زىمىندا قانچىلىك سۇ بار؟
زىمىندا قانچىلىك سۇ بار؟
地球有多少水
ئاپتورى: بوستاني
زىمىندا قانچىلىك سۇ بار؟ بۇ مەسىلىگە ئېھتىمال ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلسە كېرەك،بۇ يازمىدا، زىمىندىكى سۇنىڭ تەخمىنەن ئېنىقلانغان زاپىسى تۇنۇشتۇرۇلدى.
كۆپلىگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، زىمىندىكى سۇنىڭ ئومۇمى ھەجىمى: بىر مىليارت،360 مىليون كۇپ كىلومېتىر كېلىدىكەن.( 1360000000km3)
بۇنىڭ ئىچىدە،ئاسمان (ئاتموسفېرا) دا ھەر ۋاقىت ساقلىنىدىغان سۇ پارىنى سۇغا ئايلاندۇرغاندا، 13 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ،زىمىندىكى سۇنىڭ تەخمىنەن %0.001 نى ئىگەللەيدىكەن.
دېڭىز-ئوكىياندىكى سۇ،بىر مىليارت،320 مىليون كۇپ كىلومېتىر بولۇپ، زىمىندىكى سۇنىڭ % 97.2 نى ئىگەللەيدىكەن.
ئىككى قۇتۇپ ۋە بارلىق تاغلاردىكى مۇزلۇقلاردا ساقلانغان سۇ،25 مىليون كۇپ كىلومېتىر بولۇپ،زىمىندىكى سۇنىڭ % 1.8 نى ئىگەللەيدىكەن.
زىمىندىكى ئىچكى دېڭىز(قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز)،كۆل،ئېقىن-دەريا سۇلىرىنىڭ ئومۇمى ھەجىمى 250 مىڭ كۇپ كىلومېتىر بولۇپ،زىمىندىكى بارلىق سۇنىڭ % 0.02 نى ئىگەللەيدىكەن.
قارا سۇ (يەر ئاستى سۇلىرى)نىڭ ئومۇمى زاپىسى،13 مىليون كۇپ كىلومېتىر بولۇپ، زىمىندىكى سۇنىڭ،%0.9 نى ئىگەللەيدىكەن.
دىمەك،يوقۇرىدىكى سانلىق قىممەتلەردىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى،زىمىندىكى بارلىق ئادەملەر، گىياھلار، ھايۋاناتلار، ئېتىزلىقلار، ئورمانلار، قۇرۇلۇشلار……بىۋاستە ئىشلىتەلەي دىغان يامغۇر سۇلىرى،مۇزلۇقلار،قارا سۇلار، كۆل،دەريا ئېقىن سۇلىرى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئومۇمى زاپىسى، پۈتۈن زىمىندىكى سۇ زاپىسىنىڭ % 2.72 نى ئىگەللەيدىكەن. قالغان % 97.28 سۇنى ، بەكلا تۇزلۇق بولغان دېڭىز-ئوكىيان سۈيى بولغانلىقتىن بىۋاستە ئىشلىتەلمەيمىز.
دېڭىز-ئوكىياندىكى سۇنى تۇزسىزلاندۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ،بىراق بۇ خىل ئۇسولدا ئىشلەنگەن تۇزسىز سۇنىڭ تەننەرقى بەك يوقۇرى بولۇپ،ئادەەتكىچە دۆلەت رايونلار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. تۇزلۇق سۇنى تۇزلاندۇرۇش تېخنىكىسى كەشىپ قىلىنغاندىن كىيىن،دۇنيادىكى كۆپلىگەن تاتلىق سۇ كەمچىل دۆلەت-رايونلار ، تۇزلۇق دېڭىز-ئوكىيان سۈيىنى تۇزسىز لاندۇرۇش زاۋۇتلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ،ئىشقا سالغان.ئەمما،مەبلەغ ناھايىتى كۆپ كەتكەنلىكتىن،بەرداشلىق بېرەلمەي،بۇ زاۋۇدلار ئارقا-ئارقىدىن تاقالغان. ھازىر دۇنيادىكى ئەرەپ خەلپىلى كىنىڭ دۇبەي شەھرىدەك ناھايىتى باي بولغان جايلار دىلا بۇ زاۋۇدلار ئىشلەۋاتىدۇ. ئەندى،قارا سۇنى بەك كۆپ قېىزىپ ئىشلەتسەك،يەر گۆمۈرلۈپ،يەرنىڭ قۇرۇلمىسى بۇزۇلىدۇ،ئەگەر يەر مۇشۇ سۇنى كۆپ تارتىش سەۋەپلىك ئولتۇرۇشۇپ كەتسە،مەڭگۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا،قۇدۇقلارنى كۆپ قازماسلىق، قارا سۇنى كۆپ تارتماسلىقنى ھەممەيلەن تەۋسىيە قىلىشىمىز لازىم. ھازىر،ئۆز تەۋەسىدىكى سۇلارنى ساقلاش،تەقسىم قىلىش،تەمىنلەش ۋە تەڭشەش قاتارلىق ئىشلار ،كۆپلىگەن دۆلەتلەر دۈچ كىلىۋاتقان دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ قالدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا،دۇنيادىكى % 48 شەھەرلەردە سۇ قىس بولۇدىكەن. شۇڭا،سۇ دۇنيانىڭ سىتىراتىگىيەلىك بايلىقىغا ئايلاندى دىگەن گەپ. بەزىلەر تېخى،سۇ بەكلا كەمچىل بولىدىغان بولسا،دۆلەت-رايونلار ئارا سۇ تالىشىش جەڭلىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپمۇ پەرەز قىلىشىدىكەن. بۇنداق بولۇشىنى پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى خالىمايمىز ئەلۋەتتە.
سۇ،زىمىندىكى بارلىق مەئىشەتنىڭ جان تۇمۇرى،سۇ دىمەك،ھايات دىمەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا سۇ قىس.بۇ ھەممىمىزگە ئايان،شۇڭا،ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان،سۇنى تىجەپ ئىشلىتىش،سۇنى بۇلغۇماسلىق،ئېتىزلىقلارنى نورمال سۇغۇرۇش،قۇرغاقچىلىققا چىداملىق زىرائەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ تېرىش،گىيالىقلارنى بۇزۇپ،ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولغان بوز يەر ئاچماسلىق،سۇلارنى قالايماقان خالىغانچە توسىۋالماسلىق،ئارتۇق سۇلارنى چۆللەردىكى تەبىئى گىيالىقلارغا باشلاپ قويۇش…..قاتارلىق پەننى ئاساسقا ئىگە بولغان ئىسىل ئەنئەنىلەرنى يېڭىباشتىن كۈچەيتىشىمىز،ۋارىسلىق قىلىشىمىز،بۇ ئەنئەنىلەرنى دۇنياۋى بىر مودىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.ھەممەمىزنىڭ ئورتاق تىلىكىمىز شۇكى، رايونىمىزدا سۇ قەھەتچىلىكى مەڭگۇ بولمىغاي.