27دېكابىر
ئاتالغۇ توغرىسىدا كىڭەش
بىر نەچچە ئاتالغۇ توغرىسىدا بۇرادەرلەر بىلەن كىڭەش
جىمسارى
مەن تىلشۇناس ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، ھازىر كۆپ دىيىلىۋاتقان، «پىسىخولوگىيە»، «پىسىخلوگ» دىگەندەك بىر قانچە سۆزلەرگە، ئۇيغۇرچە ئىسىم ياساپ باقتىم. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ «پىسىخولوگىيە» دىگەندەك بىر قانچە ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى توغرىسىدا بۇرادەرلەر بىلەن كىڭەشمەكچى.
1-«پىسىخىكا» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە «روھال» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئاتاشقا بولامدۇ؟
«روھال» دىگەن سۆز، «روھ ۋە ھالەت» دىگەن ئىككى سۆزدىن ئىخچاملاپ ياسالغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بولۇپ، ئادەمدىكى روھى ھالەت دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچە «روھال» دىگەن سۆز، ئېنگىلىزچە «»، خەنزۇچە، «» دەپ ئاتىلىدۇ.
2-«پىسىخولوگىيە» دىگەن سۆزنى، «روھالنامە» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئاتاشقا بولامدۇ؟.
«روھالنامە» دىگەن سۆز، «روھ، ھالەت» ۋە ئىلىم دىگەن مەناغىمۇ ئىگە بولغان «نامە» دىگەن 3 سۆزدىن قۇراشتۇرۇپ ياسالغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ئادەمدىكى روھى ھالەتنى ئۆگەنىدىغان ھەم تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنىڭ نامى قىلدىم. «روھالنامە» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە «روھالنامە» دىگەن سۆز، ئېنگىلىزچە «»، خەنزۇچە، «» دەپ ئاتىلىدۇ.
3-«پىسىخولوگ» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە «روھالىم» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئاتاشقا بولامدۇ؟
«روھالىم» دىگەن سۆز، «روھال دوختۇرى»، «روھالنامە بىلەن شوغۇللانغۇچى» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم سۆز قىلدىم. ئۇيغۇرچە، «روھالىم» دىگەن سۆز، ئېنگىلىزچە «»، خەنزۇچە، «» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسەلەن: « ئەلى قۇربان، دۆلەتلىك2-روھالىم» «ئەلى قۇربان روھالىم» ياكى «روھالىم ئەلى قۇربان» دىگەندەك.
4- «پىسىخولوگىيەلىك كىسەللىك» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە، «روھال كىسەللىك» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئاتاشقا بولامدۇ؟
5-«پىسىخولوگىيەلىك ئاجىزلىق» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە «روھال ئاجىزلىق» دىسەك بولامدۇ؟
6-«پىسىخولوگىيەدىن ساۋات» دىگەن سۆزنى، «روھالنامەدىن ساۋات» دىسەك بولامدۇ؟
7-«پىسىخولوگىيەلىك ئامىل» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە، «روھال ئامىل» دىسەك بولامدۇ؟
8-«پىسىخولوگىيە مەسلىھەتچىسى» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە، «روھال مەسلىھەتچىسى» دىسەك بولامدۇ؟
9-«پىسىخولوگىيە دوختۇرى» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە، «روھال دوختۇر» دىسەك بولامدۇ؟
10-«پىسىخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» دىگەن سۆزنى، ئۇيغۇرچە، «روھال تەكشۈرۈش» دىسەك بولامدۇ؟
يوقۇرىدا كۆرسەتىلگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى، مۇشۇ 3 يىلنىڭ ئالدىدا خاتىرەمگە يازىپ قويغان ئىدىم. بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچىدا بارمۇ-يوقمۇ بۇ توغرىدا ئىزدىنىپ باقمادىم. بار بولسا ناھايىتى ياخشى. قوللانساق بولۇدۇ. ئەگەر يوق بولسا، بۇنى مەن ئىجات قىلغان بولۇپ قالىمەن. ئەگەر مەن، روھالغا ئائىت ئەسەر يازىپ قالسام، يوقۇرىدا كۆرسەتكەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق دەپ ئىشلىتىمەن. شۇڭا، بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى ، تىلشۇناسلار، روھالىم بۇرادەرلەر مۇھاكىمە قىلىپ باقسا دىگەن ئۈمۈددىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 55 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6727
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!