باش بەت > گىياھنامە > نىمفەمەت
28يانۋار

نىمفەمەت

 نىمفەمەت

  Nymphaeales) 睡莲目)

جىمسارى

 

نىمفەمەت (Nymphaeales) 睡莲目)، ئەملامەتتىن [1] كىيىن شاخلىنىپ چىققان گۈلگىياھلار (قاپلىقدان گىياھلار دەپمۇ ئاتالغان) نىڭ بىر تارماقى بولۇپ، «APG» يىڭىدىن ئېتىراپ قىلغان گىياھى جەمەت نامى بولۇدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، نىمفەمەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى. 

مەنبەلەرگە قاراغاندا، نىمفەمەت گىياھلىرى، بۇنىڭدىن 130 مىليون ئىلگىرى يەنى، تەبەشىر ئەسىرنىڭ (白垩纪) تەبەشىر زامان ئەۋەلىدە (早白垩世) پەيدا بولغان ئىكەن [2]. ھازىرقى چۈشەنچىدە، ئەملامەت، گۈلگىياھلار ئىچىدە ئەڭ بالدۇر شاخلانىپ ئايرىلىپ چىققان، ئەڭ بۇرۇنقى ياكى ئەڭ ئىپتىدائى جەمەت بولۇدۇ. نىمفەمەت گىياھلارىمۇ، ئەملامەتتىن كىيىن شاخلانىپ چىققان ئەڭ بۇرۇنقى گۈلگىياھلار جەمەتى بولۇپ ھىساپلانادى.

ئېنگىل سىستېماسىنىڭ 1964-يىلىدىكى 12-نەشىرىدە، نىمفەمەت، رانۇنمەتنىڭ (毛茛目 Ranunculales )، نىمفە شاخمەت (睡莲亚目 Nymphaeineae)  قىلىپ ئايرىلغان. كرونكۈست سىستېماسىنىڭ 1981-يىلىدىكى نەشىرىدە، نىمفەمەت دەپ بىر جەمەت ئايرىلغان ھەمدە ئۇنىڭ تەركىۋىدە، نىمفەئىلە (睡莲科 Nymphaeaceae)،كەبومبەئىلە (莼菜科 Cabombaceae)، نىلۇمبەئىلە (莲科 Nelumbonaceae)، بەكلەيەئىلە (合瓣莲科 Barclayaceae)، سىرەتئىلە (金鱼藻科 Ceratophyllaceae) دىن ئىبارەت 5 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان [2].

دىمەك، يوقۇرىدا كۆرسەتكەن سىتېمىلار ئاساسىدا، «APG» كۆپ يىل گىنىتىكالىق تەتقىق قىلىپ، 2009 يىلى «APGⅢ» نەشىرىدە، نىمفەمەتنىڭ، كەبومەئىلە (莼菜科 Cabombaceae)، ھىتەلئىلە (独蕊草科 Hydatellaceae)، نىمفەئىلە (睡莲科 Nymphaeaceae) دىن ئىبارەت 3 ئائىلەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى رەسمىي بېكىتكەن[5]. مەنبەلەرگە قاراغاندا، نىمفەمەت دىگەن جەمەت نامىنىڭ لاتىنچەسىنى،  Salisb. ex Bercht. & J.Presl قاتارلىق ئالىملار، 1820-يىلى قويغان ئىكەن. ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان [3،4]. 

نىمفەمەت گىياھلارى، كۆپيىللىق سۇ گىياھلارىدىن بولۇدۇ. ئۇلارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، 1-جەدۋەلدە كۆرسەتىلدى.

nimphemet 250px-NymphaeaTetragona

1-جەدۋەل: نىمفەمەتنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ ئائىلەلىرى

ئۇيغۇرچە نامى لاتىنچە نامى خەنزۇچە نامى
دۇنيا域 ئۇكارى دۇنيا  Eukarya 真核域
مىقياس界 گىياھ مىقياس  Plantae 植物界
تارماق支 گۈلگىياھ (قاپلىقدان گىياھ)  angiosperms 被子植物
جەمەت目 نىمفەمەت Nymphaeales 睡莲目
ئائىلە科 نىمفەئىلە  Nymphaeaceae  睡莲科
  كەبومەئىلە Cabombaceae 莼菜科
  ھىيتەلئىلە Hydatellaceae 独蕊草科

 

مەنبەلەر

[1] ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، <ئەمبولامەت>، 2015-يىل، 27-قىش نەشىرى.

[2]  ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، <睡莲目>، 2014-يىل، 2-نۇرۇز نەشىرى.

[3]  ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، <被子植物APG III分类法>، 2014-يىل، 17-مىزان نەشىرى.

[4] ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، <قاپلىقدان گىياھلارنىڭ ئائىلە ناملارى>، 2012-يىل، 26-قىش نەشىرى.

[5] ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، <گىياھئىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى>،2012-يىل، 10-باھار نەشىرى.

[6] ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، <گىياھرۇق نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى>، 2012-يىل، 19-سەپەر نەشىرى.

[7] ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، <گىياھ زات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى>، 2012-يىل، 17-چىللە نەشىرى.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 83 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5656
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز