باش بەت > تىل،, گىياھنامە > «كۈمۈش ئۆرۈك» دىگەن گىيا زاتى يوق
4فېۋرال

«كۈمۈش ئۆرۈك» دىگەن گىيا زاتى يوق

 

دۇنيادا «كۈمۈش ئۆرۈك» دىگەن گىيا زاتى يوق

بايان ئاۋۋال

يىقىندا ئۆيىمىزگە ئالى مەرىپەتلىك مىھمانلار كىلىپ، تاماق ئارىلىقىدا تىلىۋىزور كۆرۈپ قالدۇق. تېلىۋىزوردا «كۈمۈش ئۆرۈك ئىچىملىكى» دىگەن ئېلان قويۇلدى. ئارىمىزدىن بىر ئاغىنەمىز: «كۈمۈش ئۆرۈك دىگەن قانداق ئۆرۈك بولغىدى، مەن ئەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىمەنغۇ» دىدى. يەنە بىرەيلەن: «ئۆرۈك، دىسە ئاددى بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭغا كۈمۈش دىگەن سۈپەت قوشۇلسا، جەلىپكارلىقى ئاشىدۇ» دىدى. يەنە بىرەيلەن: «كۈمۈش دىگىنى قاملاشماپتۇ، ئۆرۈك سېرىق ئالتۇن رەڭلىك بولغاندىكىن، ئالتۇن ئۆرۈك دىگەن بولسا بوپتىكەن» دىدى. يەنە بىرەيلەن: «بىزدە كۈمۈش رەڭلىك ئۆرۈك بولمىغان بىلەن، چەتئەللەردە بولۇشى مۇمكىن» دىدى. مەنمۇ بۇلارنىڭ گىپىگە قوشۇلۇپ: « ئۇ ئىچىملىك ئۆرۈكتىن ئىشلەنمىگەن» دىدىم. بىر بۇرادىرىمىز: «كۈمۈش ئۆرۈك ئىچىملىكى » دەۋاتمامدۇ، ئۆرۈكتىن ياسالمىسا شۇنداق دەمدۇ» دىدى. مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئېلانلاردىكى خاتا ئىسىملارنىڭ، خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىنمىسا، تىلىمىزغا ۋە دىلىمىزغا زور زىيانلارنى كەلتۈردىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىمنى بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.

1. پۈتۈن دۇنيادا «كۈمۈش ئۆرۈك» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرۈك يوق.

دۇنيادا «كۈمۈش ئۆرۈك» دىگەن ئۆرۈك زاتى يوق. شۇڭا، ئۇيغۇرچىدا كۈمۈش ئۆرۈك دىگەن سۆزمۇ بولماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولسا، ئېلاندا بېرىلگەن «كۈمۈش ئۆرۈك» دىگەن سۆز نەدىن كەلگەن؟ مىنىڭچە بۇ سۆز، «خەنزۇچ-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى» دىن ئالىنغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئېلان ئىشلىگۈچى، خەنزۇچە خەت مەنىسى بويىچە بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ پەيدا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. يەنى، مەلۇم بىر قالدۇقگىيا زاتىنىڭ نامى، خەنزۇچىدا «银杏» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خەتنىڭ بىرى كۈمۈش دىگەننى بىلدۈرىدۇ، يەنە بىرى، ئۆرۈك دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ خەنزۇچە گىيا نامىنى بىزنىڭ ئادەملىرىمىز «كۈمۈش ئۆرۈك» دەپ ئاتىغان. مىنىڭچە بولغاندا، «كۈمۈش ئۆرۈك» دىگەننى ئۇيغۇرچىدا، «گىنگو» دەپ ئاتىساق ھەم توغرا، ھەم ئىخچام بولىدۇ.

2. ئۆرۈك دىگەن قانداق گىيا؟

ئۇيغۇرچىدا ئۆرۈك دەپ ئاتالغان سۆز، كىشىلەر ئۆستۈرۋاتقان بىر دەرەخ تىپىدىكى گىيا زاتىنىڭ مىۋىسىنىڭ نامىنى بىلدۈردىغان ئىسىم سۆز ھەم شۇ مىۋە پىشىدىغان گىيانىڭ نامىنى ياكى شۇ مىۋە پىشىدىغان دەرەخنىڭ ئومۇمى نامىنى بىلدۈردىغان ئىسىم سۆز. ئۇيغۇرچىدا ئۆرۈك دەپ ئاتالغان گىيا ياكى دەرەخنىڭ بەلگىسى مۇنداق: يىتىلگەن دەرەخلەرنىڭ ئىگىزلىكى 5-10 مېتىر كىلىدۇ، دەرەخ باشى يومۇلاق، غول پوستى قوڭۇر رەڭدە، بەرگلىرى يومۇلاق ياكى كەڭرەك يۇمۇلاق بولىدۇ، ئەتىيازدا ئاق ياكى ئاقۇشھال رەڭدە چىچەكلەيدۇ، 6-7-ئايلاردا مىۋىسى پىشىدۇ. مىۋىسى ياڭاقتەك ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ-كىچىك بولۇپ، سېرىق رەڭدە بولىدۇ. گۇشى قىلىن، سۇلۇق، چۈچۈك تاتلىق بولىدۇ. قۇرۇتۇلغىنى داڭلىق قۇرۇق يىمىشلەرنىڭ بىرى بولغان قاق بولىدۇ. ئىچىدە ئۇرۇقى، ئۇنىڭ ئىچىدە مېغىزى بولىدۇ. ئۆرۈك مېغىزىمۇ داڭلىق قۇرۇق يىمىشلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئۆستۈرىلىدۇ. چۆل، مۆتىدىل ئىقلىمغا ماس كىلىدۇ. ئۆرۈكنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى مۇنداق:

دۇنيا: ئىقاي دۇنيا 真核域

مىقياس: گىيا مىقياس 植物界 ،

قەبىلە: يېپىقدانبىلە (يېپىقدانلار قەبىلەسى)،  被子植物门 Magnoliophyta

تەبىقە: قوشپەلبىقە (قوش پەللىلىكلەر تەبىقەسى)  双子叶植物纲 Magnoliopsida

شاختەبىقە: رۇخسا شاخبىقە (رۇخسا شاختەبىقەسى)،  蔷薇亚纲 Rosidae

جەمەت: رۇخسامەت (رۇخساجەمەتى)، 蔷薇目 Rosales

شاخجەمەت: رۇخسا شاخمەت (رۇخسا شاخجەمەتى)، 蔷薇亚目 Rosineae

ئائىلە: رۇخسائىلە (رۇخسا ئائىلەسى)، 蔷薇科 Rosaceae

شاخمەت: ئەينۇلا شاخمەت (ئەينۇلا شاخجەمەتى) 李亚科 Prunoideae

رۇق: ئۆرۈكرۇق: 杏属 Armeniaca

ئۆرۈكرۇق يەنە نۇرغۇن زات، شاخزات ھەم سورتلارغا ئايرىلىدۇ.

 d833c895d143ad4b0b5a7e5482025aafa50f4bfbfbed2611ac6eddc451da81cb51e2dcad5066d0160824ab18972b1975

 

 

3. گىنگو دىگەن قانداق گىيا؟

ئۇيغۇرچە گىنگو دەپ ئاتالغان گىيا، ئىگىزلىكى 40-50 مېتىر، دىئامېتىرى 4-5 مېتىر كىلىدىغان زور دەرەخ بولۇپ، بەرگلىرى يەلپۈگۈچ شەكلىگە ئوخشايدۇ، بەرگ گىرۋەكلىرى دولقۇنسىمان پۇچۇق بولۇپ، ئۇزۇن ساپاقلىق بولىدۇ. مىۋەسىنڭ شەكلى ۋە رەڭگى ئۆرۈككە ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مىۋە گۇشى ئۆرۈكنىڭكىدەك قىلىن ھەم يۇمشاق بولماي قاتتىقراق كىلىدۇ. سىرتقى قۇرسىقىدا ئۆرۈكنىڭكىدەك تىلىمچەسى يوق سىلىق بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، گىنگو دەرىخى 20 يىلدا مىۋىگە كىرىدىكەن، 500 يىلغىچە مىۋە بېرىدىكەن. گىنگونىڭ تەبىئى زاتى، كۆكنەم، ئىسسىق ئىقلىملىق يەرلەردە بايقالغان. دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى، شەرقى قىسىم جايلىرىدا گىنگو كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلگىنىگە 3000 يىل بولغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. مەن، ياپونىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئاجايىپ ھەيۋەت ئۆسكەن گىنگو دەرەخلىرىنى كۆردۈم. ياپونلارمۇ بۇ دەرەخنى جىنگو (گىنگو) دەپ ئاتىشىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، گىنگو دىگەن ئىسىم ئەسلىدە ياپونلارنىڭ گىنگو دىگەن سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، گىيانامە پېشىۋاسى لىننېي، بۇ گىيا زاتىغا لاتىنچە « Ginkgo biloba » دىگەن نامنى قويغان ئىكەن. گىنگونىڭ نەسەپ تەۋەلىكى مۇنداق بولىدۇ:

دۇنيا: ئىقاي دۇنيا 真核域

مىقياس: گىيا مىقياس 植物界 ،

قەبىلە:  گىنگوبىلە (گىنگولار قەبىلەسى)،  银杏门,ginkgophyta

تەبىقە: گىنگوبىقە (گىنگولار تەبىقەسى)  银杏纲,ginkgoopsida

جەمەت: گىنگومەت (گىنگولار جەمەتى)، 银杏目,ginkgoales

ئائىلە: گىنگوئىلە (گىنگولار ئائىلەسى)، 银杏科,ginkgoaceae

رۇق: گىنگو رۇق (گىنگولار رۇقى) 银杏属, ginkgo

زات: گىنگو پۇچۇقى (پۇچۇق بەرگلىك گىنگو) 银杏, ginkgo biloba L.

800px-Unreife_Ginkgo-Samen_an_Zweig800px-Ginkgo800px-Ginkgo_frutos_viejos2

بايان ئاخىر

دىمەك، ئۇيغۇرچە گىنگو دىگىنىمىز، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە كۈمۈش ئۆرۈك ئەمەس. يەنىمۇ ئىنچىكىلىسەك، ھەرگىزمۇ ئۆرۈك ئەمەس. چۈنكى، گىنگو بىلەن ئۆرۈك، بىر رۇقدىكى گىيا زاتى ئەمەس. بىر ئائىلە، بىر جەمەتتىكى گىيامۇ ئەمەس. ھەتتا، بىر تەبىقىدىكى ياكى بىر قەبىلىدىكى گىيامۇ ئەمەس. شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭغا يەنە ئۆرۈك دىگەن قالپاقنى كىيدۈرۈشنىڭ قىلچە ئىلمىي ئاساسى يوق. گىنگونىڭ نەسەپ تەۋەلىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ گىيا زاتى، گىنگو قەبىلىسى، تەبىقىسى، جەمەتى، ئائىلىسى ئىچىدە بىردىن بىر ھايات قالغان زاتتۇر. شۇڭا، گىنگو يەنە گىيالاردىكى قالدۇقزات دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

شۇڭا، «كۈمۈش ئۆرۈك ئىچىملىكى» دەپ ئاتاش ناتوغرا، «گىنگو سۈيى» دەپ ئاتاش توغرا دىمەكچىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 310 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3988
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز