2ئاۋغۇست
«ئۇلار» ئەمەس، «ئولاي» بولادى
«ئۇلار» ئەمەس، «ئولاي» بولادى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
يەربويى 3000 مېتىردىن ئىگىز بولغان تاغلاردا توخويمەتنىڭ قىرغاۋۇلئىلەسىگە تەۋە بولغان بىر خىل پەرەندە زاتى ياشايدۇ. مەزگۇر پەرەندە زاتىنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «ئۇلار» دەپ ئاتاشقان. مىنىڭچە بولغاندا، «ئۇلار» دىگەن نامدا ئەمەس، «ئولاي» دىگەن نامدا ئاتالسا توغرا بولادى. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئولاينىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئولاي زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارىنى كۆرسەتتىم.
(يەربويى دىگەن سۆز، ئا. رەھمەتۇللا ياساغان، يەر ئورنىنىڭ دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى دىگەن مەنانى بىلدىرەدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولادى.)
1. بۇلارنىڭ نامى ئۇيغۇرچەدە «ئۇلار» ئەمەس، «ئولاي» بولادى
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 50 يىل بۇرۇن مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، ئۇستازىمىز رىشىت ئاسىم مۇئەللىم بىزگە داۋاملىق چۆچەك، ھىكايە سۆزلەپ بېرەتتى. شۇلارنىڭ ئىچىدە، «ئولاينى يەپ بولاي سېمىز» دىگەندەك بىر چۆچەك ئانچە-مۇنچە يادىمدا قاپتۇ، ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: بىر كۈنى، قاغا بىلەن ئولاي داراباياۋاندا ئوزۇق تالاشىپ قاپتۇ. بۇلار چىلىشىپ كۆرۈشنى، كىم يىڭىلسا بۇ يەردىن كىتىشنى ۋەدە قىلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، قاغا ناھايىتى تەستە ئولاينى يىڭىۋاپتۇ، ئولايمۇ يارىلىنىپ ھالىدىن كىتىپتۇ. قاغا، ئولايغا دەپتۇ : «بۇرادىرىم، سەن يىڭىلدىڭ ھەم ئېغىر يارىلاندىڭ، ياراڭ ئەمدى ساقايمايدۇ، سەن ئەمدى ئۆلىسەن، شۇڭا، سىنى ھازىرلا يەيىشىم كېرەك» دەپتۇ. ئولاي بۇ گەپنى ئاڭلاپ ماقۇل بولاپتۇ ھەمدە قاغاغا شۇنداق دەپتۇ : «بۇرادىرىم قاغا، ئادەتتە سەن پوق يەيسەن، مىنىڭ گۆشۈم ناھايىتى تەملىك، شۇڭا، مىنىڭ تەلىۋىم تۇمشۇقۇڭنى بىر يۇۋىتىپ ئاندىن مىنى يە» دەپتۇ. قاغا بۇنىڭغا ماقۇل دەپ تۇمشۇقىنى يۇغىلى سۇ ئىزدەپ مېڭىپتۇ. قاغا دارا باياۋاندا سۇ تاپالمىغانلىقتىن يەرنى كۆلاپ سۇ چىقارماقچى بولاپتۇ. بۇنىڭغا كىيىك مۇيۇزى كېرەك بولاپ قاپتۇ، قاغا كىيىككە بولغان ئەھۋالنى دەپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇيۇزىنى سوراپتۇ. كىيىك : « مىنىڭ دۆۋىلەپ قويغان ئوت چۆپۈم يوق، باللارىمنى دالادا باقامەن، بۆرىلەردىن ساقلانىشتا مۇيۇزۇم بولماسا بولمايدۇ، ئەگەر ئوت-چۆپ يىغىپ بەرسەڭ ئاندىن مۇيۇزۇمنى بېرەي» دەپتۇ. قاغا، ئوت-چۆپ ئورۇش ئۈچۈن ئورغاق سوراپ دىخاننىڭ يىنىغا كەپتۇ ھەم بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ. دىخان : « ئورغاقتا مەن جىددى ئورما قىلىۋاتىمەن، ئورغاق كېرەك بولسا تۆمۈرچىنىڭ يىنىغا بار» دەپ بەرمەپتۇ. قارغا ئۇچۇپ، تۆمۈرچىنىڭ دۇكانىغا كەپتۇ ھەم ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دەپتۇ. تۆمۈرچى ئۇستام قاغاغا كىچىك ھەم ئىتتىك ئورغاقتىن بىر سوقۇپ بېرىپتۇ. قاغا ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئورغاقنى بوينىغا ئاسىپتۇدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئولاينى يەپ بولاي سېمىز دىگەن ناخشا توقۇپتۇ، بىردەم ئىگىز بىردەم پەس بولۇپ تېز ئۇچۇپتۇ، كىيىكلەر يىنىغا ئاز قالغاندا، قاغا ئاسمانغا بىر ئۆرلەپ ئاندىن پەسكە قاراپ بىر شۇڭغۇپتىكەن ئىتتىك ئورغاقمۇ سېرىلىپ قاغانىڭ بوينى شارتلا قىلىپ كىسىلىپتۇ، قاغا تىك موللاق ئىتىپ يەرگە چۈشۈپتۇ.
بۇ چۆچەكتە دىيىلگەنى «ئولاي» ئىدى، ئەمما بىز «ئۇلار» دەپ غەيرى بىر نامدا ئاتىۋالغاندەك قىلامىز.
2. ئولايلارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
ئولايرۇق، ئولايلار دەپمۇ ئاتالادى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئولايرۇقنىڭ (雪鸡属Tetraogallus) لاتىنچە نامىنى، J. E. Gray دىگەن كىشى 1832-يىلى قويغان ئىكەن. ئولايرۇق، قىرغاۋۇل شاخئىلەگە تەۋە. قىرغاۋۇل شاخئىلە، قىرغاۋۇلئىلەگە؛ قىرغاۋۇلئىلە، توخويمەتكە؛ توخويمەت، پەرەندەبىقەغە؛ پەرەندەبىقە، تارچابىلەگە؛ تارچابىلە، ھايۋانات مىقياسقا تەۋە بولادى. 1- جەدۋەلگە قاراڭ.
ئولايلارنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە رەڭگى بۆدۈنەلەرگە ئوخشاپ قالادى. ئەمما، بۆدۈنەلەردىن خېلى چوڭ بولادى. ئولايلار، ئادەتتە يەر بويى 3000-6000 مېتىرغىچە ئىگىز بولغان دارالاردا ياشايدۇ. دارالاردا ئۆسۈدىغان گىيالارىنىڭ بەرگى، غولى، ئۇرۇقى ھەم دارالاردا ياشايدىغان قۇرۇت-قۇڭغۇز چەرەندەلەرنى ئوزۇق قىلادى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئولايرۇقتا 5 زات بار ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى، ئولاي كاۋكازى، ئولاي كاسپى، ئولاي تىبەتى، ئولاي ئالتايى ۋە ئولاي ھىمالايى دەپ ئاتادىم. 1-جەدۋەلگە قاراڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 3 زاتى دۆلىتىمىز ھەم رايونىمىز تەۋەسىدە ياشايدۇ (1-جەدۋەلدىكى كۆك رەڭدە كۆرسەتىلگەنى شۇ).
1-جەدۋەل: ئولايلارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى ئۇيغۇرچە نامى |
ھايۋانات مىقياس |
Animalia |
动物界 |
ھايۋانلار دۇنياسى، ھايۋانات دۇنياسى |
تارچابىلە |
Chordata |
脊索动物门 |
خوردىلىق ھايۋانلار تىپى |
پەرەندەبىقە |
Aves |
鸟纲 |
قۇشلار سىنىپى |
توخويمەت |
Galliformes |
鸡形目 |
توخوسىمانلار ئەترىتى |
قىرغاۋۇلئىلە |
Phasianidae |
雉科 |
قىرغاۋۇل ئائىلىسى |
قىرغاۋۇل شاخئىلە |
Phasianinae |
雉亚科 |
|
ئولايرۇق |
Tetraogallus |
雪鸡属 |
|
ئولاي كاۋكازى |
Tetraogallus caucasicus |
高加索雪鸡 |
|
ئولاي كاسپى |
Tetraogallus caspius |
里海角鸡 |
|
ئولاي تىبەتى |
Tetraogallus tibetanus |
藏雪鸡 |
تىبەت ئۇلارى |
ئولاي ئالتايى |
Tetraogallus altaicus |
阿尔泰雪鸡 |
|
ئولاي ھىمالايى |
Tetraogallus himalayensis |
暗腹雪鸡 |
قارامتۇل قۇرساق ئۇلار |
3. ئولايلارنىڭ شىنجاڭدا ياشايدىغان شاخزاتلارى
يۋەن گو يىڭ ئەپەندى تۈزىگەن، 2008-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى خەنزۇچە نەشىر قىلغان «新疆生物多样性» ناملىق ئەسەردە، شىنجاڭغا تارقالغان ئولايلار 3 زاتىنىڭ 7 شاخزات نامى خاتىرلەنگەن. مەن شۇ بۇيىچە 2-جەدۋەلدە كۆرسەتتىم.
