باش بەت > جۇغراپىيە > سۇ دىگەن نىمە؟
2يانۋار

سۇ دىگەن نىمە؟

سۇ دىگەن نىمە؟

什么叫做水

ئاپتورى: بوستاني

بۇنىڭدىن 38 يىل بۇرۇن،بىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا، بىزنىڭ كەسپىمىزدە «سۇچىلىق» قا ئائىت دەرىس ئۆتۈلەتتى. بۇنىڭدا، سۇ يوق يەرلەردە سۇ مەنبەلىرىنى تېپىش ئۇسولى،كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىنى لاھىيەلەش، ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشى، يايلاقلارنى سۇغۇرۇش ئۇسولى ،ئوت-چۆپ، زىرائەتلەرنىڭ سۇ نورمىسى دىگەندەك  نۇرغۇن مەزمۇنلار سۆز لىنەتتى. گۈدەك چاغلىرىمىز ئوخشايدۇ، جاڭ مۇئەللىم, بۇ دەرىسلەرنى ئۆگۈنۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتىنى شۇنچە كۆپ سۆزلىسىمۇ، بۇ دەرىسلەر بىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالمايتتى ،سۇ دىگەننى كىم بىلمەيدۇيەي، بىز بەش يىل دىخان بولۇپ، سۇغۇرۇشنى تازا قىلىپ كەلگەنەي، دىگەندەك گەپلەر بىلەن بۇ دەرىسلەرگە ئانچە قىزىقمايتتۇق. كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن، سۇنىڭ شۇ قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. سۇنىڭ قىسلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، سۇنى ياساپ باقساق بولمامدۇ دىگەن ئويلاردىمۇ بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن سۇغا ئائىت ماتىرىياللارنى كۆردۇم. ئاخىرىدا، سۇنى ھازىرچە ياسىغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم، شۇ جەرياندا، سۇغا ئائىت ئاز بولمىغان بىلىملەرگىمۇ ئېرىشتىم. سۇ توغرىسىدا ئانچە مۇنچە بىلگەنلىرىمنى سىزلەرگىمۇ دەپ بېرەي:

1.سۇ دىگەن نىمە؟ سۇنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئىسپاتى نىمە؟

ئەپلاتون ۋە ئارىستوتىل تەلىماتىدا، سۇ ساپ ماددا بولۇپ، دۇنيانى پەيدا قىلغان 4 ئاساسنىڭ بىرى دىيىلگەن ئىكەن. بۇ تەلىمات، 16-ئەسىرگىچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ھېساپلانغان ئىكەن. 16 – ئەسىرگە كەلگەندە، ئەنگىيىلىك پوپ پولىستلى ۋە زاماندىشى كاۋىندۇش دىگەن كىشىلەر، يوقۇرىدا دىيىلگەن تەلىماتنىڭ توغرى خاتالىقىغا گۇمانلاندىمىكىن، سۇنى قايتىدىن ئانالىز قىلغان، ئۇلار ئاخىرىدا، سۇ ساپ ماددا ئەمەس، بەلكى ئارىلاشما ماددا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

19-ئەسىرگە كەلگەندە، ئەنگىيىلىك خىمىيە ئالىمى دوردۇن، سۇنى« ○⊙=○+⊙ »شەكىلدە ئىپادىلىگەن،  كىيىن شىۋىتسارىيەلىك خىمىيە ئالىمى بىسلوس سۇنى H2O شەكىلدە ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن گىرمانىيەلىك خىمىيە ئالىمى لىبىش سۇنى H2O قىلىپ يازغان.شۇسەۋەپتىن بىسلوس دىگەن كىشى، مىنىڭ دىگىنىمنى  ئۆزگەرتتىڭ دەپ،لىبىش دىگەن كىشى بىلەن بىرقىتىم قاتتىق تاكاللاشقان. شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر سۇ مالىكولىسىنى، لىبىش دىگەن كىشىنىڭ يازغىنى بويىچە،بىز ھازىر قوللۇنۇۋاتقان H2O شەكىلدەئىپادىلىگەن.دىمەك،ئەنگىيىلىك پوپ پولىستلى ۋە زاماندىشى كاۋىندۇشنىڭ سۇ ئارىلاشما ماددا دىگىنى توغرى بولغان.لىبىش دىگەن كىشىنىڭ سۇنى،خېمىيەلىك ئۇسولدا يازغىنىمۇ توغرى بولغان.شۇڭا، سۇ مالىكولىسى، 2دانە ھىدروگىن بىلەن 1دانە ئوكسىگىن ئاتومىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئارىلاشما ماددا. سۇ مالىكولىسى خىمىيەدە H2O دەپ يېزىلغان.

سۇ مالىكولىسىنى كۆز بىلەن ھەتتا  ئادەتتىكى مىكروسكوپ بىلەن كۆرگىلى بولمايدىكەن.ئالىملارنىڭ ھىساپلىشىغا قارىغاندا 10 مىليون دانە سۇ مالىكولىسىنىڭ چوڭلىقى ئاران بىر تال كىچىك تېرىق چوڭلىقىدا بولىدىكەن.

پەننى ئالىملارنىڭ يەكۈنى شۇ بولدىكى،سۇ بارلىق جانىۋارلارنىڭ ھاياتىدا ۋە تەبئەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ناھايىتى مۇھىم ماددى ئامىل.جانىۋارلار سۇدىن پەيدا بولغان. بۇنىڭدىن ئازكام 1500 يىل ئالدىدا،ئاللادىن مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھى بولۇپ چۈشكەن قۇرئان ئايەتلىرىدىمۇ بىر قانچە يەردە جانىۋارلارنىڭ (ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «ئابى مەنى»(مەنىسى سۇ) دىن يارالغانلىقىدىن بىشارەت بېرىلگەن.

پەننى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرى ئىسپاتلىدىكى،سۇ،جانىۋارلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى.جانىۋارلاردىكى ئوزۇقلۇقنىڭ كىلىش مەنبەسى.ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئېرىتىپ توشۇغۇچى. جانىۋارلارنىڭ تەن تېمپىراتۇرسىنى تەڭشىگۈچى.

سۇ تۇپراقنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى.تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنىڭ زۈرۈر بولغان شەرتى.تۇپراق تەركىۋىدىكى مىنىرال ماددىلارنى ئېرىتىپ پارچىلىغۇچى،تۇپراقنىڭ تېمپىراتورسى ۋە ھاۋاسىنى تەڭشەپ تۇرغۇچى قاتارلىق مۇھىم روللارنى ئوينىغۇچى.

بىر كىلوگىرام پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، 646 كىلوگىرام سۇ لازىم بولىدىكەن.بۇغدايغا  513 كىلوگىرام، قۇناق(كۆممەقۇناق)قا 368 كىلوگىرام،پۇرچاققا 788 كىلوگىرام،سورغۇم(ئاققۇناق،قىزىلقۇناق)قا  322 كىلوگىرام،تېرىققا  310 كىلوگىرام، كاۋىغا  834 كىلوگىرام ،ئارپىغا  534 كىلوگىرام سۇ لازىم بولىدىكەن.

كۆكتات-مىۋىنىڭ تەركىۋىدە 90 پوئىنت سۇ بولىدىكەن،  بېلىقتا 80 ،ئويچۆپلەردە  70,بىرچوڭ ئادەم تىنىدە 60  پوئىنت سۇ بولىدىكەن.قاننىڭ تەركىۋىدە 90 پوئنىت سۇ،مىڭىنىڭ تەركىۋىدە 80 پوئنىت سۇ بولىدىكەن.

سۇ قانداق پەيدا بولغان؟ بۇ مەسىلىنى كىيىن يېزىلىدىغان ئەسەردىن كۆرەرسىز.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 02-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 5,198 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=279
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز