«پەلىسەپە» دىگەن سۆزگە شەرھى
«پەلىسەپە» دىگەن سۆزگە شەرھى
ئارجىم
يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋېبسىتلاردا، «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، پەيلاسوپمۇ؟ ئەمەسمۇ؟» دىگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن، «پەلىسەپە»، « پەيلاسوپ »قا ئائىت كۆز قاراشلار كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھال بىزنى بەكمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. چۈنكى، پەلىسەپە ھەققىدىكى ئىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ، مەرىپەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈش، زامانىمىزنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغان ئىدى. مەن گەرچە بۇ ساھەدە ھەپىلەشكەن كىشى بولمىساممۇ، رايونىمىزدىكى بىر زىيالى بولۇش سۈپەتىم بىلەن بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىپ، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆز چۈشەنچەلىرىم بۇيىچە يازىلغان «پەلىسەپە دىگەن سۆزگە شەرھى» ناملىق ئەسەرىمنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم. ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈپ باققايسىزلەر.نۇقسانلىرى بايقالسا، پىكىر بەرگەيسىزلەر.
- 1. «پەلسەپە» دىگەن سۆزىمىزنىڭ كىلىش مەنبەسى
60 يىل مابەينىدىكى ئۇيغۇرچە نەشىرقىلىنغان پەلىسەپەگە ئائىت ئەسەرلەر ۋە «ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن بىلىشىمچە، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «پەلسەپە» ۋە «پەيلاسوپ» دىگەن سۆزلەر، ئەرەپچە سۆزلەردىن تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن ئىكەن. بۇ ئەرەپچە سۆزلەر، ئەسلىدە، گىرىكچە «ڧىلوسوڧىيە» دىگەن سۆزدىن كەلگەن ئىكەن. دىمەك، بۇ سۆزلەرنى ئەڭ باشتا ياراتقۇچى تىل، گىرىك تىلى بولۇپ، ئەسلىدە، «ڧىلوسوڧىيە» ۋە «ڧىلوسوڧ» دەپ ئاتالغان. گىرىكچە ئاتالغان بۇ سۆزلەرنى، ئەرەپلەر قۇبۇل قىلغاندا، ئەرەپ تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ «ئەلپەلىسەپە»، «ئەلپەيلاسوپ» دەپ ئاتاپ قۇبۇل قىلغاندەك قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشكەندە، پەقەتلا ئەرەپچە سۆزدىكى «ئەل» دىگەن باش بوغۇم قىسقارتىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «پەلىسەپە» ۋە «پەيلاسوپ» دىگەن سۆزلەرنىڭ قاچاندىن تارتىپ تىلىمىزغا ئۆزلەشكەنلىكىنى يازىق مەنبەلەردىن كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما، مەن كۆرگەن مەنبەلەردىن قىياس قىلىشىمچە، بىز ئىسلام مەرىپەتىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن يەنى 10-ئەسىرلەرئاخىرىدا ياكى 11- ئەسىرلەر باشلىرىدا تىلىمىزغا كىرىشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، پەلىسەپە دىگەن ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرمەدىم. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز غۇپۇر ئاسىم مۇئەللىم بىزگە، پەلىسەپە دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەناسى، «ئەقىل ئىلمىي» دىگەننى بىلدۈرىدۇ دىگەندەك چۈشەنچە بەرگەن. شۇڭا مەن، پەلىسەپەگە ئائىت ئەسەرلىرىمدە، پەلىسەپە دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى «ئەقىلنامە»، پەيلاسوپ دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى «ئاقىل» دىگەندەك ناملاردىمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم. بۇ ھەقتە بىلىدىغان بۇرادەرلەر بولسا، مەزگۇر ئەسەرگە ئىنكاس تېرىقىسدە كۆرسەتىپ قويارسىزلەر.
- 2. «پەلىسەپە» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى
پەلىسەپە دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپ، پەلىسەپەنىڭ تەبىرى دىيىلىدۇ. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، «پەلىسەپە»گە بېرىلگەن تەبىر ناھايىتىمۇ كۆپ ئىكەن. دەۋىرلەرنىڭ ئالمىشىشى، ئىلىملەرنىڭ يىڭىلىنىپ تۇرۇشى تۈپەيلىدىن، پەلىسەپەنىڭ تەبىرىمۇ بارغانسېرى ئاۋۇپ بارغان. دۇنيادا قانچە پەيلاسوپ چىققان بولسا، شۇنچە پەلىسەپە تەبىرىمۇ بىللە چىققان. دىمەك، پەلىسەپەنىڭ مۇپەسسەل تەبىرى تا ھازىرغىچە روياپقا چىقماغاندەك قىلىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، پەيلاسوپلارنىڭ ھەمىدىنى يارىتىش ئۈچۈن، ھەر بىر پەيلاسوپ سانالغان كىشى، پەلسەپەگە تەبىر بەرگەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى 60 يىللىق مەرىپەتتىن بىز ماركىسىزىم پەلىسەپە نەزەرىيەسى بىلەن مەجبورى مائارىپ ئارقىلىق تۇنۇشتۇق. باشقا پەلىسەپەلەر بىلەن قىزىقىشىمىزغا ئاساسەن نەشىرى ياكى ئاغزاكى مەنبەلەردىن تۇنۇشتۇق. دىمەك، ماڭا ھەم زامانداشلارغا سىڭدۈرۈلگەن پەلىسەپە تەبىرى شۇكى، سېستىمىلاشقان، نەزەرىيەلەشكەن دۇنيا قاراش، پەلسەپە دەپ ئاتىلىدۇ. تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرساق، ئادەملەرنىڭ دۇنيا قاراشتىكى نەزەرىيە سىستېماسى، پەلىسەپە دەپ ئاتالغان. ھەمدە، بىزگە سىڭدۈرۈلگەن چۈشەنچىدە، ماركىسىزىم نەزەرىيەسى، پەلىسەپەنىڭ چوققىسى ھىساپلىنىدۇ.
