جەزىرە دىگەن نىمە؟
«جەزىرە» دىگەن نىمە؟
什么是荒漠?
ئاپتورى: ئا. رەھمەتۇللا بوستاني
بايان ئاۋۋال
ئۇيغۇر تىلىدا، «جەزىرە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۆزىمىز بار. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە، «جەزىرە» دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: « جەزىرە، ئى [ئە] ① يېز ت. ئارال: ……؛ ② چۆل، باياۋان، دەشىت؛ ساي؛……. ؛ ③ئاياللارنىڭ ئىسمى». مەن، بۇ خىل ئىزاھاتتىن، «جەزىرە» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى چۈشەنچىسى ئېنىق بولماي قالىدۇ دەپ قارايمەن. ھەمدە، «جەزىرە» دىگەن سۆز، ئەرەپچىدىن قۇبۇل قىلىنغان دىگەن قاراشقىمۇ گۇمانىم بار. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، «جەزىرە» دىگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچەم ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن تەبىر ياكى ئىزاھاتىم، شۇنىڭدەك، جەزىرەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، تۈرلىنىشى ۋە دۆلىتىمىزدىكى جەزىرىلەر تىپلىرى بايان قىلىندى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
1. «جەزىرە» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە، تىلىمىزدىكى «جەزىرە» دىگەن سۆزنى، ئەرەپچە سۆز دەپ ئىزاھلىغان. مەن، ئەرەپچە ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرچە سۆز دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى «جەزىرە» دىگەن سۆز، ئۇيغۇر تىلىدىكى «جەز» بىلەن «مەنزىرە» دىگەن ئىككى سۆزدىن قوراشتۇرۇلغان ئىسىم سۆز بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «جەز» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى، مىنىڭچە، ساغۇچرەڭ، ئەبجەشمىسرەڭ(مىتال ئارىلاشقان سۇس مىس)،ئەترەڭ دىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. «مەنزىرە» دىگەن سۆزىمىز، مىنىڭچە، ئوبىكىتنىڭ شەكىلدىكى، رەڭدىكى، ئاڭدىكى كۆرۈنۈشى دىگەننى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايمەن. دىمەك، «جەز» دىگەن سۆزگە، «مەنزىرە» دىگەن سۆزنىڭ، «ىرە» دىگەن قوشۇمچىسى ئۇلۇنۇپ، «جەزىرە» سۆزى ياسالغان. ئۇنىڭ مەنىسى، «جەزرەڭ مەنزىرە» ياكى «جەزرەڭ كۆرۈنۈش» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە چۆللەردە خاس بولىدىغان گىياھلىقنىڭ، قۇمنىڭ، تۇپرىقىنىڭ، ئۇ يەرلەردە ياشايدىغان مەخلۇقلارنىڭ ئومۇمەن جەزرەڭدە كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. گىياھلىق بۆكنىڭ (لەندىسكەپ، لاندىشافىت) مەنزىرەسى، مەلۇم جۇغراپىيەلىك بۆك مەنزىرەسىنىڭ ئەڭ روشەن بىلدۈرگىسى. دىمەك، چۆللەردە خاس بولىدىغان جەزرەڭ گىياھلىق نامىنى ئۇيغۇرچە «جەزىرە» دەپ ئاتايمىز.
ئەرەپچىدىمۇ، «جەزىرە» دىگەن سۆز بار، بۇنىڭ ئەرەپچىدىكى مەنىسى، «ئارال» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچىدىكى «جەزىرە» دىگەن سۆز، چۆللەردە خاس بولىدىغان «گىياھلىق نامى» نى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، «جەزىرە» دىگەن سۆزنىڭ ئىككى تىلدىكى ئوقۇلىشى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما، بۇ سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەپچەدە ئۆز ئالدىغا پۈتۈلگەن، شۇڭا، ئىككى تىلدىكى بىلدۈرگەن مەنىسى ئوخشاش ئەمەس.
2. «گىياھلىق» دىگەن نىمە؟
«گىياھ» دىگىنىمىز، يانتاق، سۆكسۆك، يۇلغۇن دىگەندەك قۇياش نۇرى، سۇ ۋە مىنىرال ماددىلارغا تايىنىپ ئۆزىنى باقىدىغان ھەم باشقا جانىۋارلار ئۈچۈن ئوزۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان جانىۋارلارنىڭ ئومۇمى نامى. يەر يۈزىنى يېپىپ تۇرغان گىياھ توپقاللىرىنىڭ يىغىندىسى «گىياھلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇچىدا 植被 دەپ ئاتىلىدۇ.
گىياھلىق دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە مەنبەلەدە، «ئۆسۈملۈكلەر يېپىنچىسى»، «يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئىككى خىل ئاتالغان. گىياھلارنىڭ يېپىنچىسى بولمايدۇ دەپ قارىغانلار، «يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر» دىگەن ئاتالغۇنى قوللاندى. «يېپىنچا ئۆسۈملۈك» دىگەن ئاتالغۇنى مۇۋاپىق كۆرمىگەنلەر، «ئۆسۈملۈكلەر يېپىنچىسى» دىگەن ئاتالغۇنى قوللاندى. مىنىڭچە بولغاندا، بۇ ئىككىلا ئاتالغۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغان. چۈنكى، بىز چىغ بىلەن، يانتاق بىلەن، سۆكسۆك بىلەن قاپلانغان يەرلەرنى چىغلىق، يانتاقلىق، سۆكسۆكلۈك دەپ ئاتايمىز. ھەرگىز «چىخ يېپىنچىسى ياكى يېپىنچا چىغلار» دىگەندەك ئاتىمايمىز.
گىياھلىق، نۇرغۇنلىغان گىياھتوپقاللىرىدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا، گىياھلىق، گىئوبوتانىكادا ئەڭ چوڭ بىرلىك بولۇپ، تەبىئەت بۆكلىرى (لەندىسكەپ، لاندىشافىت )، مۇشۇ گىياھلىق ئالاھىدىلىكى ياكى مەنزىرسىگە قاراپ بۆلەكلەرگە ئايرىلىدۇ. مەسىلەن: گىياھلىقلار ئادەتتە، جەزىرە، باياۋان، كۆكئورمان، قارائورمان، چۆل ئورمان، كۆكچىم، قاراچىم، تايغا، سالۋاي، ساۋاننا، كۆكتوقاي، قاراتوقاي دىگەندەك ناملاردا ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا، «جەزىرە» دەپ ئاتالغان گىياھلىقنىڭ تەبىرى قانداق بېرىلىدۇ؟
3. جەزىرە ياكى جەزىرە گىياھلىقنىڭ تەبىرى نىمە؟
جەزىرە، «جەزىرە گىياھلىق» دىگەن سۆزنىڭ ئىخچام ئاتىلشى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇغا تۈۋەندىكىچە تەبىر بەردىم:
1-تەبىرى: ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى يېتەرلىك بولمىغان شارائىتتا يېتىلگەن گىياھتوپقاللىرىنىڭ بىرىكمىسى «جەزىرە گىياھلىق» ياكى «جەزىرە» دەپ ئاتىلىدۇ.
2-تەبىرى: چۆلكەش گىياھلارنى ئاساس قىلىپ يېتىلگەن توپقاللار بىرىكمىسى،«جەزىرە» دەپ ئاتىلىدۇ.
3-تەبىرى: چۆل كلىمات شارائىتىدا شەكىللەنگەن شالاڭ گىياھلىق يەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك مەنزىرسى «جەزىرە» دەپ ئاتىلىدۇ.
«جەزىرە» دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىسى 荒漠 دىيىلىدۇ، «جەزىرە گىياھلىق» دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىسى 荒漠植被 دىيىلىدۇ. بۇ ئىككى ئاتالغۇ، ئۇيغۇرچىدا، يوقۇرىدا ئۈچ خىل تەبىر بېرىلگەن، «ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان شارائىتتا يېتىلگەن، چۆلكەش گىياھلارنى ئاساس قىلغان گىياھتوپقاللىرى ۋە مەنزىرسى» دىگەن بىرلا ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ.
4. جەزىرەنىڭ ئالاھىدىلىكى
جەزىرە، ئادەتتە، ئاراچۆل، چاڭچۆل ۋە نەمچۆل ئىقلىم كونتروللىقىدىكى يەرلەردە شەكىللەنگەن بولۇپ، ھۆليېغىنى ئاز، تېمپراتۇرا ئۆزگۈرىشى كۈچلۈك، بوران كۆپ، ئېقىن سۇلىرى يوق بولىدۇ. شۇڭا، جەزىرەنىڭ يەر ئۈستىدىكى گىياھلىقلار ناھايىتى شالاڭ ئۆسىدۇ. كۆپ قىسىم يەرلەرنىڭ ئۆڭى (يەر يۈزى قىسمى)، شېخىللىق، تاشلىق، قۇملۇق، سېغىزلىق، لايلىق، شورتاڭلىق بولىدۇ.
جەزىرەدە، ئادەتتە، چوڭقۇر يىلتىزلىق، بەرگلىرى ئەتلىك، كىچىك ياكى يوق بولغان چۆلكەش، شوركەش گىياھلار ياشايدۇ. جەزىرە گىياھلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى قاتتىق ياغاچلانغان بولۇپ، دەرەخ، چاتقال، ئوتچاتقال گىياھلار ئاساسى ئورۇندا تۇرۇدۇ. جەزىرە تۇپرىقى يىرىك ماددىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تۇپراق قاتلىمى يېتىلمىگەن، ئۈنۈمسىز بولىدۇ. تۇز تەركىۋى يوقۇرى بولۇپ، قاراسۇ كۆتۈرۈلگەن يەرلەردە شورتاڭلار شەكىللەنگەن. ئىچكى دەريا بويلىرى ۋە قارا سۇ كۆتىرىلگەن يەرلىرىدە قاراچىم، قاراتوقاي گىياھلىقلىرى يېتىلگەن. ئاراچۆل ياكى نەمچۆل ئىقلىم يەرلىرىدە، چۆل ئورمان (دەرەخزار جەزىرە) گىياھلىق تىپلىرى يىتىلگەن بولىدۇ. كۆچمە قۇملۇقلاردىكى جەزىرىلەرنىڭ گىياھلىرى ناھايىتى شالاڭ بولۇپ، 90% دىن كۆپ يەر يۈزى گىياھسىز يالىڭاچ بولىدۇ.
5. جەزىرەنىڭ تۈرلىنىشى
جەزىرە تۈرلىرى، ئادەتتە گىياھلىقلارنى تۈرلەش سىستېمىسى بويىچە تۈرلىنىدۇ. يەنى، جەزىرە، ئۇنى شەكىللەندۈرگۈچى گىياھتوپقال تۈرى ياكى گىياھلىق تىپ بىلەن ئايرىلىدۇ، ھەمدە، ئۇلارنىڭ ناملىرى شۇ توپقال نامى ياكى گىياھلىق تىپ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: دەرەخزار جەزىرە (تىپ نامى)، سۆكسۆكلۈك جەزىرە (توپقال نامى)، ئوتچاتقال جەزىرە (گىياھلىق تىپ نامى)، شىۋاقلىق جەزىرە (توپقال نامى)، پەتەك ئوتچاتقال توڭجەزىرە (گىياھلىق تىپ نامى)، ئاجان تىبەتى جەزىرە (توپقال نامى) دىگەنگە ئوخشاش.
دۇنيادىكى جەزىرىلەر، « ئىسسىق جەزىرە» (ئىسسىق بەلۋاق جەزىرىلىرى)، «ئارائىسسىق جەزىرە» (ئارائىسسىق بەلۋاق جەزىرىلىرى)، «مۆتىدىل جەزىرە» (مۆتىدىل بەلۋاق جەزىرىلىرى) دىگەندەك تىپلاغا ئايرىلىدۇ. دۆلىتىمىز، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى جەزىرىلەر، مۆتىدىل جەزىرىلەرگە كىرىدۇ. تاغدارالىرىدىكى قىسمەن جايلاردا، «توڭجەزىرە» شەكىللەنگەن.
«جۇڭگودىكى گىياھلىقلار» دىگەن ئەسەرگە قارىغاندا، جۇڭگودىكى جەزىرىلەرنى، توپقاللار بويىچە 48 خىل جەزىرىلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ[]. ئۇلار تۈۋەندىكىچە:
1. سۆكسۆك ئامموئى جەزىرە (Form. Haloxylon ammodendron 琐琐荒漠)
2. سۆكسۆك فارىسى جەزىرە (Form. Haloxylon persicum 白琐琐荒漠)
3. پەيەق پژىۋالى جەزىرە (Form. Ephedra przewaliskii 膜果麻黄荒漠)
4. زىگوپ زانتوك جەزىرە (Form. Zygophyllum xanthoxylon 木霸王荒漠)
5. نىترا سفارى جەزىرە (Form. Nitraria sphaerocarpa 泡泡刺荒漠)
6. نىترا روبروۋى جەزىرە (Form. Nitraria roborowskii 齿叶白刺荒漠)
7. گىمنوك پژېۋالى جەزىرە (Form. Gymnocarpos przewalskii裸果木荒漠)
8. كالغۇن روبروۋى جەزىرە (Form. Calligonum robrowskii 塔里木沙拐枣荒漠)
9. ئامموپ مۇڭغۇلى جەزىرە (Form. Ammopiptanthus mongolicus 沙冬青荒漠)
10. پوتانىن مۇڭغۇلى جەزىرە (Form. Potaninia mongolica 绵刺荒漠)
11. تېتران مۇڭغۇلى جەزىرە (Form. Tetraena mongolica 油柴荒漠)
12. ھەلىيان جۇڭغارى جەزىرە (Form. Helianthemum soongoricum 半日花荒漠)
13. قاراغان كورشىنكى جەزىرە (Form. Caragana korshinskii 柠条荒漠)
14. قاراغان تىبەتى جەزىرە (Form. Caragana tibetica 川青锦鸡儿荒漠)
15. كالغۇن مۇڭغۇلى جەزىرە (Form. Calligonum mongolicum 沙拐枣荒漠)
16. كالغۇن ئاقپوستى جەزىرە (Form. Calligonum leucocladum 白干沙拐枣荒漠)
17. كالغۇن قىزىلپوستى جەزىرە (Form. Calligonum rubicundum 红皮沙拐枣荒漠)
18. ئاممو كۈمۈشى جەزىرە (Form.Ammodendron argenteum 银沙槐荒漠)
19. رامۇر جۇڭغارى جەزىرە (Form. Reaumuria soongorica 红砂荒漠)
20. كەرات لاتىنى جەزىرە (Form. Ceratoides latens 驼绒藜荒漠)
21. قامقاق پاسسەرى جەزىرە (Form. Salsola passerna 珍珠猪毛菜荒漠)
22. قامقاق ئابوتانى جەزىرە (Form. Salsola abrotanoides 蒿叶猪毛菜荒漠)
23. سىمپەم رېگىلى جەزىرە (Form. Sympegma regelii 合头草荒漠)
24. ئىلجىن رېگىلى جەزىرە (Form. Iljinia regelii 戈壁藜荒漠)
25. نانوپ ئەرىيانى جەزىرە (Form. Nanophyton erinaceum 小缝荒漠)
26. ئانابا ئاپىللى جەزىرە (Form. Anabasis aphylla 无叶假木贼荒漠)
27. ئانابا شورلىقى جەزىرە (Form. Anabasis salsa 盐生假木贼荒漠)
28. ئانابا بەفولى جەزىرە (Form. Anabasis brevifolia 短叶假木贼荒漠)
29. ھالاس بەلەڭى جەزىرە (Form. Halosteachys belangeriana 盐穗木盐漠)
30. ھالكۇم سوبىلى جەزىرە (Form. Halocnemum strobilaceum 盐节木盐漠)
31. ئارىپلەك كانائى جەزىرە (Form. Atriplex cana 白滨藜盐漠)
32. سۇئاد پىسوپى، سۇئاد مىكبەرگى جەزىرە
