدىسى» بويىچە ئاتالغان ناملار بىلەن زاتىدىن باشلاپ قەبىلىسىگىچە بولغان  رەتىنى تىزساق تۈۋەندىكىچە بولىدۇ:

مەھسۇلات نامى (植物产品名): تۈبەر

گىياھى زاتنامى(植物种名): پىدىگەن تۈبەرى،(马铃薯، Solanum tuberosum)

گىياھى رۇقنامى (植物属名): پىدىگەنرۇق،(茄属 Solanum)

گىياھى ئائىلەنامى(植物科名): پىدىگەنئىلە، (茄科 Solanaceae)

گىياھى جەمەتنامى (植物目名) : پىدىگەنمەت، (茄目 Solanales)

گىياھى تەبىقەنامى (纲名植物) :قوشپەلبىقە (双子叶植物纲 Magnoliopsida)

گىياھى قەبىلەنامى (门名植物) : قاپلىقدانبىلە (被子植物门 Magnoliophyta)

دۇنيا نامى (界名) : گىياھى دۇنيا.

2. بەرەڭگە دىگەن ئاتالغۇ نەدىن كەلگەن؟

بىز،«پىدىگەن تۈبەرى» ياكى «تۈبەر» (ياڭيو) بىلەن قاچان تۇنۇشقانلىقىمىز، قاچاندىن بۇيان پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىمىز ھەم دەسلەپتە قانداق نام بىلەن ئاتىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقمىدىم ، ئەمما مەن كىچىك چاغلىرىمدىن بىلسەم، «تۈبەر»نى  ئۇيغۇرچە «ياڭيۇ» دەپ ئاتايدىكەنمىز. ئېنىقكى بىز «ياڭيۇ» دىگەن نامنى خەنزۇچىدىن قۇبۇل قىلغان. خەنزۇچىدا، «ياڭيۈ» دىگەن نامدىن باشقا يەنە ئاز دىگەندىمۇ 10 خىلدەك نامى بارئىكەن. بۇ گىياھنىڭ خەنزۇچە نامىدىكى قالايمىقانچىلىقنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۈچۈن،جۇڭگودىكى بوتانىكلار بىرلىككە كەلگەن «马铃薯» (مالىڭشۇ) دىگەن نامنى بۇ گىياھنىڭ مۇۋاپىق بولغان رەسمىي  نامى قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭ بىلەن «ياڭيۈ»، «تۇدۇ»، «تۇدەن»، «سەنياۋ» دىگەندەك قالغان ئوننەچچە ئىسىم، ئۆلچەملىك ئىسىم مۇنبىرىدىن چىكىندى. لېكىن بىزيەنىلا «ياڭيو» دەپ ئاتاپ كىلىۋەردۇق. خەنزۇچە ئۆلچەملىك توغرى بولغان «马铃薯 »نى نىمە دەپ  ئاتىغانلىقىمىزنى بىلمىدىم. ئەمما، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لوغىتى» دە، مالىڭشۇنى « ياڭيۇ ، تۇغدىكۆك » دەپ ئاتىغان. ئۇنداق بولسا، «بەرەڭگە» دىگەن نام نەدىن كەلدى؟. « تۇدۇ» نى بولسا،«ياڭيۇ، بەرەڭگە ،كارتوپىيە » دەپ ئاتىغان. ئەمەلىيەتتە، «马铃薯،土豆» ئىككىسى بىر گەپ. شۇنداق ئىكەن نىمە ئۈچۈن بۇلارنى ئۇيغۇرچىدا ئوخشاش بولمىغان ناملاردا ئاتايمىز؟. گىياھزات نامى مەلۇم بىر قائىدە بويىچە، مەلۇم ئاساسقا ئاساسەن قويۇلسا ئېنىق بولىدۇ. «كارتوپىيە» دىگەن نام روس تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان. بۇ يەردە پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىغا تەئەللۇقدەك بولۇپ قالغان «تۇغدىكۆك ،بەرەڭگە »  دىگەن ئىككىلا ئىسىم قالدى. بۇ ئىسىملار نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقى توغرىسىدا ياكى شۇنداق ئاتالغانلىقى قەيىت قىلىنغان مەنبەلەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئىزاھات يوق.  «تۇغدىكۆك ، بەرەڭگە » دىگەن ناملارنىڭ  قاراتمىلىقى ئېنىق ئەمەس، تەۋەلىكىمۇ (رۇقنامى) يوق . شۇڭا بۇ «بەرەڭگە ياكى تۇغدىكۆك» دىگەن ئىسىملار مۇۋاپىق بولمىغان  ھەم چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قويۇلغان  گىياھزات ناملىرى قاتارىغا كىرىدۇ. شۇڭا، تىل يېزىق بىلەن ھەپىلىشىدىغان بۇرادەرلەرنىڭ بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشى زۆرۆردەك قىلىدۇ.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 878 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2323
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

2 پارچە باھا

  1. #1 كۆكتاش بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2014-08-13 13:04

    مۇشۇ ماقالىڭىزنى ئىزدىنىش، مىسرانىم دېگەندەك چوڭراق توربەتلەرگە يوللاپ باقسىڭىز بولمامدۇ، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. پىكىر ئاڭلاشتىن باشقا، كۆپچىلىككە ئۆز پىكىرىڭىز ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرەلەيسىز. چوقۇم قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز!

  2. كۆكتاش بۇرادەر، «ئاكادېمىيە»نى زىيارەت قىلغانىڭىزغا ھەم ئىنكاس تەكلىپ بەرگەنىڭىزگە رەھمەت. سىز دىگەندەك، «مىسرانىم»، «ئىزدىنىش» ھەقىقەتەن چوڭ تورىستانلاردىن بولۇپ، ئۇنى زىيارەت قىلغۇچىلارمۇ ناھايىتى كۆپ. مەن، ئازكام 3 يىل بۇرۇن «ئاكادېمىيە» ناملىق بلوگ تورىستاننى ئېچىپ قويۇپتىمەن. دۇكانىمدا مال بولماسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئەسەرنى ئىككى يەرگە بېرىشنى مەن خالامادىم. خۇداغا مىڭ شۈكرى، سىزگە ئوخشاش «ئاكادېمىيە»نى ھەمىشە يوقلاپ تۇرادىغان بۇرادەرلەرمۇ كۆپۈيۈشكە باشلادى. مەن ئەنە شۇ بۇرادەرلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىمەن.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز