باش بەت > تىل،, ھايۋاناتنامە > «كونچا» قانداق ھايۋان، قەيەرلەردە ياشايدۇ؟
4ئىيۇل

«كونچا» قانداق ھايۋان، قەيەرلەردە ياشايدۇ؟

«كونچا» قانداق ھايۋان، قەيەرلەردە ياشايدۇ؟

 

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىل 3-سەپەر سانىدا «كونچالار، ئۇنىڭ زاتلارى ۋە شاخزاتلارى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەردە، كونچالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، زاتلىرى ۋە شاخزاتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ لاتىنچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسۈتۈلگەن. بۇ قىتىم يازىلغان مەز گۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، كونچالار قانداق ھايۋان؟ ئۇلار قەيەرلەردە ياشايدۇ؟ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ دىگەندەك مەلۇماتلار بايان قىلىندى.

 

1. كونچا قانداق ھايۋان؟

ئۇيغۇرچە كونچا دەپ ئاتالغان بۇھايۋان، باشى يۇغان، بوينى قىسقا، ماڭلىيى كەڭ، يۈزى ئۇزۇن، مۇڭگۇزى يۇغان بولۇپ، خۇددى «بىسون» غا ئوخشايدۇ. (بىسون، ئا. رەھمەتۇللا، ئۇنىڭ لاتىنچە نامىغا ئاساسەن قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، كالا شاخئىلەدىكى بىسون رۇق زاتلىرىنىڭ ئومۇمى نامى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، خەنزۇچە نامىغا ئاساسەن، «سۇ كالىسى» دەپ ئاتالغان). كونچانىڭ مۈرەسى ئىگىز، ئارقابەل قۇرساق قىسمى تارايغان، تۇياقلىرى ئىنچىكە، خىچىر قۇيرۇق، قۇلان يايلىلىق بولۇپ، ئاتقا ئوخشاپ قالىدىكەن. كونچانىڭ يەنە ئۇزۇن ساقىلى، سالدىرى (بويۇن ئاستى ۋە تۆشلىرىدە ساڭگىلاپ تۇرغان ئۇزۇن تۈكلىرى سالدىر دىيىلدى)، تېرىسى تاغىل، كۈلرەڭ، ياكى قوڭۇر، جىرەن رەڭلىك (قىزغۇچ جەز رەڭ) بولۇدۇ. كونچالارنىڭ ئەركەك-چىشى ئىككىلىسىنىڭ ئەرگىمەچ كەلگەن مۇيۇزى (مۇڭگۇزى) بولىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچە مەنبەلەردە، «角马牛羚» دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، خەنزۇچە نامىغا ئاساسەن، مۇڭگۇزلۇق ئات، كالا بۆكەن، ياكى بۆكەن كالا دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. ئەمما، كونچالار، قۇلان ياكى ئات زاتى ئەمەس، كالا زاتىمۇ ئەمەس ھەتتا، بۆكەن زاتىمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەتلا «كونچا» دەپ ئاتالغان ھايۋان رۇقىنىڭ نامى ھەم ئۇنىڭ زاتى بولىدۇ.

كونچالار، مۇيزاقئىلەنىڭ ئالكاپ شاخئىلەسىدىكى كونچارۇقنىڭ ئىككى زاتىنى ھەم 5 شاخزاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كونچالارنىڭ ئەركەكىنى «بۇققا» دەپ ئاتىساق، چىشىسىنى «ئىنكە» دەپ ئاتىساق بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، كونچا بۇققاسىنىڭ بوي ئىگىزلىكى 125-145 سانتىمېتىرغىچە، ئېغىرلىقى 200-274 كلوگرامغىچە كىلىدىكەن. كونچالار ئىنكەسىنىڭ بوي ئىگىزلىكى 115-142 سانتىمېتىرغىچە، ئېغىرلىقى 168-233 كلوگرامغىچە بولۇدىكەن. كونچالارنىڭ ئۆمرى 15-20 ياشقىچە بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ 5-25كىچە بولۇپ توپلۇشۇپ ياشاش ئادىتى بار.

 konqa tanglayikonqakonqa akyaylikonqa tafili

3f171f340d9cf6d4dca8048780694f0e

 

2. كونچالار قەيەرلەردە ياشايدۇ؟

مەنبەلەرگە قارىغاندا، كونچالار، زىمىندا ئاساسەن ئافرىقا قىتئەسىدە ياشايدۇ. بولۇپمۇ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ھەم شەرقى قىسمىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھايۋاندىن ھىساپلىنىدۇ. تېلىۋىزوردا كۆرگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، كونچالار جەنۇبى كىنىيەدىن تارتىپ جەنۇبى ئافرىقاغىچە، مۇزامبىكتىن تارتىپ نامىبىيە، جەنۇبى ئانگولاغىچە بولغان كەڭ زىمىنغا تارقالغان ئىكەن. تېلىۋىزوردا كۆرگەن ھەيۋەتلىك كونچالار پادىسىنىڭ كۆچۈش مەنزىرەسىگە قارىغاندا، ئافرىقادىكى «ساۋاننا» دەپ ئاتالىدىغان باياۋانلار، كونچالارنىڭ ئەڭ مەرگەزلىك تارقالغان رايونلىرى بولىدۇ.

 

3. كونچالارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

كونچالارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئېنىق بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى مەن ھازىرغىچە تېخى ئۇچراتمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ تېلىۋىزوردا كۆرگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ھېس قىلغانلىرىمنى بايان قىلدىم. كونچالار، تەبىئەتنىڭ قاتتىق سىناقلىرىدا تاۋلىنىپ ياشاپ كەلگەن. ئۇلار ھەمىشە قۇرغاقچىلىق، ئوت-چۆپ يىتىشمەسلىك، چۆلدەش، ئوت سۇنى دەپ 3-4 مىڭ كلومېتىر ئارىلىقتا كۆچۈپ يۈرۈشكە توغرى كىلىدۇ. بۇ جەرياندا، جەزىرە، باياۋان، ساۋاننا، جاڭگاللاردىن كىسىپ ئۆتۈشكە، تىك يارلىق، سۈيى ئۇلۇق چوڭ غوللارنى كىچىپ ئۆتۈشكە، پايانسىز ساسلاردىن ئاۋايلاپ ئۆتۈشكە مەجبور بولىدۇ. بۇ جەرياندا، ئېچىرقاپ كەتكەن شىر، يولۋاس، ئىلپىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا، ۋەھشى تىمساھلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۇلارغا يەم بولۇپ تۇرۇدۇ. دىمەك، كونچالار سانىنى مىليوندىن كۆپ دىگەندەك پەرەز قىلىنسىمۇ،  ئوزۇق يىتىشمەسلىك، تەن ئاجىزلىق، كىسەللىك، چۆلدەش، چارچاش، يىرتقۇچلارغا يەم بولۇش قاتارلىق ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يىلىغا ئۇلارنىڭ 3دىن 2 قىسمى ھالاك بولىدىكەن. ئەمما، يەنە شۇنچىلىك كۆپۈيۈپ تۇرىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىنسانلار پائالىيەتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانلىرى  ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى يىڭىدىن تەھدىتكە ئۇچرىماقتا ئىكەن. كونچالارنىڭ ياشىشىغا پايدىسىز بولغان تەبىئى ۋە سۈنئى ئامىللار تۈپەيلىدىن ئافرىقادىكى كونچالارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاشقا يۈزلىنىپتۇ. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىك ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلىۋاتقان سانى كۆپۈيۈشكە باشلاپتۇ.

jiaoma1jiaoma2jiaoma3jiaoma4jiaoma5jiaoma6 jiaoma7jiaoma8jiaoma9jiaoma10jiaoma11jiaoma12jiaoma13jiaoma14jiaoma15jiaoma16jiaoma17jiaoma18jiaoma19jiaoma20

 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، ۋىكىپېدىيا، بەيدۇ، 360 قاتارلىق تورىستان (تور بىكەت)، تېلىۋىزور قاتارلىق مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، كونچالار قانداق ھايۋان؟ ئۇلار قەيەرلەردە ياشايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ دىگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ، كونچالار ھەققىدە قىسقىچە توختالدىم. شۇنداق قىلىپ، ئالدىنقى كۈنى نەشىر قىلغان «كونچالار، ئۇنىڭ زاتلارى ۋە شاخزاتلارى» ناملىق ئەسەر بىلەن مەزگۇر ئەسەر قوشۇلۇپ كونچالار توغرىسىدىكى بىلگەنلىرىمدىن ئاددى بولسىمۇ مەلۇمات بەردىم ھەم ئىجابى پىكىر، ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 306 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4662
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

2 پارچە باھا

كۆرسىتىش يوشۇرۇش 2 trackbacks

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز