باش بەت > تىل, ھايۋاناتنامە > ئېيىق ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى
9فېۋرال

ئېيىق ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى

ئېيىق (熊)

ئا.ر.جىمسارى

بايان ئاۋۋال

1982-يىلى 7-ئايدا، تىكەس، باي ۋە خېجىڭ 3 ناھىيە تاغلىرى بىرلەشكەن تىكىلىك تاغقاشلىرىدىكى ئوتلاقلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىز ئىككى قىتىم ئېيىقنى ئۇچىراتتۇق. بىرىنچى قىتىم، خورخات دەپ ئاتىلىدىغان تاغ داراسىدا بولۇپ، بىر چوڭ ئېيىق بلەن ئىككى ئېيىقاننى (كىچىك بالىسى) ئۇچراتتۇق. چوڭ ئېيىق ئىككى ئېيىقاننى نۆۋەت بىلەن سۇ يىغىلغان كىچىك كۆلچەككە چىشلەپ پاتتۇرۇپ، ئۇلارنى مەشىقلەندۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىككىنچى قىتىم، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ باشىدا ئارشات باشتاغىدا بىر چوڭ ئېيىقنى ئۇچىراتتۇق. بۇ ئېيىق بىزنى تېزلا بايقاپ قالدىدە، يامزال يوقۇرىغا قاراپ يۈگرەپ، قارلىق جىيەكتە كۆزىمىزدىن غايىپ بولدى. 1984-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بارلۇقتاغدا يەنە بىر قىتىم ئېيىقنى ئۇچراتتۇق.  ئەمما، بۇ قىتىم ئېيىق بىزدىن خېلى يىراق بولۇپ، چاتقاللار ئاراسىدا يۈرگەنىكەن. ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئېنىق كۆرەلمىدۇق. شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئېيىق توغرىسىدا خىيالىمغا كىلىپ قالسا ئىزدىنىپ قويدۇم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئېيىق توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.

1. ئېيىق قانداق ھايۋان؟

ئېيىق دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ئەبجەش ئوزۇق يەيدىغان، قىشقۇ قىلىدىغان (قىشلىقى ئۈچەكتە بىر مەزگىل ئۈگدەپ ياتىدىغان) ھايۋاننىڭ نامى. ئېيىقنىڭ بەدىنى زور بولۇپ، 4 پۇتى يۇغان ھەم كۈچلۈك كىلىدۇ. بۆرەتۇمشۇق، قىسقا قۇيرۇق، قىلىن يۇڭلۇق بولۇپ، ئۆرە تۇرالايدىغان، ماڭالايدىغان ھەم دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىدىغان ئالاھىلىكى بار. ئېيىق تاپىنىدا 5 تال ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر تىرنىقى بولۇپ، يايپاق تۇرىدۇ ياكى يولۋاسلارنىڭكىدەك يۇمالمايدۇ ياكى قورۇلمايدۇ. پۇراش سېزىمى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمما، كۆرۈش سېزىمى يولۋاسنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئېيىق كۆرۈنۈشتە كالاڭپاي كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇ ھەر قانداق يەر شەكلىدە بولماسۇن ھەم تېز يۈگرەيدۇ ھەم ئۇزۇنغىچە يۈگرۈشكە چىداملىق كىلىدۇ. بىزنىڭ تېلىۋىزورلاردا كۆرگەنلىرىمىزگە قارىغاندا، ئاقيىق (شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى دەپ ئاتالغان) بېلىق تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ گۆش بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. مۈشيىق (مۈشۈك ئېيىق دەپ ئاتالغان) بامبۇك بەرگلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېيىقلار، ئوتچۆپمۇ، قۇرۇت-قۇڭغۇزمۇ، ھايۋانات گۈشىمۇ قايسىسى بولسا شۇنى يەۋىرىدۇ. شۇڭا، ئېيىق زاتىنىڭ كۆپۈنچەسى ئەبجەش ئوزۇقلىنىدۇ.

ئېيىقلار ئادەتتە قىشقۇ قىلىدۇ. ئۇلار كۈزلىكى تازا ئوبدان سەمىرۋىلىپ، بەدىنىنى مايغا تولدۇرۇپ، قىشلىقى بىخەتەر بولغان تاغ كامارلىرى، دەرەخ يىلتىز ئاستى كامارلىرى، يوغان دەرەخلەرنىڭ غول كامارلىرى قاتارلىق يەرلەردە 3 ئايچە مۈگدەپ ياتىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئېيىقلارنىڭ ئۆمرى، ئۇزۇن بولغانلىرى 40 ياشقىچە ياشايدىكەن.

2. ئېيىقئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى

ئېيىقلار ئائىلەسى، ھايۋانات ئائىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى (ئا.رەھمەتۇللا) بۇيىچە، ئېيىقئىلە دەپ يازىلدى. ئېيىقئىلە دىگەن نامنىڭ لاتىنچەسىنى، گ. فىچىر دىگەن كىشى 1817-يىلى قويغان ئىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئېيىقئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكىنى يوقۇرىدىن تۈۋەنگە تىزساق مۇنداق بولىدۇ: ھايۋانات مىقياسنىڭ، تارچا قەبىلەگە، ھايۋان تەبىقەگە، يىرتقۇچ جەمەتكە، بۆرەش شاخ جەمەتكە تەۋە بولغان، ئېيىق ئائىلەسى بولىدۇ. ئېيىقئىلەدە، يەنە 5 رۇق بار بولۇپ، ئۇلار 1- جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلدى. مەزگۇر ئەسەردە بېرىلگەن ئېيىقئىلە رۇقلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ئېھتىمال تۈنجى قىتىم قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

1- جەدۋەل: ئېيىقئىلە تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى

تاكسون دەرىجە

ئۇيغۇرچە

لاتىنچە

خەنزۇچە

 

مىقياس (界)

ھايۋانات مىقياس

Animalia

动物界

 

قەبىلە (门)

تارچابىلە

Chordate

脊素动物门

 

تەبىقە (纲)

ھايۋانبىقە

Mammalian

哺乳纲

 

جەمەت (目)

يىرتقۇچمەت

Carnivora

食肉目

 

شاخمەت (亚目)

بۆرەش شاخمەت

Caniformia

犬形亚目

 

ئائىلە (科)

ئېيىقئىلە

Ursidae

熊科

 

رۇق (属)

مۈشيىقرۇق

Ailuropoda

大熊猫属

 

ھىليىقرۇق

Helarctos

马来熊属

 

مەليىقرۇق

Melursus

懒熊属

 

ئېيىقرۇق

Ursus

熊属

 

تىميىقرۇق

Tremarctos

眼睛熊属

 

 

3. ئېيىقئىلە زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە يوقۇرىدا كۆرسۈتۈلگەن ئېيىقئىلە 5 رۇقىنىڭ 9 زاتى بايقالغان ئىكەن. بۇ ئېيىق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى، 2- جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلدى. مەزگۇر ئەسەردە كۆرسۈتۈلگەن ئېيىق زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ئېھتىمال تۈنجى قىتىم قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

2- جەدۋەل: ئېيىقئىلە زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

ئېيىق شاخئىلە (大熊猫亚科,ailuropodinae )

       مۈشيىقرۇق (大熊猫属Ailuropoda)

             مۈشيىق مىلانى (大熊猫,ailuropoda melanoleuca)

images

تىميىق شاخئىلە (眼镜亚科,tremarctinae)

        تىميىقرۇق (眼镜熊属,tremarctos)

              تىميىق ئوناتى (眼镜熊, tremarctos ornatus)

Tremarctos ornatus

ئېيىق شاخئىلە (熊亚科,ursinae)

      ئېيىقرۇق (熊属,ursus ) 

                        ئېيىق قوڭۇرى (棕熊,ursus arctos).

بۇ ئېيىق زاتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئالتايتاغلىرى، بارلۇق تاغلىرى، تەڭرىتاغلىرىدا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇن، خىزمەتدىشىمىز گاۋشىڭيى ئەپەندى  بۇ ئېيىق زاتىنىڭ رايونىمىزدىكى سانى 570 باش ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ ھېساپلاپ چىققان.

DSC_7713_副本

00e04c4931a40a70cc8008_副本

              ئېيىق ئاقيىقى (北极熊,ursus arctos maritimus)

images (1)

              ئېيىق ئامېرىكى (美洲黑熊,ursus americanus)

下载 (1)

              ئېيىق تىبەتى (亚洲黑熊, urus thibetansus ).

بۇ ئېيىق زاتى، رايونىمىزدىكى ئالتۇنتاغ، قۇرۇمتاغ، قاراقۇرۇمتاغ ۋە پامىر تاغلىرىغا تارقالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. گاۋشىڭيى ئەپەندىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ ئېيىق زاتنىڭ رايونىمىزدىكى سانى تەخمىنەن 640-870 باش مۆلچەرلەنگەن.

下载 (2)

              ئېيىق كوۋرى (阿特拉斯棕熊,北非棕熊,urus crowtheri).

بۇ ئېيىق زاتىنىڭ نەسلى تەخمىنەن 1870- يىللاردا قۇرىغان ئىكەن.

مەليىقرۇق (懒熊属,melursus)

          مەليىق ئۇسىنى (懒熊,melursus ursinus )

下载 (4)下载 (5)

ھىليىقرۇق (马来熊属,helarctos)

          ھىليىق مالايى (马来熊,helarctos malayanus)

下载下载 (3)

تۆۋەندىكى رەسىمنى بىر چاغلاردا توردىن چۈشۈرۋالغان ئىىدىم. ئادرىسىنى بىلەلمىدىم. ئېيىقلارنىڭ بويىنىڭ پەرقىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن، بۇ رەسىمنىمۇ چىقىرىپ قويدۇم. لاتىنچە نامىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى «ئۇيلات» يازىقتا يازىلغىنى بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى بولىدۇ. بۇ رەسىمدىكى ئىككى ئىسىمدا يوقۇرىدا كۆرسۈتۈلگەن ناملارغا ئوخشاش بولمىغانلىرى بار.

t01c1f48474b8622aba_副本

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا ئېيىقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ زاتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. ئېيىقلار توغرىسىدا يازىلغان ئۇيغۇرچە مەنبەلەرنى ئۇچرىتالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى يىڭىدىن قويۇپ چىقتىم. مەزگۇر ئەسەر، ئېيىقئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇق-زاتلىرى توغرىسىدا يازىلغان تۇنجى ئەسەر بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن. شۇڭا، خاتالىقلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن، بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈپ ياكى تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

قوشۇمچە 1:  ئېيىقئىلەدىكى 5 رۇقنىڭ ناملىرى

1.ئېيىق رۇق (熊属, Ursus)

2. مۈشيىق رۇق (大熊猫属, Ailuropoda)

3. مەليىق رۇق (懒熊属,Melursus )

4. تىميىق رۇق (眼镜熊属,tremarctos) 

5. ھىليىق رۇق (马来熊属,helarctos)

قوشۇمچە 2 :  ئېيىقئىلەدىكى 9 ئېيىق زاتىنىڭ  ناملىرى

1. ئېيىق قوڭۇرى (棕熊,ursus arctos).

2.  ئېيىق ئاقيىقى (北极熊,ursus arctos maritimus)

3.  ئېيىق ئامېرىكى (美洲黑熊,ursus americanus)

4.  ئېيىق تىبەتى (亚洲黑熊, urus thibetansus ).

5. ئېيىق كوۋرى (阿特拉斯棕熊,北非棕熊,urus crowtheri).

6. مۈشيىق مىلانى (大熊猫,ailuropoda melanoleuca)

7.   تىميىق ئوناتى (眼镜熊, tremarctos ornatus)  

8. مەليىق ئۇسىنى (懒熊,melursus ursinus )

9.  ھىليىق مالايى (马来熊,helarctos malayanus)

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 09-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 275 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4035
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز