18يانۋار
مەرھۇم خەمىت خەكىموف ئەپەندىنى ئەسلەيمەن
思念哈米提哈克莫夫老师
ئاپتورى: بوستاني
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى،مەرھۇم خەمىت خەكىموف ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى بولىدۇ.بىر يىل بۇرۇن،خەمىت مۇئەللىم تۇيۇقسىز كىسەلگە مۇپتىلا بولۇپ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 74 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان ئىدى. تۆنۆگۈن مەريەم ناسىر خانىم ۋە پەرزەنىتلىرى ئۆتكۈزگەن خەمىت خەكىموف ئەپەندىنىڭ يىل نەزىرسىگە باشقىلاردىن ئاڭلاپ قاتنىشىپ كەلدىم. نىمىشقىدۇركى بىلمىدىم،خەمىت خەكىموف ئەپەندى زىمىنلەمدە، قۇياشلەمدە،سامالەمدە…….ئالەمدە مەڭگۇگە غايىپ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ماڭا ھاياتتەكلا بىلىنىدۇ. پات-پات ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ قالىمەن.
مەن خەمىت ئەپەندىنى 1973-يىلى 1-ئاۋغۇسىت يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپ تۇنۇيمەن. خەمىت ئەپەندى بىزنىڭ سىنىپقا دەرىس ئۆتمىگەن بولسىمۇ،بىز ئۇنىڭ ئىرسىنامەدىن دەرىس بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق.ئۇنىڭ خۇشپېىل مىجەزى بىلەن بىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ ساۋاقداش ياكى ئاغىنىلەردەك، كۆرۈشۈپ قالساق ھال-مۇڭ ئېيتىشاتتۇق.
1981-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن،تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى قۇلۇستاي يايلىقىنىڭ تەبىئى بايلىق ۋە مۇھىتىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە خەمىت ئەپەندى بىلەن بىرگە ئىشلىدىم. بۇ قېتىمقى ئىلمىي قىدىرىپ تەكشۈرۈش سۇ،تۇپراق،ئورمان،يايلاق،چارۋا قاتارلىق بەش چوڭ ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،خەمىت ئەپەندى چارۋا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدا ،سۇلايمان ئىبراھىم ئەپەندى ئورمان گۇرۇپپىسىدا،مەرھۇم قاسەن بازاربايېۋ ئەپەندى سۇ گۇرۇپپىسىدا،مەرھۇم قادىر ئىمىن ئەپەندى تۇپراق گۇرۇپپىسىدا،مەرھۇم ساغىدۇللا ئەپەندى،ئېردۆلەت،ئابدىكېرىم ئەپەندىلەر ،ياش جەھەتتە ھەممىدىن كىچىكى بولغان مەن يايلاق گۇرۇپپىسىدا ئىشلىدۇق.4 ئايغا يېقىن دالادا قىدىرىش،3 ئاي ئىشخانىدا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى غەلبىلىك ئورۇنلىدۇق.ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ خىزمەتلىرى نېتىجىلىك ھالدا،جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇ چاغدا،خەمىت ئەپەندىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھبىسى،مىنىڭچە يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان «باشباي قوي» نەسلىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى بولدى.
دالا خىزمىتىدە ئىشلىگەن چاغلىرىمىزدا،ئەتراپىمىزدىكى چارۋىچىلار ھەپتىدە بىر قىتىم دىگىدەك بىزنى قوي سويۇپ مېھمانغا چاقىراتتى. بۇلارنىڭ ئۆيلىرى بىز تۇرغان جايدىن يېقىنى 5 كىلومىتىر، يىراقلىرى 10كىلومىتىر كىلەتتى.بىز كەچتە پىيادە بېرىپ كىلەتتۇق.خەمىت ئەپەندى ھەم ناخشىچى،ھەم يۇمۇرچى بولۇپ،يول بويى ئۇيغۇرچە،تاتارچە ۋە قازاقچە ناخشىنى كەڭ يايلاقتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ ماڭاتتى. قىزىقچىلىقتا ئۇزۇن يوللار بىردەمدىلا تۈگەپ قالاتتى. بىر كۈنى،ئاقچىي دىگەن جايدىكى بىر چارۋىچى مېھمانغا چاقىردى. كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا،ئۆي ئىگىسى بىزگە ئاتاپ بىر پاقلاننى سويۇشقا يىتىلەپ كەلدى.بۇ 4 ئايلىق بولغان قىزىلبوز رەڭلىك زور ئەركەك پاقلان ئىدى.خەمىت ئەپەندى پاقلانغا ئالاھىدە قىزىقىپ، ئۆي ئىگىسىدىن بۇ پاقلان توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى سورىدى.ئاخىرىدا خەمىت ئەپەندى بۇ پاقلاننى سويمايدىغانغا ئۆي ئىگىسىنى كۆندۈردى.
