2015دېكابىر31
بۈگۈن كەچ شانلىق 2015-يىل، بىزگە خوش دەپ قويۇپلا ئۇدۇلتامان كەتكىدەك. ئەتە، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سولاپ قويۇلغان ئۆينىڭ تۆڭلۈكىدىن چىقىپ كەتكەنىگە 2016-يىلى بولغىدەك. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ، مەككە مۇكەررەمدىن، مەدىنە مۇنەۋەرگە كۆچكەنىگە 1437-يىلى بولغىدەك. ئادەم ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشۈرۈلگەندە ئىشلەتكەن مۆچەلدە، مايمۇن يىلى دەپ ئاتاپتىكەن. ئېھتىمال شۇنداقمىكىنتاڭ؟!.
2015دېكابىر27
مەن تىلشۇناس ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، ھازىر كۆپ دىيىلىۋاتقان، «پىسىخولوگىيە»، «پىسىخلوگ» دىگەندەك بىر قانچە سۆزلەرگە، ئۇيغۇرچە ئىسىم ياساپ باقتىم. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ «پىسىخولوگىيە» دىگەندەك بىر قانچە ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى توغرىسىدا بۇرادەرلەر بىلەن كىڭەشمەكچى.
2015دېكابىر27
ھۆرمەتلىك ئەلى قۇربان بۇرادەر، قاراسام 3-ئەسەرىڭىز بىلەن چەتئەل ساياھەتىڭىز ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ. دىمەك، ئەسەرلىرىڭىزدە نەقىل ئېلىنغان مەنبە ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىزگە نىسبەتەن ناتۇنۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەزگۇر، ئەسەرىمدە، ئەنە شۇ جەھەتلەردە سىزگە بىر تەكلىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىم.
2015دېكابىر26
Hemmemizge melum bolghandek, “roh” digen so’zge, “maddizim” (matirializim) dep atalghan pelisepe e’qimida, maddaning angdiki inkasi, xatirsi dep qaraydu. “rohizim” (idializim) dep atalghan pelisepe e’qimida hem barliq dinlarda, dunyaning assay dep qaraydu. Bizning cemietimizde, bu ikki xil ko’z qarash tengla mevcud. Emma, Bu ikki xil ko’z qarashta, “roh”ni, madda emes dep qaraydiken. Men, “roh”ni bir xil madda bolushi mumkin dep qaraymen. Shunga, buraderler bilen birge o’genish hem pikirde ortaqlishish meqsetide, mezgur eserde, roh heqqidiki addy qarashlirim bayan qilindi.
2015دېكابىر22
«روھ» دىگەن «ماددا ئەمەس» دىگەن ئۇقۇم، دۇنيا بۇيىچە بارلىق دىن ۋە ئىلىملەردە ئاساسى ئۇقۇمغا ئايلانغان. مەن بۇ خىل قاراشقا يەنى، روھ ماددا ئەمەس دىگەن قاراشقا قوشۇلمايمەن. مەن، «روھ»نى ماددا دەپ قارايمەن. شۇڭا، بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈش ھەم پىكىردە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، روھ ھەققىدىكى ئاددى قاراشلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.
2015دېكابىر19
ۋېبتور، «باغداش»تا، «چامان ۋە زامان»، «ماددا دىگەن نىمە؟»، «جىسىم بىلەن ماددا دىگەن ئۇقۇمنىڭ پەرقى» ناملىق ئەسەرلەرنى نەشىر قىلغان ئىدىم. بۇ ئەسەرلەرنى كۆرگەن بۇرادەرلەرنىڭ ئىنكاسىغا قاراغاندا، ماددا بىلەن، چامان ۋە زاماننىڭ باغلىنىشلىقى بارلىقى ياكى مۇناسىۋەتى ھەققىدە مۇجىمەللىك ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ماددا، روھ، تەپەككۇر، ئاڭ، چامان ۋە زامان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا، ئاددى چۈشەنچەلىرىمنى بايان قىلدىم.
2015دېكابىر19
دۇنيا ۋە ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر، ماددا بولۇپ، جىسىم، ئەنە شۇ ماددالارنىڭ كۆنكىرىتنى ئىپادىلىنىشى بولۇدۇ. ئۇنداقتا، «ماددا»نىڭ قاتلاملىرى، ھالەتلىرى بولامدۇ؟ مەزگۇر ئەسەردە، مانا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسەتىدە، ئاددى چۈشەنچەلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
2015دېكابىر18
بىزدە، «جىسىم» ۋە «ماددا» دىگەن ئىككى سۆز بار. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئۇقۇمى توغرىسىدا مۇجىمەللىك ساقلانغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈش ھەم پىكىردە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئاددى چۈشەنچەلىرىمگە ئاساسەن، مەزگۇر ئەسەردە، «جىسىم» بىلەن «ماددا»نىڭ پەرقى قىسقىچە بايان قىلىندى.
2015دېكابىر15
بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈش ھەم پىكىردە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئاددى چۈشەنچەلىرىمگە ئاساسەن، «ماددا» دىگەن سۆزنىڭ ئۇقۇمى ۋە تەبىرى بايان قىلىندى.
2015دېكابىر11
مىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىمدە، «زامان» ۋە «چامان» دىگەن سۆزلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «زامان ۋە ماكان» شەكلىدە ئاتالغان. بۇ سۆزلەرنىڭ قانداق مەنالىرى بارلىقى ھەققىدە بۇرادەرلەر بىلەن ئۆگۈنۈشتە ھەم ئۇقۇم-چۈشەنچىلەردە ئورتاقلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز چەشەنچەلىرىم بۇيىچە، ئۆزەم مۇۋاپىق دەپ ھېساپلىغان سۆزلەرنى قوللۇنۇپ مەزگۇر «زامان» ۋە «چامان» ناملىق ئەسەرنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم.