باش بەت > گىياھنامە > تاقپەل گىياھلار
4فېۋرال

تاقپەل گىياھلار

تاقپەل گىياھلار

单子叶植物 Monocotyledons

ئا.ر. جىمسارى

قاپلىقدان گىياھلارنىڭ ئۇرۇقىدا بىر تال پەلبەرگى (پەللە ياپراقچىسى ) بولغانلىرى، تاقپەل گىياھلار دەپ ئاتالغان. ئۇرۇقىدا بىر جۈپ ياكى قوشپەل بەرگى بولغانلىرى، قوشپەل ياكى جۈپپەل گىياھلار دەپ ئاتالغان. شۇڭا، تاقپەل گىياھلارنىڭ يىڭى مايساسى، بىر تال تاق مايسا شەكلىدە، تاقبەرگىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ. تاقپەل گىياھلارنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققى قىلمىغان بولۇپ، كۆپۈنچە ساقالچە يىلتىزى كۆپ بولۇدۇ. غولىنىڭ ۋاسكۇلى بولۇدۇ، ئەمما، تىزىلىپ قەۋەت ھاسىل قىلماي، ئەركىن جايلاشقان. شۇڭا، تاقپەل گىياھلار كەمبىيۇمغا (形成层) تايىنىپ يۇغۇنالمايدۇ. تاقپەل گىياھلارنىڭ بەرگى تار ئۇزۇن بولۇپ، بەرگ تۇمۇرلىرى پاراللىل ياكى ياي شەكلىدە بولۇدۇ. گۈلچەك ۋە بەرگلەرىنىڭ سانى ئادەتتە 3 نىڭ ھەسسەسى (3،6 دىگەندەك) بولۇدۇ. ئاز ساندىكىلەرىنىڭ سانى، 4 نىڭ ھەسسەسى بولۇدۇ. تاقپەلگىياھلارنىڭ تەخمىنەن 59 مىڭ 300 زاتى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئورخىدئىلەنىڭ زات سانى، 20 مىڭدىن ئاشىدۇكەن.

«APG سىستېماسى»دا، تاقپەلگىياھلارنى، «تاقپەلگىياھلار تارماقى» (单子叶植物分支 monocots) دەپ ئايرىم بىر تارماق قىلغان. شۇڭا، تاقپەلگىياھلار، قاپلىقدان گىياھلار ياكى گۈلگىياھلارنىڭ بىر چوڭ تارماقى بولۇپ ھىساپلانادى. تاقپەلگىياھلار، 11 جەمەتنى ھەم 80 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى:

. 1. پەتروسمەت

پەروسمەت (无叶莲目 Petrosaviales). بۇ جەمەتتە پەقەتلا پەروسئىلە (无叶莲科 Petrosaviaceae) دەپ ئاتالغان بىرلا ئائىلە بار.

2. ئىگىرمەت

ئىگىرمەت (菖蒲目 Acorales). بۇ جەمەتتە، پەقەتلا ئىگىرئىلە (菖蒲科 Acoraceae) دەپ ئاتالغان بىرلا ئائىلە بار.

3. ئەلىسمەت

ئالىسمەت (泽泻目 Alismatales). بۇ جەمەتتە، 14 ئائىلە بار. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

ئالىسئىلە (泽泻科 Alismataceae).

ئاپونئىلە (水蕹科 Aponogetonaceae) .

ئارەئىلە (天南星科 Araceae) .

بۈمائىلە (花蔺科 Butomaceae) .

سىموسئىلە (丝粉藻科 Cymodoceaceae) .

سۇخارئىلە (水鳖科 Hydrocharitaceae).

جۈنكائىلە (水麦冬科 Juncaginaceae).

لىمخارئىلە (沼鳖科 Limnocharitaceae).

پوسدونئىلە (海王草科 Posidoniaceae) .

پوتامئىلە (眼子菜科 Potamogetonaceae).

رۇپىيائىلە (流苏菜科 Ruppiaceae).

شۇخزىرئىلە (冰沼草科 Scheuchzeriaceae) .

توفىلئىلە (岩菖蒲科 Tofieldiaceae) .

زوستەرئىلە (大叶藻科 Zosteraceae) .

4. ئاسپارمەت

ئاسپارمەت (天门冬目 Asparagales). بۇ جەمەتتە، 14 ئائىلە بار. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

ئامارئىلە (石蒜科 Amaryllidaceae)

ئاسپارئىلە (天门冬科 Asparagaceae)

ئاسىلئىلە (芳香草科 Asteliaceae)

بانفورئىلە (香水花科 Blandfordiaceae)

بورىيائىلە (澳韭兰科 Boryaceae)

دورىيانئىلە (矛花科 Doryanthaceae)

ھىپشائىلە (仙茅科 Hypoxidaceae)

پىچانئىلە (鸢尾科 Iridaceae)

پىشۇلئىلە (鸢尾蒜科 Ixiolirionaceae)

لانارئىلە (毛石蒜科 Lanariaceae)

ئورخىدئىلە (兰科 Orchidaceae)

تەكپىلئىلە (蓝星科 Tecophilaeaceae)

زەنزەرئىلە (刺叶树科 Xanthorrhoeaceae)

زەرنەمئىلە (血剑草科 Xeronemataceae)

5.  دوسكورمەت

دىيوسمەت (薯蓣目 Dioscoreales). بۇ جەمەتتە، 3 ئائىلە بار. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

دىيوسئىلە (薯蓣科Dioscoreaceae).

بۇمانئىلە (水玉簪科Burmanniaceae).

نارىسئىلە (纳茜菜科Nartheciaceae).

6.  پىيزەكمەت

پىيزەكمەت (百合目 Liliales). بۇ جەمەتتە، 11 ئائىلە بار. ئۇلار تۆۋىندىكىلەردىن ئىبارەت:

ئاسرومئىلە (六出花科Alstroemeriaceae)

كاميىنئىلە (金梅草科Campynemataceae)

كولكائىلە (秋水仙科Colchicaceae)

كورىسئىلە (美丽腐草科Corsiaceae)

پىيزەكئىلە (百合科Liliaceae)

لۇزارئىلە (菝葜木科Luzuriagaceae)

مەلانئىلە (黑药花科Melanthiaceae)

پەتەرئىلە (刺藤科Petermanniaceae)

پىلەسئىلە (垂花科Philesiaceae)

رىيونئىلە (菝葜藤科 Ripogonaceae)

سىملەئىلە (菝葜科 Smilacaceae) 7.

7. پانانمەت

پانانمەت (露兜树目 Pandanales). بۇ جەمەتتە، 5 ئائىلە بار.

سىيلانئىلە (环花草科Cyclanthaceae)

پانانئىلە (露兜树科Pandanaceae)

سەمونئىلە (百部科stemonaceae)

تىيۇرئىلە (霉草科Triuridaceae)

ۋەلوزئىلە (翡若翠科Velloziaceae)

كومەل گىياھلار (鸭跖草类植物 commelinoids)

كومەل گىياھلار، تاقپەلگىياھلار تارماقىنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈمى بولۇدۇ. كومەل گىياھلار، 3 جەمەتنى ھەم تاقپەلگىياھلار تارماقىدىكى ھېچقانداق جەمەتكە تەۋە بولماغان بىر ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالادى.

داسپونئىلە (多须草科 Dasypogonaceae).

8. ئارەكمەت

ئارەكمەت (槟榔目 Arecales)، بۇ جەمەتتە، پەقەتلا ئارەكئىلە (Arecaceae棕榈科) دەپ ئاتالغان بىرلا ئائىلە بار.

9. كومەلمەت

كومەلمەت (鸭跖草目 Commelinales)، بۇ جەمەتتە، 5 ئائىلە بار.

كوممەلئىلە (鸭跖草科 Commelinaceae)

ھەمورئىلە (血皮草科 Haemodoraceae)

خانانئىلە (匍茎草科 Hanguanaceae)

فىلىرئىلە (田葱科 Philydraceae)

پونەرئىلە (雨久花科 Pontederiaceae).

10. قىياقمەت

قىياقمەت (禾本目 Poales)، بۇ جەمەتتە، 16 ئائىلە بار. ئۇلار:

ئانازئىلە (苞穗草科 Anarthriaceae)

بومەلئىلە (凤梨科 Bromeliaceae)

سىنولئىلە (刺鳞草科 Centrolepidaceae)

سىيپەرئىلە (莎草科 Cyperaceae)

ئەكلەئىلە (二柱草科 Ecdeiocoleaceae)

ئىركەئىلە (谷精草科 Eriocaulaceae)

پالارئىلە (须叶藤科 Flagellariaceae)

جوۋىلئىلە (拟苇科 Joinvilleaceae)

جۇنكائىلە (灯心草科 Juncaceae)

مەيەكئىلە (苔草科 Mayacaceae)

قىياقئىلە (禾本科 Poaceae)

راپائىلە (偏穗草科 Rapateaceae)

رىسونئىلە (帚灯草科 Restionaceae)

تۇرۇنئىلە (梭子草科 Thurniaceae)

ھىكەنئىلە (香蒲科 Typhaceae)

زىرىدئىلە (黄眼草科 Xyridaceae) .

11. زىنبەرمەت

زىنبەرمەت (姜目 Zingiberales)، بۇ جەمەتتە، 8 ئائىلە بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

زىنبەرئىلە (姜科 Zingiberaceae)

مۇسائىلە (芭蕉科 Musaceae)

سەلىزئىلە (旅人蕉科 Strelitziaceae)

لوۋايئىلە (兰花蕉科 Lowiaceae)

ھىلكونئىلە (赫蕉科 Heliconiaceae)

كوستەئىلە (闭鞘姜科 Costaceae)

كانائىلە (美人蕉科 Cannaceae)

مارانئىلە (竹芋科 Marantaceae)

 

مەزگۇر ئەسەردىكى بارلىق ئۇيغۇرچە ناملارنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.

 

مەنبەلەر

[1] «单子叶植物»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 1-كۆنەك نەشىرى.

[2] « 无叶莲目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 24-ھۇد نەشىرى.

[3] « 菖蒲目 »، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 6-نۇرۇز نەشىرى.

[4] « 泽泻目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2015-يىل 24-قىش نەشىرى.

[5] « 天门冬目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 16-مىزان نەشىرى.

[6] « 薯蓣目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 16-مىزان نەشىرى.

[7] « 百合目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 16-مىزان نەشىرى.

[8] « 露兜树目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 16-مىزان نەشىرى.

[9] «棕榈科 »، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2015-يىل 3-ھۇد نەشىرى.

[10] « 鸭跖草目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2014-يىل 16-مىزان نەشىرى。

[11] « 禾本目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2015-يىل 3-ھۇد نەشىرى.

[12] « 姜目»، ۋېبسىت ۋىكىپېدىئا، 2013-يىل 9-نۇرۇز نەشىرى.

[13] «گىياھئىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى »، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل 10-باھار نەشىرى.

[14] «گىياھى تاكسون ناملىرى »، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2012-يىل 22-سەپەر نەشىرى.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 68 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5691
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز