مەرھۇم ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆزبەكىستانغا قالدۇرغان يەتتە تۆھپەسى
مەرھۇم ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆزبەكىستانغا قالدۇرغان يەتتە تۆھپەسى
جىمسارى
مەرھۇم ئىسلام كەرىموفقا يازىلغان تەزىيە ئەسەرىم باغداشتا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن، بۇرادەرلەرنىڭ دىققەتىگە سازاۋەر بولدى. بۇ ئەسەر، پەقەتلا بىر خوشنادۆلەت ئەلباشىغا بولغان شەخسى تەزىيە ئىدى. ئەمما، ئاجايىپ ئىنكاسلار، مەرھۇمغا ۋە ماڭا ھەر خىل باھالار بېرىلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ ھېسياتىنى چۈشىنىمەن. بەزى بۇرادەرلەر، ئىسلام كەرىموف نىمە ياخشىلىقلارنى قىلدى؟ دىگەندەك قىلىدۇ. مەنىڭ بۇھەقتە سۆز قىلىش ھوقوقۇم يوق. شۇنداق بولسامۇ، يۈزەكى بىلگەنلىرىم ئاساسىدا ھېس قىلغانلىرىمنى، مەرھۇم ئىسلام كەرىموف قالدۇرغان يەتتە تۆھبەسىىگە يىغىنچاقلىدىم.
1- دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىغىغا ھەم بىرلىكىگە ئاساس سالدى.
مەنىڭ بىلىشىمچە، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قەدەر، ھازىرقى ئۆزبەكىستان تەۋەسىدە، قوقان خانلىقى، بۇخارا خانلىقى ۋە خىۋە خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خانلىق بولغان. چاروسىيە ۋە سۆۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، بۇ خانلىقلار يۇقاتىلغان بولسىمۇ، ئۇ خانلىقلار تەۋەسىدىكى ئىجتىمائى جەمىيەتتە خانلىق دەۋىردىكى تەسىرلەر پۈتۈنلەي تۈگىگەنى يوق. ئۆزبەكىستان تېنچ يول بىلەن مۇستەقىل بولدى. ئەگەر بۇ مەزگىللەردە، ئەلباشى بولغان ئىسلام كەرىموف سىياسەتلەرىدە پۈتۈن ئۆزبەكىستاننىڭ بىرلىكى ھەم مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىسا، ئۆزبەكىستاننىڭ بۈگۈنىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.
2- دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل ئېقىم-كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇردى.
مەنىڭ بىلىشىمچە، ئۆزبەكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، جەمىيەتتىكى ھەر خىل ئىدىيە كۈچلەرى، گوروھ-ئېقىملارنى شەكىللەندۈرگەن. پەرغانە ئويمانلىقىدا، سەمەرقەند دائىرەسىدە، بۇ خارا، خۋە، قاراقالپاقىستان تەۋەلىرىدە ھەر خىل ئوڭ-سول كۈچلەر، مىللەتچىلەر بارلىققا كەلگەندەك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرى ھەر خىل بولۇپ، دىققەت قىلماسا ئىدىيە توقۇنىشىدىن ھالقىپ جىدەل-جەڭگە سەۋەپچى بولۇدۇ. ئىسلام كەرىموف كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بۇ كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇردى.
3- ئىدىئولوگىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشقىن ۋە قاتمال ئىدىيىلەرنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، ئىسلام دىننى جانلاندۇردى. مەن 1999-يىلى ئۈرۈمچىدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستانغىچە بارغان ئىدىم. بۇ ئارالىقتا يول بۇيىدا ياڭىدىن سالىنغان ۋە سالىنىۋاتقان كۆركەم مىچىتلەرنى كۆردۈم. شۇ چاغدا ئاڭلىشىمچە، بۇ مىچىتلەر قۇرۇلۇشىغا سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن ياردەم قىلغان ئىكەن. ئۆزبەكىستان تاشكەنت تەۋەسىدىن تۈركمەنىستان چىگراسىغىچە بولغان ئارالىقتا يول بۇيىدا كۆرگەن مىچىتلەرنى ساناپ ماڭدىم. 890 مىچىتنى ساناپ ھېرىپ قالدىم. دىمەك، سۆۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئېتىبارسىز قالغان ئىسلام دىنى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلاپتۇ. ھازىرقى ئۆزبەكىستان، ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ ئىمام بۇخارى، ئىمام دارىمى، ئىمام تېرمىزى، ئىبىنسىنا، ئۇلۇغبەك، ئەلىشىر نەۋائى، نەقىشبەندىيە …قاتارلىق نۇرغۇن ئەللامەلەر كۆپ چىققان جاي. شۇڭا، ئۆزبەكىستاننى ئەللامەلەر يۇرتى دەپ ئاتاشقا بولۇدۇ. شۇڭا، ئۆزبەكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيىچە، ھەر خىل ئىدىيەگە ناھايىتى باي بىر رايون. ئۆزبەكىستاندا، ئاڭ جەھەتتە بۇلارنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ تەسىر كۈچى ھېلىھەم مەۋجۇد. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەتراپتىكى ھەر خىل ئىدىيەلەرمۇ ھاۋا ئېقىمىدەك ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان. ئىسلام كەرىموف ئۆزبەكىستاندا ئاشقىن، قاتمال ئىدىيەلەرنىڭ يامرىشىغا يول قويمادى. مەن شۇ چاغدا تاشكەنت گىزىتىدىن ، ئىسلام كەرىموفنىڭ ئىدىئولوگىيە توغرىسىدا، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئاڭنىڭ بىرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، رايونلار ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن، زىيانلىق بولغان غەيرى، ئاشقۇن، بىدئەت، قاتمال ئىدىيەلەرنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى كۆرگەن.
4- دۆلەتنىڭ ھەر خىل ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى.
مەنىڭ ئاڭلىشىمچە، سۆۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، ئۆزبەكىستاندا سانائەت ئانچە تەرەققى قىلماغان، پەقەتلا پاختاچىلىقنى ئاسا قىلغان يېزا ئىگىلىك ئاساسى ئورۇندا تۇرغان ئىكەن. مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، ئىسلام كەرىموف ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، بارلىق ئاكىتىپ ئامىللارنى قوزغاپ ئۆزبەكىستاننىڭ خېمىيە، مىتاللورگىيە، ماشىناسازلىق سانائەتىنى، يېزا ئىگىلىكىنى، ساياھەتچىلىكىنى، قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرغان. يېرى ئاز، نوپوسى كۆپ بولسىمۇ، ھېچكىمگە بېقىنماي، ئۆزىنى ئۆزى باقىدىغانغا كاپالەتلىك قىلغان.
5- دۆلەتنى چەتئەل قەرزىدىن مۇستەسنا قىلدى.
بىر دۆلەت تەرەققىياتىدا چەتئەللەردىن مەبلەخ قەرىز ئالىش نورمال ئىش. ئەمما، ئالغان قەرىزلەرنى كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر چوقۇم قايتۇرۇش مەجبۇرىيەتى بار. مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، ئىسلام كەرىموف، ئۆزبەكىستاننى چەتئەللەرگە بىر پۇڭ قەرىزدار قىلماي ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس.
6- دۆلەت نوپوسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇردى.
ئاڭلىشىمچە، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى چاغلاردا، ئۆزبەكىستاندىكى ياشلارغا، روسىيەنىڭ، ياۋرۇپانىڭ قىزلىرىدەك توي قىلمايدىغان، بالالىق بولۇشنى خالامايدىغان تەسىر ئېقىمى يۇقۇشقا باشلىغان ئىكەن. ئىسلام كەرىموف، «قەھرىمان ئانا» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ياشلارنى بالالىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغان ئىكەن. تاشكەنت كۇچالارىدا، بالا قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ئانا-بالا ھەيكەللىرىنى دائىم ئۇچراتىسىز. شۇنىڭ رولى بولسا كېرەك، مۇستەقىل بولغاندىكى 19 مىليون نوپوس، 20 يىل ئىچىدە كۆپەيىپ، 30 مىليوندىن ئاشقان.
7- ئۆزبەكىستاننىڭ تېنچ، باي، ئىلغار تەرەققى قىلىشىغا ئاساس سالدى.
ئىسلام كەرىموفنىڭ زور تىرىشچانلىقى نېتىجىسىدە، ھازىرقى ئۆزبەكىستان، ئۆز ئۆززىگە خۇجا بولغان، ھېچكىمگە بېقىنمىغان، تاشقى قەرزى يوق، ئىچكى ۋە تاشقى نىزا بولماغان تېنچ، بىر قەدەر باي، ئىلغار دۆلەت ئاساسىنى تىكلىدى. بۇ ئىشلارغا ئەمدى تېخى 25 يىل بولدى. يەنە 25 يىل مۇشۇ يولدا تىرىشسا، ئۆزبەكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادا، دۇنيادا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى، ئىناۋىتىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتىرەلەيدۇ.
يوقۇرىدا دىگەنلەرىم مەنىڭ ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەندەك ئۆزبەكىستاندا كۆرگەن بىلگەن ھەم ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن بولدى. مەرھۇم ئىسلام كەرىموفنى، قانغور، مىللەتچى، مۇتەسسىپ، سۆۋىتنىڭ غالچاسى، ئاتىزىمچى، مۇستەبىت دەپ تىللاغانلارنىمۇ ئاڭلادىم. ئەنجان ۋەقەسىنىمۇ ئاڭلادىم. قىرغىزىستان ۋەقەسىنىمۇ ئاڭلادىم. ئەپقاچتى گەپلەر خېلى كۆپ ئىكەن. بىر دۆلەتتە مۇنداق ئىشلار كۆرۈلۈپ تۇرۇدۇ. تاشقى ئامىللار، تەشۋىقاتلارمۇ ھەر خىل بولۇدۇ. ھەممەسى، كىشىلەرنىڭ ھېسياتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. باغداشتا يازىلغان ئىنكاسلارغا قاراغاندا، كىشىلىرىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى خېلى يوقۇرى كۆتەرىلگەن. شۇنداق بولسىمۇ، بېكىنمە ھالەتتىكى تار مىللەتچىلىكتىن، تەبرىقىچىلىكتىن، مەزھەپچىلىكتىن، يۇرتۋازلىقتىن ساقلىنىشىمىز زۆرۆركەن.
مەرھۇ ئىسلام كەرىموف ئەۋلىيا ئەمەس. ئۇمۇ بىر ئادەم. ئۇنى خاتالىق ئۆتكۈزمەدى دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ. ئۇمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەن. ئەمما، ئۇنىڭ خاتالىقىدىن تۆھپەسى كۆپ دەپ قارادىم. ئۆزبەكىستان خەلقى ، مەرھۇم ئىسلام كەرىموفنى ياقتۇرۇپ تاللاپ، ئۆزلەرىگە 25 يىل ئەلباشى قىلدى. ئۇنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئۆزبەكىستان خەلقى ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ھەقىقى باھا بېرىدىغانلار شۇلار. ئۆزبەكىستان خەلقىدىن باشقا ھەر قانداق دۆلەت ۋە شەخسىنىڭ باھاسى بىكار.
مەن ئۆزبەكىستان پۇقراسىمۇ ئەمەس، ئۆزبەكىستانلىقلارغا قەرىزدارمۇ ئەمەس، پەقەتلا بىر شىنجاڭلىق ئۇيغۇر. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز مەندەك بىر ئاددى كىشىنىڭ يۈزەكى بولغان شەخسى قاراشلىرىم، بىر ئەلباشىغا باھا بېرىشكە تېخىمۇ يىراق. شۇنداق بولسىمۇ، مەرھۇم ئىسلام كەرىموف ئۆمىرىدە خاتالىقلاردىن خالى بولالمىغان، ئۆزبەكىستان دۆلەت ۋە ئومۇمى خەلق مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان، ئۆزبەكىستاننىڭ بىرلىكى، ئۆملىكى، تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان، كىيىنكىلەرگە ئابىدە تىكلىگەن «دۆلەت ئاتاسى»دۇر دەپ قارايمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 09-ئاينىڭ 06-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 61 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7306
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!