خەمىت ئەپەندىنىڭ كەسىپكە پىشقان ئۆتكۇر كۆزى بۇ پاقلاننىڭ «باشباي قوي» نەسلى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. شۇنىڭدىن كىيىن،خەمىت ئەپەندى،بارغانلا ئۆيدىكى قويلارنى ئارىلايدىغان، بىزگە ئاتاپ سويىدىغان قويلارنى سويۇش ياكى سويماسلىقنى بېكىتىپ بېرىدىغان بولدى.بىر كۈنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چارۋاچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئايىرجاپ دىگەن كىشى،مويىنتال دىگەن جايدىكى بىر فېرمىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.ھەممەيلەن باردۇق.3 قورو قوي كەلتۈرۈلدى(ھەر بىر قورو قوي 500 ئەتراپىدا ئىدى).خەمىت ئەپەندى،بۇ 3 قورو قوينى يېرىم كۈن ئارىلاپ تەكشۈرۈپ،80 دانە قوينى باشباي قويىنىڭ نەسىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ ئايرىپ بېقىشقا كۆرسەتمە بەردى.شۇ كۈنى چارۋاچىلىق باشلىقى ئايىرجاپ ئوننەچچە چارۋىچىنى چاقىرتىپ كەلدى. خەمىت ئەپەندى،باشباي قوي نەسىلى توغرىسىدا سۆز قىلدى: باشباي ئەينى چاغدىكى ۋىلايەت باشلىقىنىڭ ئىسمى بولۇپ،بۇ كىشى قوي نەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ،چارۋىچىلارنى يېڭى قوي نەسلى يارىتىشقا چاقىرغان ھەم ئۆزى باش بولۇپ،چاغانتوقاي تەۋەسىدە قوي نەسىلىنى ياخشىلاش بىلەن شوغۇللانغان ئىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،ياۋا ئارقار بىلەن نەسىللەندۇرگەن بىر قوي نەسىلى ۋۇجۇتقا كەلگەن.بۇ قوي بويى زور،ئۆسۈشى تېز،سوغۇققا ۋە يىرىك ئوت-چۆپتە يايلىتىپ بىقىشقا چىداملىق بولۇپ،ئالتاي قويىغا ئوخشاش كۆپ مىقتاردا گۆش،يۇڭ بېرىدىغان نەسىل ئىكەن.كىيىنكى چااغلاردا يەرلىك چارۋىچىلار بۇ قوي نەسلىنى باشباي قويى دەپ ئاتىغان. مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە باشباي دىگەن كىشى جىن،شەيتان قىلىنىپ تەنقىتلەنگەن،ئۇنىڭ نامىدىكى بو قوي نەسىلىمۇ چەتكە قېقىلىپ ئېتىبارسىز قالغان ھەمدە نەسىلى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن.ھازىر زامان ئۆزگەردى،پارتىيمىز يېزا ئىگىلىكىدىكى ھەر قانداق يەرلىك نەسىل ياكى سورتلارنى قوغداشقا، كۆپەيتىشكە چاقىرماقتا.شۇڭا،بارلىق چارۋىچىلارنىڭ باشباي قويىنى يىغىشىنى،ئۇنى ئايرىپ بېقىشىنى، سويماسلىقىنى،شالغۇتلاشتۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.مەنمۇ،ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تەكلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن.ئايىرجاپمۇ خەمىت ئەپەندىنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى ھەم قوشۇمچە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كىيىن،چارۋىچىلار،شەھەردىن كەلگەن بۇ «كادىر قويچىنى» پات-پات ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى.
«قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى» ۋە «قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى» ناملىق ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىدىغان ئىككى ژورنال ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تەبىئى پەن ژورناللىرى ئىچىدە سەركەردە ھېساپلىنىدۇ. خەمىت ئەپەندى،مەرھۇم قادىر ئىمىن،سۇلايمان ئىبراھىم،مۇسا مۇھەممەت،مىجىت خۇدابەردى،ئۆمەر موللا، ئۈركىنبەك قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستازلار قاتارىدا بۇ ئىككى ژورنالغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى.مەن بۇ ئىككى ژورنالغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئوننەچچە يىل جەريانىدا، خەمىت ئەپەندى ئىزچىل تۈردە ژورنالنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كەلدى.ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ھەقسىز تەھرىرلەپ بەردى. ژورنالنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،تېلىفۇن قىلىپ تۇردى. خەمىت ئەپەندىنىڭ ئەسەرلەرگە ئەستايىدىل بولۇش،ئاپتورلارنى ھۈرمەت قىلىش ئىستىلى ماڭا تەسىر قىلغان ئەڭ ياخشى مۇھەررىر ئىستىلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
خەمىت ئەپەندى،تۇرمۇشتا خوشال خوراملىق پوزىتسىيەدە ياشاپ ئۆتتى.مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىم كۆپ بولمىسىمۇ،ئۇنى دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرغان،روھلۇق،خۇشچاقچاق ھالەتتە ئۇچرىتىمەن.ئۇنى كۆرگەندە ئۆزەممۇ روھلۇنۇپ قالىمەن.
خەمىت ئەپەندى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئاپتونۇم رايونلۇق مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بىللە بولۇپ قالدىم. خەمىت ئەپەندى مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قاراش بىلەن بىرگە ئاكىتىپ پىكر بېرەتتى.ئۆز كۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قوياتتى.ئۇ ھەم جىگەرلىك بولۇپ،پەيتى كەلگەندە بىر پەس قايناپمۇ قوياتتى.
ئاڭلىسام،خەمىت ئەپەندى،ئوقۇتقۇچىلىق ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ۋە ئالى مەكتەپ دەرىسلىكلىرىنى تۈزىگەن،كۆپ قېتىم پەن-تېخنىكا مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن،تالاي شاگىرتلارنى تەربىلىگەن، سىياسى كىڭەش ئەزاسى، ھۆكۇمەت مەسلھەتچىسى بولغان مەزگىللەردە، كۆپلىگەن ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگەن. ھەتتا سەنئەت كىچىلىكىگە يىگىت بېشى بولۇپ،رىياسەتچىلىكمۇ قىلغان.شۇڭا،ئۇ مىنىڭ نەزەرىمدە روھى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئۆنىۋىرسال قابىلىيەتكە ئىگە، كام ئۇچرايدىغان مۇسۇلمان بىر زاتتۇر.
ئادەم ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچرايدۇ،بەزىلەر باي،بەزىلەر قەدىرىھال بولىدۇ،بەزىلەر پۇقرا، بەزىلەر ھوكۇمران بولىدۇ،بەزىلەر بىلىملىك،بەزىلەر ئاددى پىكىرلىك بولىدۇ،بەزىلەرنىڭ مەرتىۋىسى يوقۇرى، بەزىلەرنىڭ تۈۋەن بولىدۇ،…..بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئادەم ۋاپاتى بىلەن تەڭ دۇنيادىن غايىپ بولىدۇ. مەن خەمىت ئەپەندى ھاياتىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى،پەقەت شۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا ياراتقان موھىم نېتىجىلىرى،تۇرمۇشقا تۇتقان ئۈمۈتۋار پوزىتسىيىسى،ئائىلىسىگە ھەم كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسلا، ئەتراپىدىكى ھايات كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ يادلىنىپ تۇرىدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 878 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=372
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!