باش بەت > تىل, گىياھنامە > پىستەرۇق زاتلىرى
5فېۋرال

پىستەرۇق زاتلىرى

پىستەرۇق زاتلىرى

黄连木属物种

ئا.ر. جىمسارى

بايان ئاۋۋال

89px-Pistachios_thپىستە بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان داڭلىق قۇرۇق مىۋىلەرنىڭ بىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، پىستە ئۆستۈرۈشتە جۇڭگو بۇيىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن رايون. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،  پىستەنىڭ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلۈپ كەلگىنىگە ئاز كام 1500 يىلچە بولۇپتۇ. شۇڭا، شىنجاڭدىكى باغۋەن-دىخانلىرىمىزنىڭ  ئۇنى تېرىش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاش جەھەتلەردە، تىۋىپلىرىمىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىبنامەدە قوللۇنۇش جەھەتلەردە مول تەجىربىلەرگە ئىگە. شۇنداق بولسىمۇ، پىستەنىڭ گىيانامە تەۋەلىكى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ ئەمەس. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەزگۇر ئەسەردە، پىستەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئۇلارنىڭ نامى، پىستەرۇقنىڭ دۇنيادىكى زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى كۆرسۈتىلدى.

1. پىستەرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

ئادەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ياكى بولمىسا بىز دائىم يەۋاتقان پىستە، پىستە رۇقنىڭ بىر زاتىدىن چىقىدىغان قۇرۇق مىۋەنىڭ نامى. پىستە، ھەم شۇ ناملىق مىۋەنىڭ نامى، ھەم شۇ ناملىق گىيانىڭ ياكى شۇ ناملىق مىۋە چىقىدىغان چاتدەرخنىڭ (چاتقالسىمان دەرەخ) نامىنى بىلدۈرىدۇ.

گىيانامە مەنبەلەرىگە قارىغاندا، پىستەرۇق، ئاناكا ئائىلەسىگە، ئاناكائىلە، ساپىندا جەمەتىگە، ساپىندامەت، قوشپەللەر تەبىقەسىگە، قوشپەلبىقە، يېپىقدان قەبىلەسىگە تەۋە بولىدىكەن (1-جەدىۋەلگە قاراڭ).

1- جەدۋەل: پىستەرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

 

ئۇيغۇرچە نامى

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

«خەنسۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى»دىكى نامى

دۇنيا (域)

ئىقاي دۇنيا

Eukarya

真核域

؟

مىقياس (界)

گىيا مىقياس

Plantae

植物界

؟

قەبىلە (门)

يېپىقدانبىلە

Magnoliophyta

被子植物门

؟

تەبىقە (纲)

قوشپەلبىقە

Magnoliopsida

双子叶植物纲

؟

جەمەت (目)

ساپىندامەت

Sapindales

无患子目

؟

ئائىلە (科)

ئاناكائىلە

anacardiaceae

漆树科

سىر دەرىخى ئائىلىسى

رۇق (属)

پىستەرۇق

Pistacia

黄连木属

پىستە دەرىخى ئۇرۇقدىشى

 

2. پىستەرۇق زاتلىرى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، پىستەرۇقنىڭ 10 زاتى بايقىلىپ ئەنگە ئالىنغان. پىستەرۇق 10 زاتىنىڭ، لاتىنچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى 2- جەدۋەلدە كۆرسۈتىلدى. مەزگۇر ئەسەردىكى پىستەرۇق زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىلىرى، ئا.رەھمەتۇللا جىمسارى ئوتتۇرىغا قويغان: « گىيا زات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» بويىچە يىڭىدىن قويۇلدى. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە كۆرسۈتىلگەن پىستەرۇقتىكى 10 پىستە زاتىنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى، جىمسارىدىن تۈنجى قىتىم نەشىر قىلىنغان بولىدۇ.

2-جەدۋەل: پىستەرۇق زاتلىرى

ئۇيغۇرچە نامى

(جىمسارى قويغان)

لاتىنچە نامى

خەنزۇچە نامى

«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغەتى»دىكى نامى

پىستە ئافخانى

Pistacia afghanistania

阿富汗黄连木

؟

پىستە ئاتلانتىكى

Pistacia atlantica

大西洋黄连木

؟

پىستە چىنى

Pistacia chinensis

黄连木

جۇڭگو پىستىسى، پىستە دەرىخى، ياۋا پىستە

پىستە مىسىرى

Pitacia khinjuk

埃及黄连木

؟

پىستە لەنتىكى

Pistacia lentiscus

乳香黄连木

مەستەك دەرىخى،

پىستە مېكسىكى

Pistacia mexicana

墨西哥黄连木

مېكسىكا پىستە دەرىخى

پىستە تەربىنى

Pestacia terebinthus

笃褥香

؟

پىستە تېكساسى

Pistacia texana

德州黄连木

؟

پىستە ئەينى

Pistacia vera

阿月浑子

پىستە، پىستە دەرىخى

پىستە ۋىمانى

Pistacia wienmannifolia

清香木

؟

 

بايان ئاخىر

مەنبەلەرگە قارىغاندا، پىستە رۇق گىيالىرى گانا ئارالى، ئافرىقانىڭ غەربى شىمالى، ياۋروپانىڭ جەنۇبى،  ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقى ئاسىيا، مېكسىكا قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن خېلى يىللار بۇرۇن ھازىرقى ئىراندا پارس چارۋىچىلار پىستەنىڭ يوقۇرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەم ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن، ئىراق، تۈركىيە، سۇرىيە، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر كۆچۈرۈپ كىلىپ ئۆستۈرگەن ئىكەن. شىنجاڭ، دۆلىتىمىز بويىچە پىستە دەرىخىنى ئەڭ بالدۇر كۆچۈرۈپ كىلىپ ئۆستۈرگەن رايون بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگىنىگە 1400-1500 يىللار بولغانلىقىنى تارىخى ۋەقەلەردىن مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. يەنى تۇرانلار، پىرسىيەنى ئىشخال قىلىپ باشقۇرغان زامانلاردا، ئىراندىن كۆچۈرۈپ كىلىپ ئۆستۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. (تارىختىن خەۋىرىم يوق، بىر ماتىرىيالدىن تۇرانلار (ئۇيغۇرتۈركلىرى) پىرسىيەنى بىر مەزگىل ئىشخالىيىتىگە ئالغانلىقىنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم).

پىستە رۇق (Pistacia،黄连木属) دىگەن نامنى، دۇنيا گىيانامە پېشىۋاسى لىننېي دىگەن كىشى 1753- يىلى قويغان ئىكەن. ئادەتتە بىز پىستە دەپ ئاتاۋاتقانىمىز، پىستە رۇقنىڭ «پىستە ئەينى » (Pistacia vera،阿月浑子) دىگەن زاتى بولۇدۇ.  بۇنى كىشىلىرىمىز، پىستە بادام، قارا پىستە بادام، پىستە، مەستىكى  دىگەندەك كۆپخىل ناملاردا ئاتىشىدىكەن. خەنزۇچە دەسلەپتە ئايۆخۇنزى (阿月浑子) دەپ قۇبۇل قىلىنغان، ھازىرمۇ ئەنگىيا ئەسەرلىرىدە بۇ نام ئىشلىتىلىدۇ.  خەنزۇ خەلقى ئاراسىدا، كەيشىنگو (开心果) دىگەن نام كۆپرەك قوللۇنىلىدۇ. ئەزەربەيجاندا «پۈستە» دەپ ئاتايدىغاندەك قىلىدۇ. تۈركەشلەر، «ئانتېپ فىستىگى» دىگەندەك قىلىدۇ. باشقىلار قانداق ئاتىسا مەيلى، ئۇيغۇرچە نامىنى بىز چوقۇم توغرا، ئىخچام قوللۇنىشىمىز لازىم. پىستە دىگەن سۆزگە يەنە بادام دىگەن سۆزنى قوشۇۋىلىش توغرا ئەمەس. ئەگەر پىستە رۇقنىڭ 10 خىل زاتىنىڭ مىۋەسى بازارغا سىلىنسا، چوقۇم مەزگۇر ئەسەردىكى 2-جەدۋەلدە كۆرسۈتىلگەن ناملار بىلەن ئاتىشىمىز لازىم بولىدۇ. شۇنىڭدا، كىشىدە ئېنىق ھەم ئىخچام چۈشەنچە ئىسىدە قالىدۇ. 

پىستە ئەينى

Pistacia vera

阿月浑子

250px-Pistacio_vera_Kerman_2220px-ARS_pistachio120px-Blanched_pistachios

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 358 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4000
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز