ماگنولگىياھلار
ماگنولگىياھلار
(木兰类植物magnoliids)
ئا.ر.جىمسارى
ماگنولگىياھلار (木兰类植物magnoliids)، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ (گۈلگىياھلار) بىر تارماقى. «ئېنگىل سىستېماسى»دا، «ماگنول جەمەتى» ناملىق جەمەتكە ئايرىلغان. «كرونكۈست سىستېماسى»دا، «ماگنول شاخبىقە» ناملىق شاخ تەبىقەگە ئايرىلغان. بۇ سىستېمالار، ماگنولگىياھلارنى، قوشپەل گىياھلار تارماقىغا تەۋە قىلغان. 2003-يىلى، « APGسىستېماسى »، ماگنولگىياھلارنى، قوشپەل گىياھقىمۇ ھەم تاقپەل گىياھقىمۇ تەۋە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە، قوشپەل گىياھلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، ئايرىم بىر تارماق قىلغان. يەنى، «ماگنولگىياھلار تارماقى» دەپ ئايرىغان. شۇنداق قىلىپ، «APGسىستېماسى»دا، ماگنولگىياھلار، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقى، قوشپەلگىياھلار تارماقى، مەگنولگىياھلار تارماقى دىگەندەك ئۈچ چوڭ تارماقنىڭ بىرى قىلىنغان. «APGسىستېماسى»دا، ماگنولگىياھلار تارماقى، 4 جەمەتكە، 20 ئائىلەگە ئايرىلغان.
1-كانىلمەت
كانىلمەت (白桂皮目 Canellales)، «كانىل جەمەتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جەمەتنىڭ كانىلئىلە (白桂皮科 Canellaceae) ۋە ۋىنتەرئىلە (林仙科 Winteraceae) ناملىق ئىككى ئائىلەسى بار.
2-لارامەت
لارامەت (樟目 Laurales)، «لارا جەمەتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جەمەتنىڭ 7 ئائىلەسى بار. بۇلار، ئاتەرئىلە (香皮茶科 Atherospermataceae)، گومورئىلە (腺蕊花科 Gomortegaceae)، كالكانئىلە (蜡梅科 Calycanthaceae)، ھەرانئىلە (莲叶桐科 Hernandiaceae)، لارائىلە (樟科 Lauraceae)، مونىمئىلە (杯轴花科 Monimiaceae)، سىپرۇنئىلە (坛罐花科 Siparunaceae) دىن ئىبارەت.
3-ماگنولمەت
لارامەت (木兰目 Magnoliales)، ماگنول جەمەتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جەمەتنىڭ 6 ئائىلەسى بار. بۇلار، ماگنولئىلە (木兰科Magnoliaceae)، مىيرىسئىلە (肉豆蔻科Myristicaceae)، ئانونئىلە (番荔枝科(Annonaceae))، دەنەرئىلە (单心木兰科Degeneriaceae)، ھىمەنئىلە (舌蕊花科(Himantandraceae))، ئۇپماتئىلە (澳番荔枝科(Eupomatiaceae)) دىن ئىبارەت.
4-پىپەرمەت
پىپەرمەت (胡椒目 Piperales)، بۇ جەمەتتە، 5 ئائىلە بار. بۇلار، ئارىسئىلە (马兜铃科 Aristolochiaceae)، پىپەرئىلە (胡椒科 Piperaceae)، ھىنورئىلە (菌花科 Hydnoraceae)، لاكورئىلە (短蕊花科 Lactoridaceae)، سۇرائىلە (三白草科 Saururaceae) دىن ئىبارەت.
يوقۇرىدا ئاتالغان مەگنولگىياھلار، كانىلمەت، كانىلئىلە، ۋېنتەرئىلە؛ لارامەت، ئاتەرئىلە، گومورئىلە، كالكانئىلە، ھەرانئىلە، لارائىلە، مونىمئىلە، سىپرۇنئىلە؛ ماگنولمەت، مىرىسئىلە، ماگنولئىلە، ئانونئىلە، دەنەرئىلە، ھىيمەنئىلە، ئۇپماتئىلە؛ پىپەرمەت، پىپەرئىلە، ھىنورئىلە، لاكورئىلە، سۇرائىلە قاتارلىق 24 ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆزنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.
مەنبەلەر
[1] «木兰类植物»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل، 25-ھۇد نەشىرى.
[2] « 白桂皮目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل، 15-نۇرۇز نەشىرى.
[3] « 樟目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل، 13-چىللە نەشىرى.
[4] « 木兰目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2013-يىل، 18-نۇرۇز نەشىرى.
[5] « 胡椒目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل، 5-نۇرۇز نەشىرى.
[6] «گىياھئىلە نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل 10-باھار نەشىرى.
[7] «ئېنگىل سىستېماسى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2015-يىل، 17-قىش نەشىرى.
[8] «كرونكۈست سىستېماسى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2015-يىل، 20-قىش نەشىرى.
[9] «قاپلىقدان گىياھلارنىڭ گىياھئىلە ناملىرى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل، 26-قىش نەشىرى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 83 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5686
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!