2-جەدۋەل: ئولايلارنىڭ شىنجاڭدا ياشايدىغان شاخزاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى ئۇيغۇرچە نامى |
ئولاي تىبەتى |
Tetraogallus tibetanus |
藏雪鸡 |
تىبەت ئۇلارى |
ئولاي تىبەت تىبەتى |
T.t.tibetanus Gould |
指名亚种 |
|
ئولاي تىبەت چىمەنى |
T.t.tschimenensis Sush |
南疆亚种 |
|
ئولاي تىبەت بژېۋالى |
T.t.przewalskii Bian |
青海亚种 |
|
ئولاي ھىمالايى |
Tetraogallus himalayensis |
暗腹雪鸡 |
|
ئولاي ھىمالاي ھىمالايى |
T.h.himalayensis G.R.Gray |
指名亚种 |
|
ئولاي ھىمالاي گومزېۋىسكى |
T.h.grombszewskii Bian |
南疆亚种 |
|
ئولاي ھىمالاي كوسلوۋى |
T.h.koslowi Bian |
青海亚种 |
|
ئولاي ئالتايى |
Tetraogallus altaicus |
阿尔泰雪鸡 |
|
ئولاي ئالتاي ئورىنتالى |
T.a.orientalis. Sush |
东部亚种 |
بايان ئاخىر
يوقارىدا، ئولايلار توغراسىدا بىلگەنلەرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. ھەمدە، ئا. رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» ناملىق ئەسەر روھىغا ئاساسەن، ئولايلارغا توغرا ھەم ئېنىق دەپ قاراغان ئۇيغۇرچە ناملارنى قويدۇم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 350 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4939
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ھەقىقەتەن تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق ئويلاپسىز. سۆزلەرىڭىز دۇرۇس بولسا، ئولاي دەپ سىزنىڭچە ئالىش پۈتۈنلەي توغرا!
لېكىن سىزنىڭ خەت يازىش ئۇسۇلىڭىزنى كۆرۈپ ھەيرام قالدىم. بۇ يازمالار ئۆزبەكچەدىن دېتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەنمۇ قانداق!؟ ياكى ئۆزىڭىز شۇنداق يازدىڭىزمۇ…
مەنمۇ سىزنىڭدەك يازىشنى توغرا دەپ قارايمەن!@ لېكىن ھازىرچە ۋاقتى بولماسلىقى مۇمكىن!
كۆكتاش بۇرادەر، تورىستان «ئاكادېمىيە»نى زىيارەت قىلغانىڭىزغا ھەم ئىنكاس يازغانىڭىزغا كۆپ رەھمەت. مەقسەتكە كەلسەم، سىزدىگەندەك «ئولاي» دەپ قوللانىشنى تەشەببۇس قىلامەن.
مەن يەنە، ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشماي تۈپ تاۋۇشى بويىچە ئەينەن ئاتالغانى توغرا دەپ قارايمەن. بۇ پىكىرىمنى ئەمەلىيەتتە سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، ئەسەرلەرىمدە سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاجىزلاشتۇرماي يازدىم. «ئاكادېمىيە»دىكى ئەسەرلەرىمنى كۆرگەن بەزى بۇرادەرلەر، سىز ئۆزبەكمۇ؟ قازاقمۇ؟، قاراقالپاقمۇ ياكى نوغايمۇ (تاتار)؟ دەپ سوراشتى. مىنىڭ مىللەتىم ئۇيغۇر، مىنىڭ يازغانلارىم ئۇيغۇرچە بولادى دىگەن جاۋابنى بەردىم.