باش بەت > جۇغراپىيە > «چۆل» توغرىسىدا ئىزدىنىش
29ئاۋغۇست

«چۆل» توغرىسىدا ئىزدىنىش

« چۆل» دىگەن نىمە؟

什么是“干旱或干旱区”?

ئاپتورى: ئا.رەھمەتۇللا بوستانى

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «چۆل» دەپ ئاتالغان بىر سۆز بار. «چۆل» سۆزى گەرچە ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، لېكىن، بۇ سۆزنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەبىرى، ئۇيغۇر تىلىدا، ئېنىق بىر ئىزاھاتقا ئىگە بولماي كەلدى دەپ قارايمەن. بۇ ھال داۋاملاشسا، نۇرغۇن سۆزلىرىمىزدە قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولمىغان ئىزاھاتلار كۆپۈيۈپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىگە، مەلۇم ئاجىزلاشتۇرۇش تەسىرىنى بېرىدۇ دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە، «چۆل» دىگەن بۇ سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: « چۆل، ئىسىم، ئۆسۈملۈك، دەل-دەرەخ ئۆسمىگەن، سۇسىز، بىپايان يەر؛ دەشت-باياۋان؛ چىلانغا چۆل، ياڭاققا كۆل»[1]. «چۆل» سۆزىگە بېرىلگەن بۇ خىل ئىزاھات، مىنىڭچە ئاددى ھەم چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قالغان. بۇ ئىزاھاتتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىخچام ھەم قاراتمىلىقى ئېنىق بولۇشتەك پاساھەتلىكى گەۋدىلەنمىگەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، «چۆل» دىگەن سۆزنىڭ چۈشەنچىسى، تەبىرى، تۈرلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىندى.

1. «چۆل» دىگەن نىمە؟

بىزنىڭ «چۆل» دىگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچىمىز، ئۇنىڭغا بەرگەن تەبىرىمىز، بۇ سۇئالغا جاۋاپ بولىدۇ.

مەن، «چۆل» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى، «ھۆليېغىنى، نەملىكى يىتەرلىك بولمىغان ھادىسەنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم سۆز» دەپ چۈشۈنىمەن. شۇڭا، «چۆل» سۆزى، مىنىڭچە، بۇ خىل ھادىسە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تۆۋەندىكى ئىككى  خىل شەيئىنى ھەم ئۇنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ ياكى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، چۆل سۆزىگە2 خىل تەبىر بەردىم.

①-تەبىرى: ھۆليېغىنى، نەملىكى يىتەرلىك بولمىغان ھادىسە، «چۆل» دەپ ئاتىلىدۇ[2].

②-تەبىرى: ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ئىقلىم نامىنى بىلدۈرىدۇ[2]. مەسىلەن: چۆل، نەمچۆل، چاڭچۆل دىگەندەك. دىمەك، يىللىق ھۆليېغىنى 400 مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولغان، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش كۈچى، ھۆليېغىندىن كۆپ بولغان، نەملىكى يىتەرلىك بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىقلىم «چۆل» ياكى «چۆل ئىقلىم» دەپ ئاتىلىدۇ.

 دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا،  بۇ خىل «چۆل» دىگەن تامغا بېسىلغان ئىقلىم، «چۆل ئىقلىم»، بۇ خىل «چۆل ئىقلىم» كونترول قىلىپ تۇرغان يەرلەر،« چۆللەر، چۆل رايونلار» دەپ ئاتىلىدۇ [2].

«چۆل» دىگەن سۆزىمىز، خەنزۇچىدا، «干旱区،干旱» دەپ ئاتىلىدۇ. «چۆل ئىقلىم» دىگەن سۆزىمىز، «干旱气候» دەپ ئاتىلىدۇ. «چۆللەر، چۆل رايونلار» دىگەن سۆزىمىز، «干旱气候区» دەپ ئاتىلىدۇ.

«چۆل» ۋە «چۆللەر، چۆل رايونلار» دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، بىز، «قۇرغاق»، «قۇرغاق يەرلەر، قۇرغاق رايونلار» دىگەندەك سۈپەتلەنگەن سۆزلەرنى قوللاندۇق. بۇنداق ئاتاش، مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇ سۆزلەر، پەقەت تار مەنىدىكى نەملىككىلا نىسبەتەن قوللۇنىشقا بولىدىغان سۈپەت ئىسىم سۆز. كەڭ مەنىدىكى تۈپ ئىسىم سۆز قىلىشقا توغرا كەلمەيدۇ.

2. چۆللەرنىڭ تۈرلەنىشى

چۆللەرنى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، كۆپلگەن تۈرلەرگە تۈرلىگىلى بولىدۇ.

2.1. ھادىسە ئورنىغا قاراپ تۈرلەنىشى

«چۆل» ھادىسەسى، ئادەتتە، ئىككى ئورۇندا كۆرۈلىدۇ. بىرى كۆكتە ( ئاسماندا ياكى ئاتموسفېرادا)، يەنە بىرى قارايەردە (تۇپراق قاتلىمىدا ياكى يەر ئۆڭى ئاستىدا). دىمەك، ھۆليېغىن ۋە نەملىكنىڭ كام بولۇش ھادىسەسى كۆرۈلگەن ئورۇننىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىگە قاراپ، چۆل ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

بۇنىڭ بىرى، «كۆكچۆل». كۆكتىكى (ھاۋادىكى، ئاسماندىكى) ھۆليېغىن مەنبەسى ئاز، ھاۋانىڭ نەملىكى تۆۋەن بولسا، بۇ «كۆكچۆل» [大气干旱] دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، «قاراچۆل». ھۆليېغىن ئاز ياكى قاراسۇ ئورنى تۈۋەن بولۇش سەۋەبىدىن، تۇپراق قەۋىتىنىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولمىسا، «قاراچۆل» [土壤干旱] دەپ ئاتىلىدۇ. گىياھلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆكچۆلنىڭ زىيىنىدىن، قاراچۆلنىڭ زىيىنى ئېغىر بولىدۇ[2].

2.2. ئىقلىمنىڭ ھۆليېغىن ۋە نەملىكىگە قاراپ تۈرلەنىشى

«چۆل »، ئىقلىمدىكى ھۆليېغىن ۋە نەملىكىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇلارنىڭ نامى، بىرى، «نەمچۆل»(半干旱区)، ئىككىنچىسى،« ئاراچۆل» (干旱区)، ئۈچىنچىسى، « چاڭچۆل» (极度干旱区) دەپ ئاتىلىدۇ[2].

ئەگەر، چۆلنىڭ يىللىق ھۆليېغىن مىقدارى 400-200 مىللىمېتىرغىچە بولغان، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش كۈچى، ھۆليېغىندىن كۆپ بولسا، بۇ خىل چۆل، «نەمچۆل» [半干旱区] دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «يېرىم قۇرغاق رايون» دەپ ئاتالغان.

ئەگەر، چۆلنىڭ يىللىق ھۆليېغىن مىقدارى، 200-60 مىللىمېتىرغىچە بولغان، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش كۈچى، ھۆليېغىندىن كۆپ بولسا، بۇ خىل چۆل، «ئاراچۆل» [干旱区] دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر، چۆلنىڭ يىللىق ھۆليېغىن مىقدارى،60 مىللىمېتىردىن تۆۋەن، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش كۈچى، ھۆليېغىندىن كۆپ بولسا، بۇ خىل چۆل، «چاڭچۆل» [极度干旱区] دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، « ھەددىدىن تاشقىرى يېرىم قۇرغاق رايون» دەپ ئاتالغان. بىزنىڭ ئادەتتە چۆل دەپ ئاتىغان سۆزىمىز، چۆلنىڭ ئومۇمى ئاتالغۇسى بولۇپ، نەمچۆل، ئاراچۆل ۋە چاڭچۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2.3. تېمپىراتورىغا قاراپ تۈرلەنىشى

«چۆل»، ھاۋا تېمپراتورسىنىڭ يوقۇرى ياكى تۆۋەنلىكىگە قاراپ يەنە كۆپلىگەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

«تۇمۇزچۆل» (炎热干旱区)، «ئىسسىقچۆل» (亚热干旱区)، «ئىللىقچۆل» (暖热干旱区)، «مۆتىدىلچۆل» (温热干旱区)، «سالقىنچۆل» (微热干旱区)، «سوغۇقچۆل» (凉温干旱区)، «توڭچۆل» (寒冷干旱区) دىگەندەك.

3. «چۆل» بىلەن  ئاتالغان بىر قىسىم سۆزلەرگە ئىزاھ

ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «چۆللۈك»، «چۆللۈكلەر» دىگەندەك  سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز.  بۇسۆزلەرنىڭ كۆرسەتكەن ئوبىكتى،  مىنىڭچە، ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ئىقلىم كونتروللىقىدىكى  يەرلەر بولۇشى مۇمكىن.  شۇڭا، « چۆللۈك ياكى چۆللۈكلەر» دىگەن سۆزلەر ناتوغرا قوللۇنىلغان،  بۇلار، «چۆل ياكى چۆللەر» دەپ  ئاتالسا توغرى بولىدۇ. 

 «چۆلنى بوستان قىلىمز» دىگەن سۆزىمىزگە كەلسەك،  بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ئىقلىم كونتروللىقىدىكى  يەرلەرنى  بوستان قىلىمىز دىگەننى بىلدۈرىدۇ.  بۇ يەرلەردە، جەزىرىلەر، قارا چىملار، شور چىملار،  باياۋانلار  قاتارلىق گىياھلىقلار بولۇشى مۇمكىن.  شۇڭا، بۇ يەردە ئاتالغان، «چۆل» سۆزى،  «ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ئىقلىم كونتروللىقىدىكى  يەر ياكى يەرلەر» دىگەن ئۆنىۋېرسال جۇغراپىيەلىك يەرنى (ئورۇننى) كۆرسىتىدۇ.

 «چۆل كىمىسى»،  تۆگە دىگەن ھايۋاننىڭ سۈپەت نامى.  تۆگە، ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ئىقلىم كونتروللىقىدىكى  مۇھىتتا ياشايدۇ، ئۇ، 10-15 كۈن سۇسىزلىققا، تۇمۇز ئىسسققا، قۇمبورانغا بەرداشلىق بولۇپ، چۆللەر ئارا كارۋان قاتنىشىدا ئاجايىپ روللارنى ئوينىغان.

«چۆلجەزىرە»،  دىگەن سۆزىمىز، گىياھلىق نامى بولىدۇ. ئادەتتە،  جەزىرىلەر ئىچىدىكى، ھۆليېغىنى ئەڭ ئاز، نەملىكى  ئەڭ تۈۋەن بولغان ئىقلىم كونتروللىقىدىكى «جەزىرە» نىڭ نامى  «چۆلجەزىرە» دەپ ئاتىلىدۇ.

«چۆلباياۋان» دىگەن سۆزىمىز،  گىياھلىق نامىنى بىلدۈرىدۇ.  باياۋانلار ئىچىدىكى ھۆليېغىنى  ئەڭ ئاز، نەملىكى ئەڭ تۈۋەن بولغان ئىقلىم كونتروللىقىدىكى  «باياۋانلار»، ئادەتتە، «چۆلباياۋان» دەپ ئاتىلىدۇ.

«چۆل مۇھىت»،  مۇھىت نامى. بۇ سۆز، ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ئىقلىم كونتروللىقىدىكى  مۇھىتنى كۆرسۈتىدۇ.

«چۆل كلىمات ياكى چۆل ئىقلىم»، كلىمات (ئىقلىم) نامى. بۇ سۆز، ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىقلىمنى (كلىماتنى) كۆرسۈتىدۇ.

«چۆلكەش»،  جانىۋارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مىجەز نامى. ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان مۇھىت كونتروللىقىدىكى  يەرلەردە ياشايدىغان ياكى ماسلىشىدىغان مىجەز دىگەننى بىلدۈرىدۇ.

«كۆكچۆل»، چۆل ھادىسەسىنىڭ پەيدا بولغان ئوبىكتى ياكى ئورۇن نامى.  بۇ سۆز، ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان ھاۋا (ئاسمان، كۆك) نى كۆرسۈتىدۇ.

«قاراچۆل»، چۆل ھادىسەسىنىڭ پەيدا بولغان ئوبىكتى ياكى ئورۇن نامى. بۇ سۆز، ھۆليېغىنى ئاز، نەملىكى تۈۋەن بولغان  قارا يەرنى (تۇپراق قاتلىمىنى ) كۆرسۈتىدۇ.

 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، «چۆل» دىگەن ئاتالغۇ توغرىسىدىكى چۈشەنچەم بايان قىلىندى، ھەمدە، ھەر بىر چۆل تۈرلىرىگە مۇناسىپ بولغان ئاددى تەبىرلىرىمنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۇم. بۇ توغرىدا، 2005-يىلى بىر پارچە ئەسەر يېزىپ، بۇ ھەقدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئوتتۇرىغا قويغان بەزى ئاتالغۇلار، بىر قىسىم نەشىر ئەپكارلىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ قوللۇنىلدى. بۇ قىتىمقى مەزگۇر ئەسەردە، يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى ۋە ئىپادىلەشتە ئۆزگىچە يول تۇتۇلدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ توغرىدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردىن نەمۇنە ئۇچرىتالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەسەردە يەنە ئېنىقسىزلىق ياكى تولۇق بولمىغان جايلىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇرادەرلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مەنبە ئەسەرلەر

1. ئابلىز ياقۇپ، غەنىزات غەييۇرانى قاتارلىقلار تۈزگەن، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل.

2. رەھمەتۇللا ئادىللا، «چۆل» نىڭ ئۇقۇمى ۋە تەبىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى جورنىلى، 2005-يىللىق 1-سان.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 789 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2013
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز