باش بەت > تىل > 11 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرى
7فېۋرال

11 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرى

«ساز»  دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك 11 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرى

ئا.ر.جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇرلار، كۆپلىگەن قەدىمى مىللەتلەرگە ئوخشاش، سازنامە مەرىپەت ھەم سازنامە مەدەنىيەتكە باي بىر مىللەت. «ئۇيغۇر 12 مۇقام» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا رۇيخەتكە ئالىنغانلىقى بۇنى دەلىللەپ بېرىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بىزنىڭ سازنامەگە ئائىت ئاتالغۇلىرىمىزدا ئەڭ كۆپ قوللۇنىۋاتقان ئىسىم سۆز، مۇزىكا، مۇزىكانت، ساز، سازچى، چالغۇ، چالغۇچى دىگەن 6 سۆزدىن ئاشمايدۇ. دىمەك، بىزدە، سازنامەگە ئائىت ئىسىملار توغرىسىدا سەل قارالغان ياكى ئىزدەنمىگەنلىكتىن، تىلدا ئىپادىلەپ بېرىشتا ئېغىر ئاجىزلىق مەۋجۇد. مىنىڭ گەرچە سازنامەدىن ھەم تىلنامەدىن خەۋەرىم بولماسىمۇ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن «ساز» دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 11 سۆزنى ياساپ چىقتىم ھەم ئۇنىڭ تەبىرىنى ئىزاھلىدىم.

 

1. «ساز»، مەلۇم سازۋاپتىن چىققان سادا. ئېنىق ئېيتقاندا، مەلۇم رېتىمدا تەكرارلانغان ئاۋاز. مەلۇم سازۋان ئەسەرىنىڭ مەلۇم سازۋاپ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئاھاڭ. (مۇزىكا دەپمۇ ئاتالغان).

2. «سازۋاپ»، مەلۇم شەكىلدە چالىنىدىغان ئەسۋاپ.  (چالغۇ، مۇزىكا، ساز دەپمۇ ئاتالغان).

3. «سازەندە»، مەلۇم سازۋاپنى چالىش ھۆنەرى بار كىشى. (سازچى، چالغۇچى، مۇزىكانت دەپمۇ ئاتالغان).

4. «سازنامە»، سازۋەن، سازۋاپ، سازۋان، سازەندە بىلىملىرىنى ئۆگۈنىدىغان كەسىپ نامى. (بۇنىڭ نىمە دىيىلگەنلىكىنى بىلمەدىم).

5. «سازلاش»، مەلۇم سازۋاپ ياكى ھەرخىل سازۋاپلارنى مەلۇم ئۆلچەمدە تەڭشەش. (ساز تەڭشەش دەپمۇ ئاتالغان).

6. «سازۋەن»، مەلۇم سازۋاپنى ياسايدىغان ھۆنەرلىك كىشى. (چالغۇ ياسايدىغان، مۇزىكا ياسايدىغان كىشى دەپمۇ ئاتالغان).

7. «سازۋان»، ئاھاڭ ئىجاد قىلغۇچى ياكى نوتا يازغۇچى كىشى.  (مۇزىكانت دەپ ئاتالغان).

8. «سازكان»، مەلۇم سازۋاپلاردىن تەشكىللەنگەن سازەندىلەر بىرىكمىسى. (ئوركىستېر، مۇزىكا ئۆمىكى دەپمۇ ئاتالغان).

9. «سازباش»، سازكانغا قۇماندانلىق قىلغۇچى كىشى. (دىرىژور دەپمۇ ئاتالغان).

10. «سازۋال»، ئەدىبىيات-سەنئەت پائالىيەتى. (فېستىۋال، سەنئەت بايرىمى، سەنئەت يىغىلىشى دەپمۇ ئاتالغان).

11. «سازۋاز»، سازۋاپنى ھەم ئۆزى چېلىپ، ناخشىنى ھەم ئۆزى ئېيتىدىغان كىشى. (بۇنىڭ نىمە دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلمەدىم).

 

بايان ئاخىر

تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە ئىخچاملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، يوقۇرىدىكى 11 ئاتالغۇنى ياساپ چىقتىم. بۇلار، مىنىڭ بۇھەقتە ئىلىپ بارغان تۈنجى ئىزدىنىشىمدىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئاتاش مۇۋاپىقمۇ؟ مۇشۇنداق ئاتالسا بولامدۇ؟ بۇرادەرلەر مۇھاكىمە قىلىپ باققان بولسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 409 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4025
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپسىز! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز