ئاناكا غەرىبى
ئاناكا غەرىبى
腰果 (anacardium occidentale)
ئا.ر. جىمسارى
بايان ئاۋۋال
بازارلاردا بۆرەك شەكلىگە ئوخشاپ قالىدىغان، سارغىل ياكى ئاقشۇل (سۈترەڭ) مېغىزدىن ئىبارەت بىر خىل قۇرۇق مىۋە سېتىلىدۇ. بۇنى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز، «مۇقاتىل» دىسە، بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز «يوگو»، يەنە بەزىلەر «ئاق مېغىز» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىشىدىكەن. مەن بۇ ئىسىملارنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قاراپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلمىي نامىنى «ئاناكا غەرىبى» دەپ قويدۇم. ئادەتتە ئاتىغاندا، ئاناكا ياكى ئان.غەرىبى دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مۇلاھىزە قىلىپ باقارسىزلەر.
1. ئاناكا غەرىبى
«ئاناكا غەرىبى» دىگىنىمىز، ئاناكارۇقتىكى بىر گىيازاتىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلمىي نامى بولىدۇ. ئاناكا غەرىبى دىگەن ئىسىمنى، ئا.ر.جىمسارى «گىيا زات ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» گە ئاساسەن تۈنجى قېتىم قويغان. «ئاناكا غەرىبى» دىگەن ئىسىمدىكى «ئاناكا» دىگەن سۆز، «ئاناكا غەرىبى» تەۋە بولغان گىيارۇقنىڭ نامى بولىدۇ. «غەرىبى» دىگەن سۆز، زاتنىڭ سۈپەت نامى بولۇدۇ. ئاناكا غەرىبى دىگەن ئىسىم سۆزنىڭ تۇلۇق مەنەسى، ئاناكا رۇقنىڭ غەرىبى دىگەن زاتى دىگەننى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، بۇ خىل قويۇلغان گىيا ئىسمىدىن، ھەم زات نامىنى ھەم شۇ زات تەۋە بولغان رۇق نامىنى بىلگىلى بولىدۇ.
«ئاناكا غەرىبى» نىڭ لاتىنچە نامى، «anacardium occidentale»، خەنزۇچە نامى «腰果» دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇچە يەنە، «树花生,槚如树,鸡腰果,介寿果» دىگەندەك كۆپخىل ناملاردا ئاتالغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، مۇقاتىل، ئېغىز تىلدا ئاق مېغىز، يوگو، ياۋگو دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان.
2. ئاناكارۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
گىيانامەلەرگە قارىغاندا، ئاناكارۇق، ئاناكا ئائىلەسىگە تەۋە بولىدىكەن. ئاناكائىلە، ساپىندا جەمەتىگە تەۋە بولىدىكەن، ساپىندامەت، قوشپەل تەبىقەسىگە تەۋە بولىدىكەن. قوشپەلبىقە، يېپىقدان قەبىلەسىگە تەۋە بولىدىكەن. يېپىقدانبىلە، گىيا مىقياسقا، گىيا مىقياس، ئىقاي دۇنياغا تەۋە بولىدۇ. (1-جەدۋەلگە قاراڭ).
1-جەدۋەل: ئاناكارۇق نەسەپ تەۋەلىكى
ئۇيغۇرچە |
ئۇيغۇرچە نامى (جىمسارى قويغان) |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتى دىكى نامى |
||
دۇنيا 域 |
ئىقاي دۇنيا |
Eukarya |
真核域 |
؟ |
||
مىقياس界 |
گىيا مىقياس |
plantae |
植物界 |
؟ |
||
قەبىلە门 |
يېپىقدانبىلە |
magnoliophyta |
被子植物门 |
؟ |
||
تەبىقە纲 |
قوشپەلبىقە |
magnoliopsida |
双子叶植物纲 |
جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى |
||
جەمەت目 |
ساپىندامەت |
sapindales |
无患子目 |
؟ |
||
ئائىلە 科 |
ئاناكائىلە |
anacardiaceae |
漆树科 |
سىر دەرىخى ئائىلىسى |
||
رۇق 属 |
ئاناكارۇق |
anacardium |
腰果属 |
مۇقاتىل دەرىخى ئۇرۇقدىشى |
3. ئاناكارۇق زاتلىرى (ئاناكالار)
ئاناكارۇق زاتلىرى دىگەن سۆزنى يەنە ئاناكالار دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئاناكارۇقتا دۇنيا بويىچە 15 زات بايقالغان ئىكەن. مەن بۇلارنى ئىزدەپ، 9 زاتىنىڭ لاتىنچە نامىنى جەمتەر قىلدىم (2-جەدۋەلگە قاراڭ). ئاناكارۇقتىكى بۇ 9 زاتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى، ئا.ر.جىمسارى، «گىيازات ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» گە ئاساسەن يىڭىدىن قويۇپ چىققان. ئاناكالار نامىنى بىر قۇرغا تىزىپ يازىش توغرا كەلگەندە، ئا. رەھمەتۇللانىڭ گىيا زات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسىدىكى قوشۇمچە قائىدەسى بويىچە، ئاناكا كورىمى، ئان. ئەكسەلى، ئان. ھۇمىلى، ئان. چوڭى، ئان. جىۋەكى، ئان. سىپرۇكى، ئان. غەرىبى دىگەندەك شەكىلدە يازىلىدۇ.
2- جەدۋەل: ئاناكارۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
ئۇيغۇرچە نامى (جىمسارى قويغان) |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆسۈملۈك لۇغىتىدىكى ئۇيغۇرچە نامى |
ئاناكا كورىمى |
Anacardium corymbosum |
؟ |
؟ |
ئاناكا ئەكسەلى |
Anacardium excelsum |
؟ |
؟ |
ئاناكا چوڭى |
Anacardium giganteum |
؟ |
؟ |
ئاناكا ھۇمىلى |
Anacardium humile |
؟ |
؟ |
ئاناكا كىچىكى |
Anacardium microcarpum |
؟ |
؟ |
ئاناكا جىۋەكى |
Anacardium nanum |
؟ |
؟ |
ئاناكا نېگرېنى |
Anacardium negrense |
؟ |
؟ |
ئاناكا غەرىبى |
Anacardium occidentale |
腰果 |
؟ |
ئاناكا سپرۇكى |
Anacardium spruc |
؟ |
؟ |
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، ئاناكارۇق تەۋەلىكى، ئاناكالار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى بايان قىلدىم. ھازىر دۇنيا بويىچە تېرىپ ئۆستۈرۈپ ئىستىمال قىلىۋاتقان ئاناكا زاتى بىر بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلمىي نامى ئاناكا غەرىبى دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ بازارلاردا سېتىلىۋاتقان تاۋار نامىنى ئاناكا ياكى ئان.غەرىبى دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇلار مىنىڭ دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىم ياكى تەۋسىيەلىرىمدىن ئىبارەت. يوقۇرىدا دىگەنلىرىمنى ياكى ئاناكارۇق زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلمىي ناملىرىنى مۇۋاپىق ئىكەن دەپ قارىسىڭىز، قوللانسىڭىز، تەشۋىق قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسىڭىز، سىزمۇ ئەسەر يازىپ پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 341 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4012
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!