باش بەت > ئۇنىۋېرسال, جۇغراپىيە > «زىمىنشات» ۋە «زىمىنشات ۋاقىتلارى»
30ئۆكتەبىر

«زىمىنشات» ۋە «زىمىنشات ۋاقىتلارى»

«زىمىنشات» ۋە «زىمىنشات ۋاقىتلارى»

“地质”和“地质年代”

 

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

مەن ئۆز پلانىمدا، زىمىننامەگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازماقچى بولغان ئىدىم. بۇلارنى يازىشتا قانداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش مەسىلەسىدە، مىنىڭدە زىددىيەتلىك قاراش پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە قانداق ئاتالغان بولسا شۇ بويىچە ئاتاش، يەنە بىرى، ئىزدىنىش، ئىجات قىلىش بويىچە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەپ باقىش. بۇنىڭدا، ئىجادى ئىزدىنىپ ئىپادىلەش ئىستىكى غالىپ كىلىپ، مەزگۇر ئەسەردە يازىلغان زىمىننامەگە ئائىت بىر نەچچە مەزمۇننى سىناق شەكلىدە بايان قىلدىم. تەلىۋىم شۇكى، بۇرادەرلەرنىڭ پىكىر-قاراشلارىغا مۇھتاجمەن.

 

1. «زىمىنشات» دىگەن سۆزگە ئىزاھ

«زىمىن» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، «زىمىنلەم»دىكى، مەرگەزى دۇنيانىڭ (يۇلتۇزنىڭ) نامى بولادى. ياكى، «قۇياشلەم»دىكى 8 سەييارە دۇنيانىڭ (يۇلتۇزنىڭ) 3-سىنىڭ نامى بولادى. ياكى بىز ئادەملەر ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ (يۇلتۇزنىڭ) نامى بولادى. زىمىن دىگەن سۆزنى، بىز ئۇيغۇرچىدا «يەر شارى» دىگەن نامدا ئاتاۋاتامىز. زىمىن دىگەن سۆز، خەنزۇچىدا «地球» دەپ ئاتالادى.

«ئىنشائات» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچىدا، «قۇرۇلۇش»، «تۈزۈلۈش»، «ياسالىش» دىگەن مەنالارنى بىلدىرەدى. ئىنشائات دىگەن سۆز، خەنزۇچىدا «工程,构造,建设,结构» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتالادى.

«زىمىنشات» دىگەن سۆز، «زىمىن» دىگەن سۆز بىلەن «ئىنشائات» دىگەن ئىككى سۆزدىن قوراشتۇرۇپ ياسالغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولادى. زىمىنشات دىگەن سۆزنىڭ ئەڭ ئىخچام مەناسى، زىمىننىڭ خاراكتىرى بىلەن ئالاھىدىلىكىنى كۆرسەتەدى. بولۇپمۇ، زىمىننىڭ ماددا تۈزۈلىشى، قۇرۇلماسى، ئىنشائاتى، شەكىللىنىش تارىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالادى. دىمەك، زىمىننىڭ قاتلاملارى، فىزىكالىق، كىمىيالىق خاراكتىرى، تاش جىنىسلار، تاش قاتلاملار ۋە مەنەرلەرنىڭ خاراكتىرى، كان بايلىقلارى، شەكىللىنىش ھالەتى، زىمىن ئىنشائاتىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى، جانىۋارلارنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىقلىمنىڭ (كلىماتنىڭ) ئۆزگىرەشى قاتارلىق مەۋجۇد ھاسىلات ۋە قانۇنىيەتلەر ئومۇمەن ئالغاندا، زىمىنشات دەپ ئاتالدى. زىمىنشات دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچەسى «地质»، ئېنگلىشچەسى «Geology» بولادى. زىمىنشات دىگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى، بىز ئېنگلىشچە نامى بۇيىچە «گېئولوگىيە» دەپ ئاتاۋالدۇق.

مەن يەنە، «زىمىننامە» دىگەن بىر ئۇيغۇرچە سۆز ياساغان ئىدىم. زىمىننامە، خەنزۇچەدە «地理科学,地理学»، ئېنگلىشچەدە «Geography» دەپ ئاتالادى. زىمىننامە دىگەن بۇ سۆزنى بىز «جۇغراپىيە ياكى جاغىراپىيە» دەپ ئاتاۋالدۇق. بۇنىڭ توغراسى مىنىڭچە «گېئوگراپىيە» بولۇشى كېرەك. تېخىمۇ ئانىق بولغان ئۇيغۇرچەسى «زىمننامە» بولسا تولىمۇ ياخشى بولادى.

زىمىنشات، «زىمىننامە»دە بىر مۇھىم تارماق پەن بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ نامىنى مەن «زىمىنشاتنامە» دەپ قويدۇم. بۇنىڭ خەنزۇچەسى «地质学»، ئېنگلىشچەسى «Geology» دەپ ئاتالغان. بىز ھازىر بۇنى يەنە «گېئولوگىيە» دەپ ئاتاۋاتىمىز.

زىمىنشات دىگەن بۇ ئۇيغۇرچە سۆزنى، مەن بۇنىڭدىن 20 يىللار بۇرۇن ياساغان بولساممۇ، كۆپچۈلۈكنىڭ ئالدىغا چىقىرالمادىم. سەۋەبى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەھلى ئالىملارىنىڭ نەزەرىدە «تەتۈر قۇيۇن چىقارىپ، قالايماقان قىلغان» بولادىكەنمەن. مىنىڭچە بولغاندا، ياسالغان ئىسىم سۆزنى قوللانىش-قوللانماسلىق مۇھىم ئەمەس، ئۇيغۇر تىلىدا ئىزدەنىپ باقىش كەم بولسا بولمايدۇغان بىر روھ دەپ قارايمەن. شۇنداق قىلىپ، ھوزورىڭىزلارغا «زىمىننامە»، «زىمىنشات» ۋە «زىمىنشاتنامە»دىگەندەك بىر مۇنچە ئۇيغۇرچە يىڭى سۆزنى ئالىپ كەلدىم. ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈپ باقارسىزلەر.

 

2. «زىمىنشات ۋاقىتلارى»

زىمىنشۇناسلار ياكى زىمىنشاتشۇناسلار بىلىش ۋە قوللانىشتا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، زىمىنشات تارىخىنى دەۋىر-يىللارغا ئايرىغان. بۇنى مەن «زىمىنشات ۋاقىتلارى» دەپ ئاتادىم. بۇ سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «گىئولوگىيەلىك دەۋىرلەر» دەپ ئاتالغان. زىمىنشات ۋاقىتلارى بىر يۈرۈش سىستېما بولۇپ، ئۇ، دەۋىر (宙)، ئېرا(代)، ئەسىر(纪)، زامان(世)، يىل(期)، مەزگىل(时) دىن ئىبارەت 6 دەرىجەگە ئايرىلغان. ھەر بىر دەرىجە بىر يۇنىت (بىرلىك) قىلىنغان. دىمەك، يوقارىدا كۆرسەتكەن 6 خىل ۋاقىت ناملارىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، «زىمىنشات ۋاقىتلارى» دەپ ئاتادىم.

مەن كۆرگەن مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، ئالىملار، زىمىنشات ۋاقىتلارىنى 4 دەۋىرگە، 14 ئېراغا، 22 ئەسىرگە، 34 زامانغا، 105 مەزگىلگە ئايرىغان.

ئەلۋەتتە، زىمىنشات ۋاقىتلارى توغۇرسىدىكى مەزمۇنلار كۆپ بولۇپ، ئايرىم توختالىشقا توغرا كەلەدى. شۇڭا، بايانىم مۇشۇ يەردە تامام بولدى.

 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، زىمىنشات ۋە زىمىنشات ۋاقىتلارى توغۇرسىدا قىسقىچە توختالدىم. ھەمدە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان زىمىن، زىمىننامە، زىمىنشات، زىمىنشاتنامە، دەۋىر، ئېرا، ئەسىر، زامان، مەزگىل دىگەندەك سۆزلەرنى خەنزۇچەسى بىلەن كۆرسەتتىم. مەقسەت، بۇلار ھەققىدە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشتە ئىزدىنىپ باقىشتىن ئىبارەت. ئىجتىمائىي تارىخىمىزغا قاراغاندا، يىڭى شەيئى قوللاشقا قاراغاندا، قارىشى تۇرۇشقا بەكرەك ئۇچرايدىكەن. مەيلى قانداق بولماسۇن، مەن ئويلارىمنى سەمىڭىزلەرگە سالدىم. ئۆرۈش-چۆرۈش قىلىپ باقارسىزلەر.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,222 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5278
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

كۆرسىتىش يوشۇرۇش 1 trackbacks

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز