باش بەت > تىل،, جۇغراپىيە > جەزىرە (شېئىرى تەسۋىر)
5يانۋار

جەزىرە (شېئىرى تەسۋىر)

جەزىرە

(شېئىرى تەسۋىر)

ئا.ر.جىمسارى

 

بوزچاڭ ھاۋا، جەزرەڭ يەر،

ئىقلىم كۆكچۆل ھەم قاراچۆل،

ئۆڭى شېخىل، قۇم ۋە سېغىز،

چاتقال، جاڭگال، قاراكۆل.

نۇر، قۇۋۋەتكە ئەجەپ باي،

نېفىت گازغا بەكمۇ مول،

جەزىرەدە بايلىق كۆپ،

بىلەلمىسەڭ ساڭا نۆل.

مانا بۇلار، جەزىرە ئول،

بوستان بولار بەرسەڭ كۆڭۈل.

Img3457981460823dd54564e92586b2f59579c82d158ccbf4e74

ئەسكەرتىش: كۆكچۆل دىگەن سۆز، ئادىللا ئوغلى رەھمەتۇللا ئىجات قىلىپ قوللۇنىۋاتقان  ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇنىڭ مەنەسى، ھاۋا ياكى ئاسمانىدا سۇ پارلىرى ياكى نەملىكى  يوق چۆل دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئاتموسفىراسى قۇرغاق رايون» دەمدىكىن بىلمەدىم.

قاراچۆل دىگەن سۆزنىمۇ رەھمەتۇللا ئىجات قىلىپ قوللۇنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇنىڭ مەنەسى، تۇپرىقىدا  ياكى يەر ئاستىدا نەملىكى يوق چۆل دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «تۇپرىقى قۇرغاق رايون» دىيىلگەندۇ بەلكىم.

چۆل ۋە جەزىرە توغرىسىدا، ئاكادېمىيە تورىدا  ئەسەر نەشىر قىلىنغان. قىزىقسىڭىز، ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈپ باقارسىز.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 221 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3725
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز