باش بەت > تىل, ماكاننامە > «ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنى مەن مۇۋاپىق كۆرمەدىم
29ئاپرېل

«ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنى مەن مۇۋاپىق كۆرمەدىم

ئۇيغۇرچىدىكى «ئېكولوگىيە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنى مەن مۇۋاپىق كۆرمەدىم

 

جىمسارى

 

يېقىنقى يىللار مابەينىدە، ئۇيغۇر تىلىدىكى تورىستان (تور بېكىتى دەپ قوللۇنىۋاتىمىز)، رادىئو، تېلىۋىزور، گىزىت، ژورناللىرىمىزدا، «ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەندەك مەزمۇندىكى ئەسەرلەر كەڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە. بۇ ئەسەرلەردە، «ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەندەك سۆزلەر پەيدا بولۇپ، كەڭ قوللۇنىلماقتا. بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ قىلىپ قوللۇنۇش مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ خىل ئىسىم سۆزلەرنىڭ مەناسىنى ساپ ئۇيغۇرچە ئىپادىلەپ بېرىدىغان «ماكان، ماكان مەدەنىيەتى» دىگەن سۆزىمىز بار تۇرۇقلۇق، بىۋاستە ئۇقۇم بېرەلمەيدىغان «ئېكولوگىيە، ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەندەك سۆزلەرنى يەنە زورلاپ قوللۇنۇش، تىلىمىزغا قىلىنغان ئېتىبارسىزلىق، ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ، ئۆز تىلىمىزنىڭ مەنا ئېنىقسىزلىقىنى، ئېيتىلىشتىكى راۋانسىزلىقىنى، ئىسىم قوللۇنۇشتا تىلىمىز ئېتىبارغا ئالىنماي يەكلەشنى كۈچەيتىدۇ. تۆۋەندە مەن مەلۇم بىر ئورگاندىكى مەلۇم بىر رەھبەرنىڭ دۇكلاتىدىن بىر ئابزاس نەقىل ئالدىم، ئالدى بىلەن بۇ نەقىلنى ئەينەن كۆرسەتتىم، ئاندىن، بۇ نەقىلنى ماكان، ماكان مەدەنىيەتى دىگەن سۆزلەر بىلەن قايتا تەھرىرلەپ سىناپ باقتىم. قانداق شەكىلدە بولسا مۇۋاپىق ياكى ئېنىق بولىدىغانلىقىنى بۇرادەرلەر مۇھاكىمە قىلىپ باققان بولسا دىمەكچىمەن.

 

نەقىل: « ئىككىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا نازارەتچىلىك قىلدۇق. ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش››، ‹‹ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. ‹‹سۇ مۇھىتىنى تۈزەپ ۋە ياخشىلاپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈش›› تېمىسىدا تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، شەرقىي جۇڭغار، ئوتتۇراكۆل، نامىنغولنىڭ كۆمۈر بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئەھۋالىنى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردۇق، مېتېئورولوگىيە قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مۇھىتنى بۇلغاشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق».

 

باشقىچە تەھرىرلىگەنىم: ئىككىنچى، ماكانى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»، «ماكانى ياخشى رايون قۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ماكان ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى ئاسراشقا تۈرتكە بولۇش، ماكاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. «سۇ مۇھىتىنى تۈزەپ ۋە ياخشىلاپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈش» تېمىسىدا «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، شەرقىي جۇڭغار، ئوتتۇراكۆل، نامىنغول قاتارلىق كۆمۈرلۈكلەر بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا ماكان ۋە مۇھىتنى ئاسراش ئەھۋالىنى، تەبىستان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردۇق، ھاۋا رايى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا رايى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ماكانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مۇھىتلارنى بۇلغاشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بايلىقلارنى تېجەيدىغان، مۇھىتلارنى ئاسرايدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 241 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4369
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز