5ئىيۇل
كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭدىكى رۇقلار
كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭدىكى رۇقلار
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
ئۇيغۇر تىلىمىزدا «كېيىك ياكى كىيىك» دەپ ئاتالغان بىر سۆز بار. مىنىڭ بىلىشىمچە، بۇ سۆزنىڭ كۆرسۈتىدىغان ئوبىكتى توغرىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئوۋچىلار ياكى پالگانلار ئوۋلىغان، گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان، ئوت يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئىككىنچىسى، بۆكەن، جەرەن، جۇرلارنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. ئۈچىنچىسى، بۇغا بىلەن مارالنىڭ ئومۇمى نامى دەپ قاراش. مىنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۈچ خىل قاراش، ناتوغرا بولغان يەرلىك قاراشلاردىن ئىبارەت. ئۇنداقتا كىيىك دىگەن نىمە؟ ياكى قانداق ھايۋانلار كىيىك دەپ ئاتالىدۇ؟ بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازىلغان ئەسەرلىرىمىزدە ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. مىنىڭ بىلىشىمچە، رايونىمىزدا كىيىك دەپ ئاتالغان ھايۋان زاتلىرى ياشاسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «بۇغا» دەپلا خاتا ئاتاشقان. كىيىكلەر توغرىسىدا ئۇيغۇرچە يازىلغان ئەسەرلەر يوق. شۇ ۋەجىدىن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، «كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلىرى» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
1. كىيىك قانداق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
كىيىك دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ئەسلىدە بىر ھايۋان رۇقىنىڭ نامى ھەم بىر ھايۋان ئائىلەسىنىڭ نامى بولۇش كېرەك دەپ قارىدىم. شۇڭا، ئاراياق كەلگەن (تۇياقى ئىككىگە ئاراسىمان ئايرىلىپ تۇرىدىغان دىگەن مەنىدە؛ ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، ئاچا تۇياقلىق دەپ ئاتالغان)، كۆشەيدىغان، مۇيۇزىنى (مۇڭگۇزىنى) يىلدا يەڭگۈشلەيدىغان، پۇتلىرى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولىدىغان، قۇيرۇقى قىسقا، جۇغى چوڭ-كىچىك بولىدىغان ھايۋان تىپىنى كۆرسۈتىدۇ. يەنى، بىز دائىم «بۇغا ۋە مارال» دەپ ئاتايدىغان ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان ياكى شۇلار تىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمى نامى بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، مۇنتارۇق، ئەلفۇسرۇق، كىيىكرۇق، ئەكىزرۇق، ئوكويررۇق، داممارۇق، بەسكەررۇق، رەنفەررۇق، مازامرۇق قاتارلىق 16 خىل ھايۋان رۇق زاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇمۇمەن ئاتالغاندا، كىيىك، كىيىكلەر دەپ ئاتالىدۇ. تۆۋەندىكى رەڭسىز رەسىمدە بىر قىسىم كىيىكلەر كۆرسۈتىلدى.
بۇ يەردە چۈشەنچە بېرىپ ئۈتۈشكە زۆرۆر بولغانى شۇكى، كىيىكلەرنىڭ ئەركەكى «بۇغا» دەپ ئاتالىدۇ. چىشىسى، «مارال» دەپ ئاتالىدۇ. شۇڭا، بۇغا، مارال دىگەن سۆزلەر، ھايۋان رۇقىنىڭ ياكى زاتىنىڭ نامى ئەمەس. پەقەتلا جىنسى ئايرىماسىنى كۆرسۈتىدۇ. ئادەتتە، بارلىق بۇغالارنىڭ مۇيۇزى بولىدۇ ھەمدە يىلدا بىر قىتىم چۈشۈپ ياڭىباشتىن چىقىدۇ. رەنفەررۇق زاتلىرىدىن باشقا، ماراللارنىڭ مۇيۇزى بولمايدۇ. بەزى كىيىكلەر بۇغا-ماراللىرىنىڭ مۇيۇزى بولمايدىكەن.
ئەمەلىي ئۆلچەنگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، كىيىكلەرنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكى پاكار بولىدىغانلىرىنىڭ 30 سانتىمېتىر، ئىگىز بولىدىغانلىرىنىڭ 220 سانتىمېتىر كىلىدىكەن. تەن ئۇزۇنلىقى 75 سانتىمېتىردىن 290 سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن. جۇغى كىچىك بولۇدىغان كىيىكلەرنىڭ تەن ئېغىرلىقى 9 كلوگرام، جۇغى چوڭ بولىدىغانلىرىنىڭ تەن ئېغىرلىقى 800 كلوگرام كىلىدىكەن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىيىكلەرنىڭ مويى قاراقوڭۇر، قوڭۇر، قىزغۇچ قوڭۇر، سار قوڭۇر ھەم ئاقبوز رەڭگىدە بولىدۇ. كىشىلەر، كىيىكلەرنى ئادەتتە باشقا جەمەتىگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كورىدۇ دەپ قارايدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، كىيىكلەر، 8 ياشتىن 45 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرىدىكەن. كىيىكلەر، دۇنيا بويىچە، ياۋروپا، ئاسىيا، شىمالى ئامېرىكا، غەربىي جەنۇپ ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەرگە تارقالغان.
2. «كىيىكئىلە»نىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
«كىيىكئىلە» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، مەناسى، « كىيىك تىپىدىكى ھايۋانلار ئائىلەسى » دىگەننى بىلدۈرىدۇ. كىيىكئىلە دىگەن سۆز، كىيىكئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى بولۇپ، بۇنى ھەم كىيىكلەر ئائىلەسىنىڭ نامى قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، ئا.رەھمەتۇللا ئوتتورىغا قويغان «ھايