2015دېكابىر31
2016-يىلنى باغاشلايمەن
بۈگۈن كەچ شانلىق 2015-يىل، بىزگە خوش دەپ قويۇپلا ئۇدۇلتامان كەتكىدەك. ئەتە، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سولاپ قويۇلغان ئۆينىڭ تۆڭلۈكىدىن چىقىپ كەتكەنىگە 2016-يىلى بولغىدەك. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ، مەككە مۇكەررەمدىن، مەدىنە مۇنەۋەرگە كۆچكەنىگە 1437-يىلى بولغىدەك. ئادەم ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشۈرۈلگەندە ئىشلەتكەن مۆچەلدە، مايمۇن يىلى دەپ ئاتاپتىكەن. ئېھتىمال شۇنداقمىكىنتاڭ؟!.