باش بەت > گىياھنامە > «ئەملامەت»
27يانۋار

«ئەملامەت»

«ئەملامەت» دىگەن نىمە؟

(什么是无油樟目Amborellales

جىمسارى

گىياھلاردىكى «ئەملامەت» (ئەملا ناملىق گىيا جەمەتى دىگەننى بىلدۈرىدۇ ) توغرىسىدا، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر يىڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىسىم سۆز. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەملامەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

  1. 1. «ئەملامەت» دىگەن سۆزگە ئىزاھات

«ئەمبولامەت» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، «ئەمبولا» دەپ ئاتالغان گىياھلارنىڭ جەمەت نامىنى كۆرسەتەدى. بۇ ئىسىم، رەھمەتۇللا ئادىللانىڭ «گىياھ ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» گە ئاساسەن، «ئەمبولا+مەت=ئەمبولامەت» شەكىلدە تۈزۈلگەن[1]. مەنبەلەرگە قاراغاندا، «ئەمبولامەت» نىڭ لاتىنچەسى، Amborellales، خەنزۇچەسى، 无油樟目 ياكى 互叶梅目، دەپ ئاتالغان[2]. ئەمبولامەت، بوتانىكلار يىڭىدىن ئېتىراپ قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، گىياھى جەمەت نامى بولۇپ، 1999-يىلىدىن بۇرۇنقى بوتانىكاغا ئائىت مەنبەلەردە ئۇچرىمايدۇ.

  1. 2. «ئەنبولامەت»نىڭ ۋۇجۇدقا كىلىش جەريانى

مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئىنگېل سىستېماسىدا، ئەملامەت، مەگنولمەتكە (木兰目 Magnoliales) تەۋە قىلىنغان. 1981-يىلى نەشىر قىلىنغان كرونكۈست سىستېماسىدا، «لۇرامەت» ( Laurales،樟目) كە تەۋە قىلىنغان. 1998-يىلىىغا كەلگەندە، APG سىستېماسى، گىياھلارنىڭ گىنداشلىق مۇناسىۋەتى بۇيىچە تاكسونلىغاندا، بۇنى شۇ چاغدىكى ھەرقايسى گىياھى جەمەتكە قويۇشقا مۇمكىن بولماغان ھەم ئايرىم مۇستەقىل گىياھى جەمەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقاغان. 2003-يىلى، «ⅡAPG» نەشىرىدە، ئەملامەتنى،  گۈلگىياھلارنىڭ (قاپلىقدان گىياھلارنىڭ) ئەڭ ئىپتىدا تۈركۈمى دەپ قاراغان. 2009-يىلى، «ⅢAPG » نەشىرىدە، ئەملامەتنى، مۇستەقىل گىياھى جەمەت دەپ ئېتىراپ قىلغان[3].

  1. 3. «ئەملامەت» گىياھىنىڭ ئالاھىدىلىكى

مەنبەلەرگە قاراغاندا، ئەملامەت گىياھى، پەقەتلا فرانسىيەنىڭ چەتئەلدىكى ئۆزىگە قاراشلىق بولغان «يېڭى كالىدونىيە» (新喀里多尼亚Nouvelle-Calédonie) ناملىق ئارالدا ھايات قالغان «قالدۇقگىياھ» () ئىكەن[4].

ئەملامەت گىياھى، بالدەرەخ (小乔木)ياكى چاتقال بولۇپ، بۇيىنىڭ ئىگىزلىكى 8 مېتىردىن پاكار بولۇدىكەن. بەرگرەتى (叶序)، ئىككى قاتار نۆۋەتچە ئۆسكەن (互生)، بەرگ گىرۋەكلەرى دولقۇنسىمان ئىچىگە قورۇلغان ھالەتتە بولىدىكەن. ئەملانىڭ گۈلى تاقگۈل بولۇپ ھەم كىچىك، ھەم غۇژمەك سايۋان گۈلرەتىنى شەكىللەندۈرگەن. گۈلزەكگۈل (ئاتالىق گۈل) بىلەن گۈلچەكگۈل (ئانالىق گۈل) بىر تۈپتە بولماي، ئايرىم تۈپلەردە بولۇدىكەن. گۈلبەرگى،5 -8 تالغىچە بولۇپ، گۈلبەرگى بىلەن گۈلقاپ روشەن ئايرىلمايدىكەن. گۈلزەك (雄蕊) كۆپ بولۇپ، گۈلزەك بوينى (花丝) بىلەن گۈلزەك باشى (花药) ئېنىق ئايرىلمايدىكەن[5]. رەسىمگە قاراڭ (رەسىملەر ۋېبسىت بەيدۇ دىن ئالىندى).

embora tichopy4embolamet2, 135px-Amborella_trichopoda_(3173820625)embolamet 4 180px-Amborella_trichopoda_6

 embora tichopy2emborella_trichopoda180px-_(3065968016)_fragment

  1. 4. «ئەملامەت»نىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

خۇددى يوقۇرىدا ئېيتقاندەك، ئەملامەت، گۈلگىياھلارنىڭ (قاپلىقدان گىياھلارنىڭ) ئەڭ بالدۇر ئايرىلىپ چىققان ئەڭ ئىپتىدائى جەمەتى ھىساپلىنىدۇ. ھازىر، گۈلگىياھلارنىڭ (قاپلىقدان گىياھلارنىڭ) بۇ پېشىۋاسىدا «ئەملامەت» ناملىق بىرلا جەمەتى، «ئەملائىلە» ناملىق بىرلا ئائىلەسى، «ئەملارۇق» ناملىق بىرلا رۇقى، «ئەملا تىخوپى» ناملىق بىرلا زاتى قالغان. ئەملا تىخوپى زاتىنى، ئەملاگۈل (ئەملاگۇل) دەپ ئاتىساقمۇ بولۇدۇ.

 

ئۇيغۇرچە نامى لاتىنچە نامى خەنزۇچە نامى
مىقياس نامى گىياھ مىقياس Plantae 植物界
  گۈلگىياھ (قاپلىقدان گىياھ) angiosperms 被子植物
جەمەت نامى ئەملامەت Amborellales 无油樟目
ئائىلە نامى ئەملائىلە Amborellaceae 无油樟科
رۇق نامى ئەملارۇق Amborella 无油樟属
زات نامى ئەملا تىخوپى Amborella trichopoda 无油樟

 

ئەملامەت (Amborellales无油樟目) نىڭ لاتىنچە نامىنى، MelikyanA.V.Bobrov &Zaytzeva  قاتارلىق كىشىلەر، 1999-يىلى قويغان[3،5]. ئۇيغۇرچەسىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.

ئەملائىلە (Amborellaceae无油樟科) نىڭ لاتىنچە نامىنى، Pichon دىگەن كىشى، 1948-يىلى قويغان[3،5]. ئۇيغۇرچەسىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.

ئەملارۇق (无油樟属Amborella) نىڭ لاتىنچە نامىنى، Baill.  دىگەن كىشى، 1873-يىلى قويغان[3،5]. ئۇيغۇرچەسىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

ئەملا تىخوپى (无油樟Amborella trichopoda) نىڭ لاتىنچە نامىنى، Baill. دىگەن كىشى، 1873-يىلى قويغان[9]. ئۇيغۇرچەسىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

مەنبەلەر

[1] ۋېبسىت «ئاكادېمىيە». <گىياھى تاكسون ناملارى>، 2012-يىل، 22-سەپەر نەشىرى.

[2] ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، <无油樟>، 2014-يىل، 14-ھۇد نەشىرى.

[3] ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، <被子植物APG III分类法>، 2014-يىل، 17-مىزان نەشىرى.

[4] ۋېبسىت « ۋىكىپېدىيا »، <Амборелла>، 2015-يىل، 17-قىش نەشىرى.

[5] ۋېبسىت « ۋىكىپېدىيا »، <无油樟>، 2014-يىل، 14-ھۇد نەشىرى.

[6] ۋېبسىت « ئاكادېمىيە »، <گىياھئىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى>،2012-يىل، 10-باھار نەشىرى.

[7] ۋېبسىت « ئاكادېمىيە »، <گىياھرۇق نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى>، 2012-يىل، 19-سەپەر نەشىرى.

[8] ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، <گىياھ زات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى>، 2012-يىل، 17-چىللە نەشىرى.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 88 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5642
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز