خەتكۈش ‘ماكان’
2014ئاپرېل29

«ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنى مەن مۇۋاپىق كۆرمەدىم

تىلىمىزدا، «ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەندەك سۆزلەر پەيدا بولۇپ، كەڭ قوللۇنىلماقتا. بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ قىلىپ قوللۇنۇش مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ خىل ئىسىم سۆزلەرنىڭ مەناسىنى ساپ ئۇيغۇرچە ئىپادىلەپ بېرىدىغان «ماكان، ماكان مەدەنىيەتى» دىگەن سۆزىمىز بار تۇرۇقلۇق، بىۋاستە ئۇقۇم بېرەلمەيدىغان «ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەندەك سۆزلەرنى يەنە زورلاپ قوللۇنۇش تىلىمىزغا قىلىنغان ئېتىبارسىزلىق، ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ، ئۆز تىلىمىزنىڭ مەنا ئېنىقسىزلىقىنى، ئېيتىلىشتىكى راۋانسىزلىقىنى، قوللۇنۇشتا ئېتىبارغا ئالىنماي يەكلەشنى كۈچەيتىدۇ. تۆۋەندە مەن مەلۇم بىر ئورگاندىكى مەلۇم بىر رەھبەرنىڭ دۇكلاتىدىن بىر ئابزاس نەقىل ئالدىم، ئالدى بىلەن بۇ نەقىلنى ئەينەن كۆرسەتتىم، ئاندىن، بۇ نەقىلنى ماكان، ماكان مەدەنىيەتى دىگەن سۆزلەر بىلەن قايتا تەھرىرلەپ سىناپ باقتىم.

2012نويابىر1

«ماكان» دىگەن سۆزگە شەرھى

بىزدە، ئۇيغۇر تىل لۇغەتىدىن ئورۇن ئالغان «ماكان» دىگەن بىر سۆز بار. بۇ سۆزگە «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ ئىزاھاتتا بىر قىسىم مۇجىمەللىك بار دەپ قارايمەن. مىنىڭ نەزەرىمدە، مەزگۇر ئىزاھاتتا، «ماكان» بىلەن «چامان» ئارىلىشىپ قالغان. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەرىمدە، «ماكان» دىگەن نىمە؟ ياكى «ماكان» دىگەنىمىز نىمەنى كۆرسەتىدۇ؟ دىگەننى چۆرىدەپ ئۆز چۈشەنچەلىرىمنى بايان قىلدىم.

2012يانۋار28

ماكان ۋە ماكاننامە

ماكان ۋە ماكاننامە دىگەن نىمە؟ 什么叫做生态系统和生态学 ئاپتورى: بوستاني ماكان دىگەن نىمە؟ مۇئەييەن چاماندا(دائىرەدە)ئورتاق ياشاۋاتقان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھىتى ئوتتۇرسىدا توختىماستىن ئېنىرگىيە ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر پۈتۈن گەۋدە «ماكان» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر تامچە سۇدا نۇرغۇن مىكرو جانىۋارلار ياشايدۇ، …