2015يانۋار25
مەن، مەرھۇم بوتانىك تاقتاجان سىستېماسى بىلەن بەكمۇ كىچىكىپ تۇنۇشتۇم. شۇنداق بولسامۇ، سۆۋىت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا بوتانىكلارىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئەرمەن بوتانىك، تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە بولسامۇ مەلۇمات بېرىشنىڭ ئەھمىيەتى بار دەپ قارادىم. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەرھۇم بوتانىكا ئالىمى تاقتاجان ۋە ئۇنىڭ سىستېماسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. ھەمدە، مەزگۇر ئەسەرنى، مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 6 يىللىقىغا بېغىشلادىم.
2015يانۋار17
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تەييارلىقتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى تومى نەشىر قىلىنغىچە 25 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىنغان «شىنجاڭ فلوراسى» (新疆植物志) ، ئېنگىل سىستېماسى بويىچە تاكسون قىلىنغان[1]. ئۇنداقتا، ئېنگىل سىستېماسى دىگەن نىمە؟ مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ مەزمۇندا قىسقىچە توختالدىم.
2015يانۋار7
«زىيا نەزەرىيەسى» جىمسارى مىنىڭ تەشەببۇسىم بۇيىچە، بىزنىڭ ئىسىملارىمىز يازىلغاندا، ئاتا ئىسمى ئالدىدا، بالا ئىسمى كەينىدە بولسا، ئاندىن تەخەللۇسى ياكى نەسەب نامى كەلسە، ئىسىم مەيلى تولۇق يازىلسۇن ياكى ئىخچاملانىپ يازىلسۇن، ئىسىم ئوبىكتى ئېنىق بولىدۇ [1]. مەسەلەن: «سىدىق قاسىم زىيا»، «س. قاسىم …
2015يانۋار6
ھازىرقى زامان فىزمات ئىلمىنىڭ ئاتاسى- ئىبىن ئەلھېيتەم جىمسارى 1. ئىبىن ئەلھېيتەمنىڭ ئىسىمىغا ئىزاھ ئىبىن ئەلھېيتەم، 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ يارىمىغىچە بولغان ئارالىقتا ياشاپ ئۆتكەن، ھازىرقى زامان فىزمات (فىزىكا، ماتىماتىكا) ئىلىملەرىگە ئاساس سالغان، دۇنياغا مەشھور بولغان، ئەرەب پەننىي ئالىمنىڭ ئىسمى. ئىبىن ئەلھېيتەمنىڭ …
2012يانۋار18
مەرھۇم خەمىت خەكىموف ئەپەندىنى ئەسلەيمەن 思念哈米提哈克莫夫老师 ئاپتورى: بوستاني 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى،مەرھۇم خەمىت خەكىموف ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى بولىدۇ.بىر يىل بۇرۇن،خەمىت مۇئەللىم تۇيۇقسىز كىسەلگە مۇپتىلا بولۇپ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 74 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان ئىدى. تۆنۆگۈن مەريەم ناسىر خانىم ۋە پەرزەنىتلىرى ئۆتكۈزگەن خەمىت …
2011دېكابىر20
ئاكادېمىك ھۇشۇر ئىسلام ئەپەندىنى تەبرىكلەيمەن 祝贺乌舒尔斯拉木教授当选为中国工程院院士 ئاپتورى: بوستاني خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو ئىنجېنىرى ئاكادېمىيە، ئاكادېمىكلارنى يىڭىدىن تولۇقلاپ سايلاش نېتىجىسىنى ئېلان قىلغان. يېرىم يىل تەكشۈرۈش ۋە باھالاپ سايلاش ئارقىلىق، 485 نامزات ئىچىدىن 54 نەپەر نامزاتنى،2011 -يىللىق رەسمى ئاكادېمىك قىلىپ …