ماكاننامەنىڭ تارماقلىرى
ماكاننامەنىڭ تارماق پەنلەرى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
تورستان «ئاكادېمىيە»دە، ئا.ر.جىمسارىنىڭ «ماكان ۋە ماكاننامە» توغرۇسىدا بىر قىسىم كۆز قاراشلىرى يازىلغان ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان. ئەمما، ئۇ ئەسەرلەردە، ماكاننامەنىڭ تارماق پەنلىرى توغرۇسىدا توختالمىغان. شۇڭا، بۇ قىتىمقى ئەسەردە، ماكاننامەنىڭ تارماق پەنلەرى قىسقىچە بايان قىلىندى. مەزگۇر ئەسەردە، بلوگنىڭ ئەركىن بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تارماق پەن ئاتالغۇلارى شەخسەن پىكىرىم بويىچە ئامال بار ئۇيغۇرچە ئاتاش سىناق قىلىندى.
1. «ماكاننامە» دىگەن سۆزگە قىسقا شەرھى
جانىۋارلار، تارىخى ھايات مۇساپىسى جەريانىدا، ئۆز ئەتراپىدىكى ھاۋا، سۇ، قۇياش نۇرى، ھارارەت ۋە ئىنورگانىك تۇزلار قاتارلىق خىمىيەلىك، فىزىكالىق تەركىپلەر بىلەن مەخسۇسلاشقان مۇھىت مۇناسىۋەتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا، مەيلى بىر دانە مىكروپ، بىر تال پاشا، بىر تال چىغ، بىر تۇياق قوي، بىر نەپەر ئادەم دىگەندەك مەلۇم جانىۋار زاتى بولماسۇن مەيلى بىر پارچە چىغلىق، بىر توپ قوي، بىر ئائىلە ئادەم دىگەندەك مەلۇم بىر زات توپى بولماسۇن مەيلى بىر پارچە يايلاق، بىر پىيال كۆل، بىر ئۇيۇر-پادا چارۋا، بىر مەھەللە ئادەم دىگەندەك مەلۇم بىر توپقال بولماسۇن، ئۇلارنىڭ ھايات تۇرۇشى، ھاياتى پائالىيەت قىلىشى، كۆپۈيۈشى قاتارلىق مەئىشەتلىرىدە چوقۇم مۇئەييەن بولغان مەلۇم چامان، مەلۇم ماددا ۋە قۇۋۋەتنىڭ بولۇشى زۆرۆر. ھەر خىل جانىۋارلارنىڭ ئەنە شۇ ماددالارغا، قۇۋۋەتكە، چامانغا ۋە فىزىكالىق، خىمىيەلىك مۇھىت شارائىتىغا بولغان ئېھتىياجى ھەر خىل بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكنى، مەن زاتلارنىڭ ماكان ئالاھىدىلىكى دەپ قارايمەن. شۇڭا، «جانىۋارلار بىلەن مۇھىتى ئوتتۇراسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ رولىدىكى مىزاننى تەتقىق قىلىدىغان پەننىي ئىلىم»نى، مەن «ماكاننامە» دەپ ئاتادىم. ماكاننامە ھەققىدە، مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىستانىدا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان. بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئەنە شۇ ئەسەرلەردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرچە ماكاننامە دىگەن سۆزنى، ئېنگلىشچىدا « Ecology»، خەنزۇچىدا «生态学» دەپ ئاتايدۇ. ئەندى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «ئېكولوگىيە» دەپ روسچە ئاتالغۇسىنىڭ ئاھاڭىنى قوللۇنۇپ كېلىۋاتىمىز.
2. ماكاننامەنىڭ تەتقىقات دائىرەسى
20-ئەسىرنىڭ 74-75 يىللىرى، ھازىرقى ئاكادېمىك جاڭشىنشى(张新时) مۇئەللىم بىزنىڭ سىنىپتا ماكاننامە دەرسى ئۆتكەن ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىلى، بېجىن ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففىسورى چېن ئەپەندى بىلەن 3 ئاي بىللە ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭ ماڭا دىيىشىچە، بىزنىڭ سىنىپ مەملىكەت بۇيىچە ماكاننامە بىلەن تۈنجى قىتىم تۇنۇشقان ئىكەنمىز. شۇ چاغلاردىكى چۈشەنچەم بويىچە ئېيتقاندا، ماكاننامە، يەكزات (个体)، زاتتوپ (种群) ۋە توپقال (群落) لارنىڭ مۇھىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنكى چۈشەنچەمدە، ماكاننامە، كۆپخىل توپقاللىق «ماكان سىستېماسى»نى (生态系统) تەتقىق قىلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن كىيىنكى زىمىن نوپوسىنىڭ كۆپۈيىشى، تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى تۈپەيلىدىن بايلىق ۋە مۇھىتقا بولغان بېسىم بارغانسېرى كۆچەيدى، ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇراسىدا، ئادەملەر بىلەن جانىۋارلار ئوتتۇرسىدا، جانىۋارلار بىلەن جانىۋارلار ئوتتۇراسىدا بايلىق، مۇھىت تالىشىش زىددىيەتى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كۆپ پايدىلانغان ياكى مۇھىتىدىن ئايرىلغان جانىۋارلارنىڭ زاتى ئازىيىشقا ھەتتا يوقۇلۇشقا يۈزلەندى، بىر قىسىم ماكانلارنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلمىسى ۋە تەرتىۋى بۇزۇلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلىدى، يەرلەرنىڭ شورلىشىشى، قۇم ئاستىدا قېلىشى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى دىگەندەك سەۋەپلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تۈپەيلىدىن، بەزى ماكانلاردىكى ھايۋانات ياكى ئادەملەر، ياشاۋاتقان ماكانىنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبور بولدى. شۇنداق قىلىپ، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەسىلىسى، مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسى، ئىجتىمائى ئىناقلىق، باراۋەرلىك مەسىلىسى دىگەندەك يەنە ھەل قىلىشقا تىگىشلىك يىڭى مەسىلىلەر ئوتتۇراغا چىقتى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يەنىلا ماكاننامەگە مۇراجەت قىلىندى. دىمەك، ماكاننامە، يوقۇرىدا كۆرسۈتۈلگەن يەكزات، زاتتوپ، توپقال ۋە ماكان سىستېماسىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى زامانىمىزدىكى ئادەملەر دۈچ كەلگەن نوپوس مەسىلەسى، بايلىق مەسىلەسى، مۇھىت مەسىلەسى، بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسى تۈزۈم مەسىلەسى، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبىئەت ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات يولى مەسىلەسى قاتارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ.
3. ماكاننامەنىڭ تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى
ماكاننامەنىڭ چېتىلىدىغان دائىرەسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ نۇرغۇن تارماق پەنلىرى شەكىللەندى ھەم شەكىللەنمەكتە. بۇ تارماق پەنلەرنى چۈشۈنۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك 6 ساھەگە ئايرىپ چۈشەنسەك بولىدۇ:
2.1 . ماكاننامە، تەتقىق قىلىنىدىغان جانىۋارلار تۈرلەرىگە ئاساسەن، مىكروب ماكاننامە (微生物生态学)، گىيا ماكاننامە (植物生态学)، ھايۋانات ماكاننامە (动物生态学)، ئادەم ماكاننامە (人类生态学) دىگەندەك تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ.
2.2. ماكاننامە، تەتقىق قىلىنىدىغان جانىۋارلار سىستېمىسىنىڭ قاتلاملىرىغا ئاساسەن، يەكزات ماكاننامە (个体生态学)، زاتتوپ ماكاننامە (种群生态学)، توپقال ماكاننامە (群落生态学)، ماكانى ماكاننامە (生态系统生态学) دىگەندەك تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ.
2.3. ماكاننامە، تەتقىق قىلىنىدىغان جانىۋارلار ياشاش مۇھىتنىڭ تۈرلەرىگە ئاساسەن، قۇرۇقات ماكاننامە (陆地生态学)، بۇ يەنە ئورمان ماكاننامە (森林生态学)، جاڭگال ماكاننامە (灌丛生态学)، باياۋان ماكاننامە (草原生态学)، جەزىرە ماكاننامە (荒漠生态学)، چىمتان ماكاننامە (草甸生态学)، دارا ماكاننامە (冻源生态学)، تۇپراق ماكاننامە (土壤生态学)، سۇلۇقات ماكاننامە (水域生态学)، بۇ يەنە ئوكىيان ماكاننامە (海洋生态学)، دىڭىز ماكاننامە (深海生态学)، ئېقىن ماكاننامە (流域生态学)، كۆل ماكاننامە (湖泊生态学)، ساس ماكاننامە (沼泽生态学) دىگەندەك تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ. ھەتتا، يىلتىز ماكاننامە (根际生态学)، ئۈچەي ماكاننامە (肠道生态学)، ھۈجەيرە ماكاننامە (细胞生态学) دىگەندەك تېخىمۇ ئىنچىكە تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ.
2.4. ماكاننامە، جانىۋارى پەنلەرنىڭ (生命科学) تارماقلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىگە ئاساسەن، قەدىم ماكاننامە (古生态学)، راۋاج ماكاننامە (进化生态学)، ئىرسى ماكاننامە (遗传生态学)، قىلىق ماكاننامە (行为生态学)، ئىچرول ماكاننامە (生理生态学) دىگەندەك تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ.
2.5. ماكاننامە، نىجانىۋارى پەنلەرنىڭ (非生命科学) تارماقلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىگە ئاساسەن، ھىسابى ماكاننامە (数学生态学)، كىمىيا ماكاننامە (化学生态学)، جىسىمال ماكاننامە (物理生态学)، يەرھال ماكاننامە (地理生态学)، ئىگىلىك ماكاننامە (经济生态学)، ماكان ئىگىلىكنامە (生态经济学) دىگەندەك تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ.
2.6. ماكاننامە، بىلىم تارماقلىرى (ئەمەلى قوللۇنىدىغان پەنلەر تارماقلىرى) (应用科学) بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماكاننامە (农业生态学)، يايلاق ماكاننامە (草地生态学)، مۇھىت ماكاننامە (环境生态学)، ياشارتىش ماكاننامە (生态保育)، مۇھىت ئاسراش ماكاننامە (环境保护生态学)، يەربۆك ماكاننامە (景观生态学)، سانائەت بايلىق ماكاننامە (工业资源生态学)، شەھەر ماكاننامە (城市生态学)، بوستان ماكاننامە (绿洲生态学)، ماكانى ئۇچۇرنامە (生态信息学) دىگەندەك تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى جەدۋەلدە، ماكاننامەگە ئائىت بىر قىسىم تارماق پەنلەرنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىشچە ناملارى كۆرسۈتۈلدى
ئۇيغۇرچە نامى |
ئېنگىلىشچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ماكاننامە |
Ecology |
生态学 |
گىيا ماكاننامە |
Plant Ecology |
植物生态学 |
ھايۋانات ماكاننامە |
Animal ecology |
动物生态学 |
مىكروب ماكاننامە |
Microbial Ecology |
微生物生态学 |
مىكروب مالىكولا ماكاننامە |
Molecular microbial ecology |
分子微生物生态学 |
گىنشائات مىكروب ماكاننامە |
Genetically engineered microbial ecology |
基因工程微生物生态学 |
مىكرو ماكاننامە |
Micro-ecology |
微生态学 |
ھايۋانات مىكرو ماكاننامە |
Animal micro-ecology |
动物微生态学 |
مالىكولا ماكاننامە |
Molecular Ecology |
分子生态学 |
يەكزات ماكاننامە |
Autecology |
个体生态学 |
زاتتوپ ماكاننامە |
Population Ecology |
种群生态学 |
زاتتوپ جانىۋارنامە |
Population Biology |
种群生物学 |
توپقال ماكاننامە |
Community Ecology |
群落生态学 |
ماكان ماكاننامە |
Ecosystem ecology |
生态系统生态学 |
يەربۆك ماكاننامە |
Landscape Ecology |
景观生态学 |
تەجرىبە يەربۆك ماكاننامە |
Experimental Landscape Ecology |
实验景观生态学 |
زىمىن ماكاننامە |
Global Ecology |
全球生态学 |
قۇرۇقات ماكاننامە |
Terrestrial Ecology |
陆地生态学 |
ئورمان ماكاننامە |
Forest Ecology |
森林生态学 |
كۆيگەن ئورمان ماكاننامە |
Forest Fire Ecology |
林火生态学 |
ئوتلاق ماكاننامە |
Grassland Ecology |
草地生态学 |
جەزىرە ماكاننامە |
Desert Ecology |
荒漠生态学 |
سۇقات ماكاننامە |
Water Ecology |
水域生态学 |
ئوكىيان ماكاننامە |
Marine Ecology |
海洋生态学 |
ئىنتەرىدال ماكاننامە |
Intertidal ecology |
潮间带生态学 |
ئۆرېقىن ماكاننامە |
Upwelling Ecology |
上升流生态学 |
دىڭىز ماكاننامە |
Deep ecology |
深海生态学 |
تاتلىقسۇ ماكاننامە |
Freshwater Ecology |
淡水生态学 |
كۆل ماكاننامە |
Lake ecology |
湖泊生态学 |
ساھىل ماكاننامە |
Watershed ecology |
流域生态学 |
غول ماكاننامە |
River ecology |
河流生态学 |
غولغىز ماكاننامە |
Estuarine ecology |
河口生态学 |
لوپسۇ ماكاننامە |
Wetlands Ecology |
湿地生态学 |
باياۋان ماكاننامە |
Steppe Ecology |
草原生态学 |
چىمتان ماكاننامە |
Meadow ecology |
草甸生态学 |
بوستان ماكاننامە |
Oasis Ecology |
绿洲生态学 |
شەھەر ماكاننامە |
Urban Ecology |
城市生态学 |
ھىسابى ماكاننامە |
Mathematical ecology |
数学生态学 |
كىمىيا ماكاننامە |
Chemical Ecology |
化学生态学 |
جىسمال ماكاننامە |
Physical Ecology |
物理生态学 |
بايان ئاخىر
پەن ئاتالغۇلارىنى زادى قانداق ئاتاش كېرەك؟ دىگەن مەسىلىدە ھازىر بىر زىددىيەتلىك ئەھۋال بار. بۇنىڭ بىرى، يېقىنقى 70-80 يىل ما بەينىدە ئىلىم-بىلىم ناملارىنى ئۇيغۇرچە ئاتاشتا ھەر خىل چەتئەلچە ئاتالغۇلارنى قوللاندۇق. ئۇيغۇرچە ئاتاش توغرۇسىدا ئىزدەنمىدۇق. ئۇيغۇرچە ناملارى توغرۇسىدا ئىزدىنىش كېرەكمۇ-يوق؟ ئىككىنچىسى، يىڭىدىن ياسالغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار، گەرچە مۇۋاپىق بولسامۇ بەزى زىيالىلارنىڭ قۇلۇقىغا ياقمىدى، يەڭگىلتەكلىك بىلەن بۇلارنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى. ئۇنداقتا بىز ئۆز تىلىمىزنى تاشلاپ يەنىلا چەتئەلچە ناملار بىلەن ئاتاپ مېڭىۋىرەمدۇق؟ ئۈچىنچىسى، قانداق سۆزلەردە ئۇيغۇرچەسىنى ئىزدەنىپ قوللۇنامىز؟ قانداق سۆزلەردە چەتئەلچەنى قوللۇنامىز؟ چەتئەلچە سۆزلەردە قارا-قۇيۇق قۇبۇل قىلامدۇق ياكى مەلۇم بىر چەتئەل تىلىنى ئاساس قىلامدۇق؟ ئەلۋەتتە، ھەممەنى ئۇيغۇرچە ئاتايمىز دەپ قاراشمۇ مىنىڭچە توغرا، ئىلمىي قاراش ئەمەس. تىلىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە مەلۇم دەرىجىدە چەتئەل تىلىدىن سۆز قۇبۇل قىلىش پۈتۈن دۇنيا ئەللەرىدە بار بولغان نورمال ئىش. شۇڭا بىز، پەن ناملارىنى قانداق ئاتاش مەسىلىسىنى يەنە قايتا ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە دەپ قارايمەن. چۈنكى، تىل، ئەقىل ۋە تەپەككۇرنىڭ ئاساسى. شۇ سەۋەپتىن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇ ھەقتە بىر سىناپ باقتىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردىكى ئۇيغۇرچە ناملار، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە ياكى باھاسىغا مۇھتاج.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 04-ئاينىڭ 25-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 292 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4361
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!