4ئاپرېل
«ئىز» دىن ئىز
«ئىز» دىن ئىز
جىمسارى
ياش ئىدۇق كومپوتېر دىگەننى ئاڭلىغاندا بىز،
ئەمدى كومپۇتېر ياسىماقتا ئەنە بالىمىز.
ئاز ئىدۇق تورىستان قۇرۇشقا ئاتلانغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ توردا ئىز.
قالدى ئىز تورلار ئارا گاھى دۇنيالار ئارا،
قالدى نى نى ئەزىمەتلەر تور دۇنيادا ئىز-نامسىز.
نامسىز قالدى دىمەڭ، تور تۇتاشقان جايدا بىز،
گۈل چىچەككە پۈركەيدۇ ياخشى يازغان يازمامىز.
قالسۇن ئىز ھايات چاغدا بولسىمۇ تور جاھاندا،
ھېچ يۇقالماي ساقلىنۇر توردا قالغان نامىمىز.
توختىماس جىمسارى يولىدىن گەرچە ئورۇق تورىمىز،
ئاچقۇسى كىلەچەكنى بۇ روھتا نەۋرەمىز يا ئەۋرەمىز.
ھۆرمەتلىك مېھمان، مەن، ئەدىب تىلەشۇپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق شىېرىنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئەنە شۇ «ئىز»دىن ئىزلاپ مېڭىپ باقتىم. ئەسلىدىكى «ئىز»، بەك چوڭ بولغانلىقتىن، چامدام كەلمەي «ئىز»نىڭ چىتىگە دەسسەپ سالدىم. ئەيىپكە بويرىمىغايسىزلەر.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 274 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4282
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!