(Form. Suaeda physophora,S.microphylla 囊果碱蓬盐漠)
33. قالىد شرىنكانى جەزىرە (Form. Kalidium schrenkianum 圆叶盐爪爪盐漠)
34. قالىد كاسپى جەزىرە(Form. Kalidium cuspidatum 尖叶盐爪爪盐漠)
35. ئەمەن سفاروكى، پسام مۇڭغۇلى جەزىرە
(Form. Artemisia sphaerocephala, Psammochloa mongolica 籽蒿、沙竹荒漠)
36. ئەمەن ئارنارى جەزىرە (Form. Artemisia arenaria 沙蒿荒漠)
37. ئەمەن سانتولى جەزىرە (Form. Artemisia santolina 苦艾蒿荒漠)
38. ئەمەن ئاقتىرى جەزىرە (Form. Artemisia terrae-albae 地白蒿荒漠)
39. ئەمەن بوراتالى جەزىرە (Form. Artemisia borotalensis 博乐蒿荒漠)
40. ئەمەن قەشقەرى جەزىرە (Form. Artemisia kaschgarica 喀什荒漠)
41. ئەمەن پارۋۇلى جەزىرە (Form. Artemisia parwula 昆仑蒿荒漠)
42. باكان باياۋانى جەزىرە (Form. Brakanthemum gobicum戈壁短舌菊荒漠)
43. ئاسروت ئورتازى جەزىرە (Form. Asterothamnus centraliasiacus 中亚紫菀荒漠)
44. ئاجان چاتقالى جەزىرە (Form. Ajania fruticulosa 灌木亚菊荒漠)
45. ئاجان فاستى. ئاجان چاتقالى جەزىرە
(Form. Ajania fastigiata, A.fruticulosa 亚菊、灌木亚菊荒漠)
46. كەرات كومپاتى جەزىرە (Form. Ceratoides compacta 垫状驼绒藜荒漠)
47. ئاجان تىبەتى جەزىرە (Form. Ajania tibetica 臧亚菊荒漠)
48. ئەمەن رودانى جەزىرە (Form. Artemisia rhodantha 粉花蒿荒漠)
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا جەزىرە توغرىسىدىكى بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. ئۇيغۇرچە جەزىرە دىگەن ئاتالغۇ، چۆللەردە بولىدىغان گىياھلىقنىڭ نامى بولۇپ، بۇنىڭ خەنزۇچىسى بەزى مەنبەلەردە، «荒漠、沙漠» دەپ ئىككى خىل ئاتالغان. بىز، بۇ خەنزۇچە ئىككى ئاتالغۇنى، تەرجىمىلەردە «قۇملۇق»، «چۆل» دەپ ئېلىۋاتىمىز. بۇ، قارىماققا توغرا بولغان بىلەن، ئۇيغۇرچىدا ئوبىكت مەنىسى ئېنىق بولماي قالىدۇ. مەسىلەن: 塔里木沙漠公路 دىگەن سۆزنى، «تارىم قۇملۇق تاشيولى» دەپ، 沙漠公路 دىگەننى «قۇملۇق تاشيولى» دەپ ئاتالسا خاتا بولىدۇ. مىنىڭچە، «تارىم جەزىرە تاشيول»، «جەزىرە تاشيول» دەپ ئاتالسا توغرى بولىدۇ. چۈنكى، «تارىم» سۆزى، تارىم ئويپاتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تارىم ئويپاتى، چۆل ئىقلىم كونتروللىقىدىكى چۆل رايون. تارىم ئويپاتىدا، جەزىرە، قاراچىم، قارا ئورمان قاتارلىق چۆل ئىقلىمدا بولىدىغان گىياھلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەزىرە كۆلەم جەھەتتىن ئەڭ چوڭ. تارىم ئويپاتىنى كېسىپ ئۆتكەن بۇ تاشيول، ئاساسلىقى مانا مۇشۇ جەزىرە ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتكەن يول. بۇيەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ تۇپرىقى قۇمنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، «قۇملۇق» دىگەن قالپاق بىلەن، جەزىرەنى يېپىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، «قۇملۇق» سۆزى، جەزىرەنىڭ ماھىيەتلىك بىردىن بىر بەلگىسى ئەمەس. ماھىيەتلىك بەلگىسى، گىياھلىق بولىدۇ. جەزىرە، بۇ يەردىكى ئاساسلىق تەبىئەت بۆكى ياكى گىياھلىق بۆكى بولىدۇ. شۇڭا، «تارىم جەزىرە تاشيول»، «جەزىرە تاشيول» دەپ ئاتالسا ئېنىق توغرا بولىدۇ. «چۆل»، ئىقلىم ياكى تەبىئى مۇھىت نامىنى كۆرسۈتىدۇ، «جەزىرە»، چۆل مۇھىت شارائىتىدا يېتىلگەن تەبىئى گىياھلىق نامىنى كۆرسۈتىدۇ. «قۇملۇق»، تۇپراق نامىنى كۆرسۈتىدۇ. دىمەك، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىدا كۆرسۈتىدىغان ئوبىكتىلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن. بىز، تەبىئەت بۆكلىرىنى (لەندىسكەپ، لانىشافىت) پەرقلەندۈرۈشتە، ئادەتتە، گىياھلىق بۆك ئاساس قىلىنىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىشتا ئىجتىھات قىلىشىمىز، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇقۇملار بويىچە تەھلىل قىلىشىمىز زۆرۆر.
مەنبە ئەسەرلەر
1. رەھمەتۇللا ئادىللا، گىياھلىقلارنى تۈركۈملەشنىڭ ئىلمى ئاساسلىرى ۋە مۇناسىپ ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش،قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى،2002-يىللىق2-سان.
2. رەھمەتۇللا ئادىللا، توپقالشۇناسلىق ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش. قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى، 2002-يىللىق 2-سان.
3. رەھمەتۇللا ئادىللا، چۆلنىڭ ئۇقۇمى ۋە تەبىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى،2005-يىللىق 1-ساھن.
4. رەھمەتۇللا بوستانى، چۆل دىگەن نىمە؟، ئاكادېمىيە تور بېكىتى، 2012-يىل،8-ئاي،29-كۈنى نەشىرى.
5. رەھمەتۇللا بوستاني، گىياھزات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، ئاكادېمىيە تور بېكىتى، 2012-يىل،8-ئاي نەشىرى.
6. 中国植被编辑委员会 编著, 中国植被, 科学出版社, 1995年
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 06-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 4,858 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2049
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تور بىتىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى سەۋىيسىدە توغرا ، ئۈنۈملۈك ئىشلتىلىشى ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋىتىپسىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي، سىزگە تىخىمۇ كۆپ ئۇتۇق تىلەيمەن. مۇمكىن بولسا قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن.
يولوچى ئىنىم، سىزنىڭ ئالايىتەن ۋاقىت ئاجرىتىپ، «ئاكادېمىيە تور بېكىتى» زىيارەت قىلىپسىز، ھەم جەزىرە ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىپسىز. سىزگە كۆپ رەھمەت. ئىنكاسىڭىزغا قارىغاندا، بۇ ئەسەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى ياراتقانلىقىنى بىلدىم. ئاز بولسىمۇ، ئىلىمدىن نەپ يەتكۈزەلىگەنلىكىم ئۈچۈن سىز ئارقىلىق خۇرسەند بولدۇم. تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.