ئەپسۇس، مەن 60 يىلدىن كۆپ ھاياتىمدا، پەلىسەپەنىڭ بىر نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمادىم. ھەم بۇ نەزەرىيەنىڭ سىستېمىلاشقانلىقىنى ھەم ھېس قىلمادىم. ھەتتا، پەلىسەپەنىڭ بىر سىستېمىلاشقان نەزەرىيەنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمادىم. ماركىس-ئېنگىلىسلاردىن كىيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېڭى پەلىسەپە ئىدىيەلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى، ماركىسىزىمنىڭ پەلىسەپەدىكى چوققا ئىكەنلىكىگىمۇ گۇمان پەيدا قىلدى. دىمەك، مىنىڭ ئاددى چۈشەنچەمدە پەلىسەپەگە بېرىدىغان تەبىرىم شۇكى، ئومۇمىيەتكە ئورتاق بولغان يېڭى ئىدىيە ئۇسولىنى يارىتىدىغان ئىلىم، پەلىسەپە دەپ ئاتىلىدۇ. ياكى، ئەقىللىق ئۇسول، پەلىسەپە دەپ ئاتىلىدۇ.
مەن، بىزدىكى نەشىرى ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپۈنچىسىدە، «پەلسەپە» دەپ يېزىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مىنىڭچە، توغرىسى «پەلىسەپە» دەپ يېزىلىدۇ.
- 3. پەلىسەپە نىمىنى تەتقىق قىلىدۇ، قانداق تەتقىق قىلىدۇ؟
مەن، پەلىسەپەنىڭ كىشىلەرنىڭ يولۇققان مەسىلەلەرگە مەنتىقىلىق چۈشەنچە بېرىدىغان ياكى ھەل قىلىدىغان ئىدىيەۋى ئۇسولنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، پەلىسەپە، تەبىئەت بىلەن جەمىيەتتىكى كۆنكىرىت پەنلەرنىڭ سىرتىدىكى ئىلىملەرنىڭ مۇناسىۋەتىنى ياكى كونكىرىتنى بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىق قىلىدۇ دەپ قارايمەن. مەسىلەن، يالقۇن روزى ئەپەندى، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن قالدۇرغان ئەدەبىيات ئەسەرلەرىگە قاراپ ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. زۇلىپقار بارات ئەپەندى، غەرىب مۇتەپەككۇرلىرى قالدۇرغان ھۆكۈملەرگە قاراپ ئۆز چۈشەنچەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاخىرىدا، «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن پەيلاسوپمۇ؟ ئەمەسمۇ؟» دىگەن سۇئالغا، «ھە، ياق» دىگەن ئىككى خىل ھۆكۈم چىقىرىلدى. بۇ يەردە، بۇ ئىككىيلەننىڭ پەلىسەپە دىگەن نىمە؟ پەيلاسوپ دىگەن نىمە؟ ئەدەبىيات دىگەن نىمە؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ پەلىسەپەسى (ئىدىيە ئۇسولى) نىمە؟ ئۇنى پەيلاسوپ ياكى ئەمەس دىگەن ھۆكۈمنىڭ تۈپ ئاساسى نىمە؟ دىگەندەك ئورتاق مەسىلىلەرگە بولغان ئاڭ چۈشەنچىسى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئەمەس. بىرى ئىشەندى، بىرى ئىشەنمىدى. بىرى مۇئەييەنلەشتۈردى ، بىرى ئىنكار قىلدى. بۇ ئىككىلا ئەپەندىنىڭ دىگەنلىرى، پەقەتلا بىر مۇتەپەككۇرلار ئارىسىدىكى ئورتاق بولمىغان بىر مەسىلە ئۈستىدىكى قاراشلىرى بولۇپ قالىدۇ. ھەممىگە ئورتاق بولمىغان مەسىلىنى، پەلىسەپە، ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى قىلمايدۇ. پەلىسەپە، ئەنە شۇ ئىشىنىش بىلەن ئىشەنمەسلىكنىڭ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئىنكار قىلىشنىڭ مۇناسىۋەتىدىكى ھەممىگە ئورتاق بولغان ئۇقۇم، ھۆكۈم ۋە يەكۈن دىگەندەك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. مەسىلەن: يالقۇن روزى بىلەن زۇلىپقار بارات دۈچ كەلگەن ئۇقۇم (چۈشەنچە) دىگەن نىمە؟، ھۆكۈم دىگەن نىمە؟، يەكۈن دىگەن نىمە؟ ئۇقۇمنىڭ ئاساسى نىمە؟ ھۆكۈمنىڭ ئاساسى نىمە؟ يەكۈننىڭ ئاساسى نىمە؟ دىگەندەك سۇئاللارىغا جاۋاپ تاپىدۇ. دىمەك، پەلىسەپە، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بىر ئەقىللىق ئىدىيە ئۇسولنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەقىللىق ئۇسول ياكى يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى (پەلىسەپەنى) يارىتىشتا، ھېچقانداق ئۆلچەپ ھىساپلاش كەتمەيدۇ، ھېچقانداق قۇرال-سايمان ئىشلىتىلمەيدۇ، ھېچقانداق تەجىرىبەخانە كېرەك قىلىنمايدۇ. ھېچقانداق قېلىپ ئەندىزىگە ، پورمۇلاغا سېلىنمايدۇ. پەقەتلا ئېرىشىلگەن ماتىرىياللار مۇناسىۋەتىدە بىر تۇتاش تەپەككۇر قىلىدۇ. ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا، «بىر يۈرۈش ئەقىلغا سىغىدىغان پاراڭ» قىلىپ بېرىدۇ.
- 4. پەلىسەپەنىڭ تۈرلىرى
پەلىسەپە، مەلۇم شەيئى توغرىسىدىكى تۇنۇش ئاڭ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئىدىيە ئۇسولنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: تەبىئەتكە بولغان تۇنۇش ئاڭ، ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيە، ئۇسول قاتارلىقلار، تەبىئەت پەلىسەپەسى دىيىلگەن؛ ھىساپقا بولغان تۇنۇش ئاڭ ۋە مۇناسىپ ئۇسوللار، ماتىماتىكا پەلىسەپەسى دىيىلگەن؛ ئەدەپكە بولغان تۇنۇش ئاڭ ۋە ئۇسوللار، ئەدەپ پەلىسەپەسى (ئېتىكا) دىيىلگەن؛ ئەخلاققا بولغان تۇنۇش ئاڭ ۋە ئۇسوللار، ئەخلاق پەلىسەپەسى دىيىلگەن؛ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان تۇنۇش ئاڭ ۋە ئۇسوللار، ئەدەبىيات پەلىسەپەسى دىيىلگەن. دىمەك، پەلىسەپەنى تېخىمۇ ئۇششاق پارچىلىساق، دىننى ئىلىم بىلەن پەننى ئىلىمدىكى ھەرقانداق بىر ئورتاق مەسىلە ياكى ئورتاق ھۆكۈم، بىر پەلىسەپە بولالايدۇ. مەسىلەن: خۇدا دىگەن كىم؟ ئۇ، جىسىممۇ ياكى روھمۇ؟، ئۇ، قەيەردە؟، جىسىم دىگەن نىمە؟ جىسىم ماددادىن تۈزۈلگەنمۇ ياكى روھدىن تۈزۈلگەنمۇ؟، ماددا دىگەن نىمە؟، ماتىرىيال دىگەن نىمە؟ روھ دىگەن نىمە؟…..مۇشۇنداق قارىغاندا، پەلىسەپەنىڭ تۇرلىرى نەچچە مىڭغا بېرىپ قېلىشى ھەتتا ئۇنىڭ چىكى يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزى مەنبەلەردىن ھېس قىلىشىمچە، پەلىسەپىنى چۈشۈنۈشكە قولايلىق قىلىش ئۈچۈن، ساھەلەر بۇيىچە بىر نەچچىلا تۈرگە ئايرىساق بىزگە ئاسانلىق تۇغۇلۇدۇ. مەن، پەلىسەپەنى، دىننى پەلىسەپە، تارىخى پەلىسەپە، ئېقتىسادى پەلىسەپە، ھەربى پەلىسەپە، سىياسى پەلىسەپە، پەننى پەلىسەپە، ئىجتىمائى پەلىسەپە دىگەندەك يەتتە چوڭ تارماققا بۆلۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 300 يىل بۇرۇن، ھەر خىل ئىلىملەر بىلەن شوغۇللانغۇچى كىشىلەرنى، پەلىسەپەچى، ئالىم ، ئۇلارنىڭ مەشھورلىرىنى پەيلاسوپ دەپ ئاتاشقان ئىكەن. دىمەك، ئەينى زاماندىكى بارلىق ئىزدىنىشلەرنىڭ ھەممىسى پەلىسەپە تونىغا ئورالغان. كۆزگە كۆرۈنگەن دىننى ئالىم، پەننى ئالىم، پەلىسەپەچى ئالىملاردىن يىڭى ئىدىيە ئۇسوللار ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا، بۇلار بىردەك، پەيلاسوپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى زامانلاردا، ھەر خىل كونكىرىت پەنلەر بىلەن پەلىسەپە، شەكىلدە ئايرىلغان. كونكىرىت پەنلەرنىڭ پەلىسەپە ئۇسولىغا ئوخشىمايدىغان ھەر خىل ئۆزىگە خاس تەتقىقات ئۇسوللىرى مەيدانغا كەلگەن. مەيلى قانداق بولسۇن، كونكىرىت پەنلەر بىلەن پەلىسەپەنىڭ ئاخىرقى مەقسەدى ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ، ئادەملەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
- 4. پەلىسەپە بىلەن باشقا ئىلىملەرنىڭ مۇناسىۋەتى
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بەزىلەر، پەلىسەپەنى، بارلىق پەننى ئىلىملەرنىڭ كاتتىسى، يەنە بەزىلەر، بارلىق ئىلىملەرنىڭ كۈزەتكۈچىسى ھەم ھۆكۈمچىسى، يەنە بەزىلەر، بارلىق پەنلەرنىڭ ئانىسى دەپ، بەزىلەر ھەتتا، دىن بىلەن پەن ئوتتۇرسىدىكى ئارىسالدى ئىلىم دەپ قارايدىغاندەك قىلىدۇ. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، ئادەملەرنىڭ بارلىق بىلىشلىرى ۋە شۇ ھەققىدە ئىزدىنىشلىرى، «ئىلىم» ياكى «ئىلبىم» دەپ ئاتالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھازىر ئىلىم تۈرلىرى مولايىپ، 8000 خىلدىن ئاشقاندەك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى، ئىلاھنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى «دىننى ئىلىم»، تەبىئەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى، «پەننى ئىلىم»، ئەقىللىق ئىدىيە ئۇسولنى تەپەككۇر قىلىدىغان ئىلىمنى، «پەلىسەپى ئىلىم» دەپ 3 بۆلەككە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بارلىق ئىلىمنى بىر داڭقانغا ئوخشاتساق، مۇشۇ يىغىنچاقلانغان 3 ئىلىم، ئەنە شۇ داڭقاننىڭ 3 پۇتىغا ئوخشايدۇ. دىمەك، پەلىسەپە بىلەن باشقا غول ئىلىملەر مۇناسىۋەتىدە يوقۇرى تۆۋەنلىك، ئانا-بالىلىق، كۈزەتكۈچى ھەم ھۆكۈمچى مەۋجۇد ئەمەس. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، بارلىق ئىلىملەر، بىرى-بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىرى-بىرىگە تايىنىدۇ. ئەلۋەتتە، پەلىسەپەمۇ، باشقا ئىلىملەردىن ئايرىلىپ تەرەققى قىلالمايدۇ ھەتتا مەۋجۇدمۇ بولالمايدۇ. كونكىرتنى پەنلەر قانچە تەرەققى قىلغانسېرى، پەلىسەپە شۇنچە كۆپ ئاساسلارغا ئېرىشىدۇ. يېڭى ئىدىيە ئۇسول شۇنچە تەرەققى قىلىدۇ.
5. پەلىسەپە بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋەتى
پەلىسەپە بىلەن دىن ئوخشاشلا ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلىم. بۇئىككىسىنىڭ ئادەمگە نىسبەتەن نىشانى ئوخشاشلا بىر. مەسىلەن: دىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسەدى، ئادەملەر ھاياتىغا (جاننىڭ پائالىيەت جەريانىغا) كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك تىماسى قىلغان. پەلىسەپەنىڭمۇ ئاخىرقى مەقسەدى، ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك تىماسى قىلغان. شۇڭا، خۇددى ئاڭلاپ تۇرغانىمىزدەك، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 300 يىل بۇرۇنقى ناھايىتى ئۇزۇن بىر تارىخى جەرياندا، دىنمۇ بىر پەلىسەپە، پەلىسەپەمۇ بىر دىن دەپ قاراش كىشىلەردە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغاندەك قىلىدۇ. ئەمما، پەلىسەپە بىلەن دىننىڭ روشەن پەرقى بار. مەسىلەن، دىن، ئاساسەن كىشىلەرنىڭ باقى ئالەمدىكى ھاياتىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. پەلىسەپە بولسا، كىشىلەرنىڭ پانى ئالەمدىكى ھاياتىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈدۇ. دىن، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئىمان بىلەن قارايدۇ. پەلىسەپە بولسا، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. بۇ يەردە مەن، ئىشەنچ دىگەن سۆزنى، ئىزاھلاپ بېرەلەيدىغان ئىمان، ئىمان دىگەن سۆزنى، ئىزاھلاپ بېرەلمەيدىغان ئىشەنچ دىگەن مەنالاردا قوللاندىم. دىن، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، قۇرئان، ھەدىس، ڧىقىھ ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئاساسەن تەپەككۇر قىلىدۇ. پەلىسەپە بولسا، كونكىرىت ئىلىملەرنىڭ يەكۈنىگە ئاساسەن تەپەككۇر قىلىدۇ. دىن، كىشىلەرگە خىيالى تۇيغۇ ئېلىپ كىلىدۇ، پەلىسەپە بولسا، كىشىلەرگە قىياس ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ھەقىقى پەلىسەپە بىلەن ھەقىقى دىن بىرى- بىرىنى قوللاپ كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ھازىرقى چۈشەنچىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ماركىسىزىملىق پەلىسەپە، خۇدانى، ئەۋلىيانى، ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىش ئۇقۇمىنى، روھنىڭ بىرىنچى ئەزەل ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. دىنمۇ، پەلىسەپەدىكى ماددانىڭ بىرىنچى ئەزەل ئىكەنلىكىنى، پەلىسەپەدىكى ئىنكارلارنى ئىنكار قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما، پەلىسەپە بىلەن دىننى ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنگەن ئەلكىندىگە ئوخشاش پەيلاسوپلارمۇ تارىختا ياشاپتىكەن. مەيلى پەلىسەپە بولسۇن ياكى دىن بولسۇن، ئادەملەرنىڭ تەتقىقاتلىرى تېخى باشلانغۇچ مەرىپەتتە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. پەلىسەپە بىلەن دىن، بىر نىشانغا ئىككى يولدىن چىققان ئىككى كىشىگە ياكى بىر ساپانغا قوشقان ئىككى كالىغا ئوخشايدۇ. بۇلار بىرى- بىرى بىلەن ئەسلىدە زىدىيەتلىك ئەمەس. ئەگەر بۇلارنى زىدىيەتلىك قىلىپ قويغاندا، ھېچكىمنىڭ نىشانىغا يىتەلمەيدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايانغۇ؟.
- 6. پەلىسەپەنىڭ پەيدا بولۇشى
ئەپلاتون، ئارىستوتىل، كونا گىرىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر بولۇپ، بىزگىچە، تۈنجى پەلىسەپە ئۇقۇمىنى بەرپا قىلغان پەيلاسوپلاردىن بولۇپ تۇنۇلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ كىشىلەر بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2500 يىللار بۇرۇن ياشىغان ئىكەن. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، بۇ زامانلاردا، سىنىپى جەمىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، قۇلدارلىق تۈزۈم بىلەن جەمىيەت باشقۇرۇلغان. دىمەك، ئەپلاتون، ئارىستوتىلغا ئوخشاش ئەينى زاماندىكى كۆپلىگەن پەيلاسوپلار، چوقۇم بىر قۇلدار ياكى باينىڭ بالىلىرى بولۇشى ياكى بىر ھۆكۈمراننىڭ ھىمايىسىدە ياشىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھاياتىدا، يىمەمدۇ، كىيمەمدۇ؟ ئۇلار ئىشلىمىسە ئۇلار ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى قانداق تاپىدۇ. پەرىزىمچە، ئۇلار بىر قۇلدار ياكى باينىڭ ھىمايەسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇرساق بىلەن كىيىم ۋە ئۆينىڭ غېمىدىن خالاس بولغان. ئاندىن لاغايلاپ يۈرۈپ، زامانىدىكى مۇتەپپەككۇرلاردىن ھەر خىل پەلىسەپە ھىكايە-چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان، ھەر خىل خام خىياللارنى قىلغان، كاللىسى جايىدا بولغانلىقىدىن، كىيىنچە بېرىپ ئاتىسىنىڭ دىكتاتورسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەقلى ئەمگەك بىلەن شوغۇللانغان، ئادەملەرنى ياكى ئۆز دائىرەسىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئەدەپ ۋە ئەخلاقنىڭ رولىنى ھېس قىلغان، شۇنداق قىلىپ، ئۆز تەپەككۇرىنى ئەدەپ ۋە ئەخلاقتىن باشلىغاندەك قىلىدۇ. دىمەك، پەلىسەپە، سىنىپى جەمىيەتتە جىسمانى ئەمگەكتىن ئايرىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەقلى ئەمگەك بىلەن شوغۇللۇنىشىدىن تەدرىجى ھالدا ئىلبىملەر جۇغلۇنۇپ پەلىسەپە پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ.
- 7. پەلىسەپە كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟
بارلىق ئىلىم، ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. لېكىن، سىنىپى جەمىيەتتە، ئادەملەر ھەر خىل دىننى ۋە ئېقتىسادى تەبىقىلەرگە ئايرىلغان. ھازىرقى دۇنيا، تېخى ئەنە شۇنداق سىنىپى تەبىقىلەردىن قۇتۇلغانى يوق. پەلىسەپە، ئادەملەردە بىر خىل تۇنۇش ئاڭنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭگۈشتەر قىلىنىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر تەبىقە، ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە بولغان تۇنۇش ئاڭنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان پەلىسەپەسىنى ئىشقا سالىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، پەلىسەپە، ھۆكۈمران تەبىقە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، ئىسلامى پەلىسەپە، ئىسلام دىن ئۈچۈن، ۋاتكانى پەلىسەپە، خىرىستان دىن ئۈچۈن، ھىمايانا پەلىسەپە، بۇددا دىن ئۈچۈن، كۇڭزى پەلسەپە، قۇلدارلىق تۈزۈم ئۈچۈن، غەربچە پەلىسەپە، كاپىتالىستىك ئېقتىسات ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندەك قىلىدۇ. ماركىسىزىم نىمە ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشتى؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ ناھايىتى ئاددى، ئۇ بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرگە يىڭى ئەقىل كۆرسەتتى ياكى ئۆزىنى ياخشىلايدىغان يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى ئاتا قىلدى. شۇلارغا سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىزىم دەيدىغان بىر غايىۋى جەمىيەت قۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.
بىز ئادەتتە، ئىلىمنىڭ چىگرىسى يوق، سىنىپىلىكى يوق دەپ قارايمىز. ماھىيەتتە، بارلىق ئىلىملەر مەلۇم تەبىقە مەنپەئەتىدىن ئايرىلىپ تەرەققى قىلالمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، پەلىسەپەمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
- 8. قانداق كىشى پەيلاسوپ بولۇدۇ؟
ئادەتتە بىر قىسىم كىشىلەر، پەلىسەپە تەتقىقاتى ياكى پەلىسەپە ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللۇنىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر، كونكىرىت ئىلىملەر بىلەن شوغۇللۇنۇپ تۇرۇپ، پەلىسەپە گە قىزىقىپ ئىزدىنىدۇ. بۇلاردىمۇ، ئۆزىگە خاس پەلىسەپە ئۇقۇملىرى ھەم تۇنۇش ئاڭ ئۇسول بولۇدۇ. يەنە بىر خىل كىشىلەر، كونكىرىتنى پەنلەر ۋە پەلىسەپە ئوقۇتىشى ياكى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانمىغان، ئەمما، ئۆز زامانىسىدا، ئۆز ماكانىدا، يىڭى ئىدىيە ئۇسولنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ماكانداشلارنىڭ كىيىنكى يىڭى ئىدىيە تۇرغۇزىشىدا ماياكلىق رول ئوينىغان بولۇدۇ. يۇقۇرىدا كۆرسۈتۈلگەن بۇ خىل كىشىلەرنى ئادەتتە پەلىسەپەچى دەپ ئاتاشقا بولۇدۇ. ئەگەر، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەينى ھەم كىيىنكى دەۋىر كىشىلىرىنىڭ يىڭى ئىدىيە تۇرغۇزىشىدا تەسىرى ئۇزۇن بولغان، ھازىر ئېقىۋاتقان مودا گەپ بىلەن ئېيتقاندا، ئۆزىگە خاس پەلىسەپە كاتىگورىيەسى بولغان، يېڭى پەلىسەپە نەزەرىيە ئاساسىنى ياراتقان ياكى بىر يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى ياراتقان كىشى بولسا، ئۇنى پەيلاسوپ دەپ ئاتىساق بولۇدۇ.
پەيلاسوپمۇ بىر ئادەم، ئادەتتە ئۇنى بىز دانىشمەن، ئەۋلىيا دىگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەيمىز. مىنىڭچە، مۇنداق سۈپەتلەش مۇۋاپىق بولماسمىكىن. چۈنكى مىنىڭ نەزەرىمدە، دانىشمەن، ئەۋلىيا دىگەن سۆزلەر، ئادەملەشتۈرۈلگەن، ئىلاھ تۈسىنى ئالغان مۇتلەق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئوبرازلاردۇر. مەسىلەن، مەن ئاڭلىغان ھىكايە چۆچەكلەردىكى دانىشمەن، ئەۋلىيالار پەقەتلا تۇغۇلمايدىكەن، ئۆلمەيدىكەن، تاماق يىمەيدىكەن، ئەمگەك قىلمايدىكەن، بالاچاقىسى بولمايدىكەن، ھەر خىل ئۆزگىرەلەيدىكەن، ھەر گىزمۇ خاتالاشمايدىكەن….. بۇ بىر خىيالدىكى ساختا ئوبرازدىن ئىبارەت. ئەندى، پەيلاسوپلار بولسا، دانىشمەن، ئەۋلىيالاردەك مۇتلەق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس. ئەگەر مۇشۇنداق ئوخشۇتۇش مۇۋاپىق دەپ قارالسا، ئۇچاغدا، بۇ پەيلاسوپنى كىشىلەر ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا، چوقۇنۇپ تاۋاپ (تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ باش ئۇرىدىغان) قىلىدىغان بىر ئىلاھقا ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ. مەن، مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پەيلاسوپ دەپ قارايمەن. ئەمما، ھېچكىم بۇ ئادەم زاتىنى دانىشمەن ياكى ئەۋلىيا دەپ ئاتىمايدۇ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ ھەم ئۇنىڭ مەقبەرىسىگە تاۋاپ قىلمايدۇ. پەقەتلا، ئۇنى بىر ئۆرنەك ھىساپلاپ سالام، ھۈرمەت بىلەن ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە ئىتائەت بىلدۈرىدۇ، مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ.
پەيلاسوپ، بىر مۇتەپەككۇر (مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر تۇتاش مەنتىقىلىق پىكىر قىلىدىغان) كىشىدۇر. شۇڭا، ھەرقايسى دەۋىرلەردە، ھەرقايسى رايونلاردا، ھەرقايسى مىللەتلەردە مۇنداق مۇتەپەككۇرلەر مەيدانغا كەلگەن، كەلدى ھەم كىلىدۇ. بىر مۇتەپەككۇرنى، پەيلاسوپ دەيدىغان ياكى دىمەيدىغانغا گىرىك پەيلاسوپلىرىنىڭ تەستىقى شەرت ئەمەس. ئامېرىكا، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دېپلومى شەرت ئەمەس. ئۇنىڭ كىتاپ يازغانلىقى ياكى يازمىغانلىقى شەرت ئەمەس. 100 پىرسەنت كىشىنىڭ ئاۋاز بېرىشى شەرت ئەمەس. پەقەتلا ئۇنىڭ ئىدىيە ئۇسولىنىڭ جەمىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بولسىلا بولۇدۇ. مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىز، ئەسلىدە ساۋاتسىز كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ ئەينى چاغدا دىگەنلىرى، كىيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن «ھەدىس» نامىدا كىتاپ قىلىپ يازىلغان. بۇ مۇبارەك ئادەمزاتىنىڭ يېڭى ئىدىيە ئۇسولى بىلەن، چېچىلاڭغۇ قەبىلە ھەم قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئەرەپ دۇنياسى ھۆرلۈككە ھەم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. يېڭى يۈكسۈلۈشكە باشلىغان. ھەتتا 13-ئەسىرلەرگىچە ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيەسى، دۇنيانىڭ مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتىنىڭ مەرگىزىگە ئايلانغان. ئەينى زاماندا، مۇھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ گىپىگە دۇنيادىكى 100 پىرسەنت كىشى ئاۋاز بەرمىگەن. بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ئۇنىڭغا قارىشى تۇرىدىغانلار بولغان ھەم بولۇدۇ. لېكىن بۇ مۇبارەك زات، يەنىلا پەيغەمبەر (ئاللانىڭ ئەلچىسى) ياكى ئۇلۇق پەيلاسوپ بولىۋىرىدۇ.
دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ساكيامونى، كۇڭڧۇزى، ئارىستوتىل، ئەپلاتون، كانت، دارۋىن، ھېگىل، ڧارابى، ئىبىنسىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەشئەرى، ئاڧغانى، ئىقبال، ماركىس، ئېنگىلىس، ماۋزېدوڭ، لېنىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپلار ياشاپ ئۆتكەن. بۇلار، ھەرقايسى دەۋىرلەردە، ھەرقايسى رايون-دۆلەتلەردە، ھەر قايسى دىنلاردا، ھەر قايسى مىللەتلەردە، ھەرقايسى تەبىقىلەردە يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. ئەمما، بۇ پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيە ئۇسولى، مەڭگۇ ھەم مۇتلەق بولمايدۇ. چۈنكى، ئەپكەپ ماتىرىيالىزىملىق پەلىسەپەدە، (دىئالىكتىكالىق ماتىرىيالىزىم پەلىسەپەسى辩证唯物主义哲学)، دۇنيانىڭ ھەممە كاتىگورىيە ئەزاسى ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ دەپ قارالغان. (ئەپكەپ-مەن ياسىغان ئاتالغۇ، مەنىسى، بىرى ئەپلىسە، بىرى كەپلەپ تۇرىدىغان، زىددىيەتلىك بولغان، مۇنازىرە قىلىنىدىغان دىگەنلىك بولۇپ، مەسىلەرگە ئەتىراپلىق قاراشنى كۆرسۈتىدۇ).
يوقۇرىدا دىگەنلىرىمنى يىغىنچاقلىغاندا، پەلىسەپە دىگەنىمىز، ئەينى زاماندىكى رىياللىققا نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئادەملەرنىڭ (جەمىيەتنىڭ) تەرەققى قىلىىشىدا تەسىرى كۈچ ئاتا قىلغان ياكى قىلىدىغان يىڭى ئىدىيە ئۇسولنى كۆرسۈتىدۇ. پەيلاسوپ دىگەنىمىز، يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى بىلگۈچى ھەم ياراتقۇچى دىگەننى بىلدۈرىدۇ. مىنىڭچە بولغاندا، ھېچ بولمىغاندا مۇنداق ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى قىلغان كىشى پەيلاسوپ بولۇدۇ: بىرى، يىڭى ئىدىيە ئۇسولنى ياراتقۇچى كىشى. ئىككىنچىسى، تارىختا ئۆتكەن پەيلاسوپلارنى پىششىق بىلگەن، ئۇلارنىڭ پەلىسەپەسىنى ئىزاھلىغان، شەرھىلىگەن، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ھەم ئۇلار ھەققىدە تەقرىز بەرگەن كىشى. ئۈچىنچىسى، پەلىسەپە ئىدىيەلىرىنى ئۆز قەۋىمىنىڭ ئىجتىمائى ئىشلىرىغا تەدبىقلىغۇچى، پەلىسەپە ئىدىيەلىرىنى ئۆگۈنۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتە يول كۆرسەتكۈچى كىشى. ئەلۋەتتە، دەۋىرلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، رىياللىقمۇ ئوخشاشمايدۇ ياكى ئۆزگىرەيدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاڭ ياكى ئىدىيە ئۇسولمۇ ئوخشاشمايدۇ ياكى ئۆزگىرەيدۇ. شۇڭا، مەلۇم بىر يىڭى ئىدىيە ئۇسول (پەلىسەپە)، مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەلۇم پەيلاسوپمۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. ئەمما، ئادەم ياكى جەمىيەت مەۋجۇدلا بولۇدىكەن، پەلىسەپەمۇ، پەيلاسوپمۇ رىياللىققا ماس ھالدا يىڭىلانىپ تۇرۇدۇ. جاھاننىڭ كونا پەلىسەپەسى بۇيىچە سۆرەتلىسەم، يولۋاس پەيدا بولغىچە، مايمۇن پادىشا بولۇدۇ، يولۋاس قېرىسا، ئارىسلان پادىشا بولۇدۇ. بۇ ھالەت مەڭگۇ داۋاملىشىدۇ.
9. پەيلاسوپ بىلەن ئالىم سۆزىنىڭ پەرقى
بىزدە، پەيلاسوپ، ئالىم، ئۆلىما دىگەندەك ئاتالغۇلار قوللۇنۇلغان. بۇ ئىسىملارنى ئادەتتە قوللانغاندا، بۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ قوللانمايمىز. بەزىدە، پەيلاسوپنى ئالىم دەپ ئاتايمىز، ئۆلىمانى ھەم ئالىم ياكى پەيلاسوپ دەپ ئاتايمىز. بەزىدە، ئالىمنى پەيلاسوپ دەپ ئاتايمىز. ئەگەر بۇ ئىسىملارنى پەرقلەندۈرۈپ قوللانمىساق، ئاسانلا ئۇقۇم خاتالىقىنى سادىر قىلىمىز. مىنىڭچە، ئومۇمىيەتكە ئورتاق بولغان (پەلىسەپەدىكى) مەسىلىلەردە يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى ياراتقۇچى كىشى پەيلاسوپ دەپ ئاتالغىنى ياخشى. بۇ كىشى، يەنە ئۆلىما، ئالىم دەپ ئاتالماسلىقى شەرت. ئەندى كونكىرىت پەننىي مەسىلىلەردە يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى ياراتقۇچى كىشى، ئالىم دەپ ئاتالغىنى ياخشى. بۇ كىشى، يەنە پەيلاسوپ ياكى ئۆلىما دەپ ئاتالماسلىقى شەرت. ئەندى دىننى مەسىلىلەردە يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى ياراتقۇچى كىشى، ئۆلىما دەپ ئاتالغىنى ياخشى. بۇ كىشى يەنە ئالىم ياكى پەيلاسوپ دەپ ئاتالماسلىقى شەرت. ئىسىملار مۇشۇنداق خاسلىقىنى ئىپادىلىگەندە، بىز دىكى ئۇقۇم-چۈشەنچىلەر ئېنىق بولۇدۇ. ئەگەر بىر كىشى، ھەم كونكىرىت پەنلەردە، ھەم پەلىسەپەدە يېڭى ئىدىيە ئۇسولنى ياراتقان بولسا، ئۇ چاغدا، بۇ كىشىنى ھەم ئالىم، ھەم پەيلاسوپ دەپ ئاتىساق بولۇدۇ.
10-ئۇيغۇر قەۋىمىدىكى پەيلاسوپلارنى بىز قانداق تۇنىدۇق؟
مىنىڭ چۈشەنچەمدە، تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر قەۋىمىگە تەئەللۇق بولغان پەيلاسوپلارنى ئۇيغۇر قەۋىمى بايقىغان ئەمەس، شۇڭا، ئۇلارنىڭ پەيلاسوپلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغانلار ئۇيغۇر قەۋىمىدىن ئەمەس. ئۇيغۇر قەۋىمىگە تەئەللۇق بولغان پەيلاسوپلارنى بايقاپ ئۇلارغا تاج تاقىغانلار، پارىسلار، ئەرەپلەر، ئېنگىلىزلاردىن ئىبارەت. مانا مۇشۇ قەۋىملەر، ئۇيغۇر قەۋىمىگە تەئەللۇق بولغان پەيلاسوپلارنى مەيلى پارىس ياكى ئەرەپ دەپ قارىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ جەۋھەرىنى بايقىغان. بىز ھازىرقى ئۇيغۇر قەۋىمى بىلگەن «پەلىسەپە، پەيلاسوپ، ڧارابى، ئىبىنسىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ………….» قاتارلىق ئۇقۇم-چۈشەنچىلەر، ئەنە شۇ قەۋىملەر ئارقىلىق بىزگە ئۆزلەشكەن. يالقۇن روزى ئەپەندى، مەرھۇم م.ئى.ئابدۇشۈكۈر (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن) ئەپەندىنى ئۇيغۇرلاردىن چىققان «20-ئەسىردىكى بىردىن بىر پەيلاسوپ» دىدى. مەن يالقۇن روزىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن. دىمەك، م.ئى.ئابدۇشۈكۈرئەپەندى، ئۇيغۇر قەۋىمى، يالقۇن روزى ئەپەندى ۋەكىللىكىدە تاللىغان، «20-ئەسىردىكى تۈنجى پەيلاسوپ» بولۇپ قالدى. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بۇ يەكۈنگە قارىشى چىقساقمۇ، بۇ كىشىدىن باشقا بىرەيلەننى بىز بۇ نامزاتلىققا كۆرسىتەلمىدۇق. شۇنداق ئىكەن، م.ئى. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى، 20- ئەسىردە ئۇيغۇر قەۋىمى بايقىغان ھەم ئۇيغۇر قەۋىمىدىن چىققان بىردىن بىر پەيلاسوپ بولۇدۇ. بۇ يەردە، بىز م.ئى.ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنى دۇنياۋى پەيلاسوپلۇق دەرىجىسىگە كۆتەرگىنىمىز يوق. پەقەتلا 20- ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان. «يىنىدىكى موللام با موللام، يىراقتىكى موللام داموللام» بۇ بىزدىكى بىر كەمتۈك تەپەككۇردەك قىلىدۇ. «ئوقۇر ئىگىز بولسا، پەسلەت، بولمىسا ئاتىڭ بولار ئەبگا». ئۇيغۇر قەۋىمى، تارىخى ئۇزۇن، ئەقىللىق بىر قەۋىم. مۇتەپەككۇرلارمۇ كۆپ چىقىدىغان قەۋىم. ئەلۋەتتە، بۇلارنى بايقاش، جەۋھەرلىرىنى قېزىش، نەمۇنە قىلىپ ھۆرمەتلەش، ئۇلاردىن ئۆگۈنۈش، بىزنىڭ پەلىسەپە چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، كۆپلىگەن پەيلاسوپلارنى يارىتىدىغان ئىلمىي زىيادۇر. ئىلمىي زىيادىن ئايرىلىپ قالغان قەۋىمگە دۇنيا سىر قاراڭغۇ بولۇپ، مەڭگۇ ھېچنىمە كۆرەلمەيدۇ. ھەم ھېچنىمە يارىتالمايدۇ. شۇڭا، ھېچنىمەسى بولمايدۇ. دىمەك، يوقنى بار قىلىدىغانمۇ ئادەم، بارنى يوق قىلىدىغانمۇ ئادەم. ئادەمنىڭ قەلبى، «ئەسەت زىياسى» بىلەن نۇرلانسا (ئىلمىي، كەڭ قۇرساق، سەگەك دىگەن مەنىدە)، يوقمۇ بار بولۇدۇ. ئەگەر، «ھەسەت سىياسى» بىلەن بۇلغانسا، بارمۇ يوق بولۇدۇ. ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە ڧارابى قاتارلىق ئەجداتلىرىمىز، باشقا قەۋىملەر تەرىپىدىن پەيلاسوپ ئىكەنلىكى بايقىلىپ، ئۇلارنى پەيلاسوپ دەپ ئاتاپ قويۇپتىكەن. ھازىرقى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ تەپەككۈرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىزگە تاشلاپ بەرگەن بولسا، بۇ كىشىلەرمۇ پەيلاسوپ بولالماي ھەم تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالماي قالامدۇ نىمە؟
ھۆرمەتلىك بۇرادەر، شۇنىڭدىن سوڭىرە سۆزۈم يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، ياش ۋاقتى ئۆتۈپ قېرىپ قالغان بىر پەلىسەپە ھەۋەسكارىنىڭ شەرھى سۆزى مۇشۇ يەردە تامام بولدى. بۇ پەقەتلا بىر قىزىقىشتىن چىققان خام مەھسۇلات. پەلىسەپە، پەقەتلا بىر يۈرۈش تەپەككۇر ئارقىلىق بىر «گەپ ياكى پاراڭ» بىلەن روياپقا چىقىدىغان زىل ئىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، سۆز ئۇيۇنى ئەمەس. كىمىكى «گەپ» نى كۆپ قىلسا، شۇ ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى گاڭگىرتىدۇ. كىمىكى گاڭگىراپ قالسا، پەيلاسوپ، ئالىم، ئۆلىما ئەمەس بەلكى پەلىسەپەچىمۇ بولالمايدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 06-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,509 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6199
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ئۇھ ئاخىر بىر چۈشىنىش ھاسىل بولدى پەلسەپەگە قارىتا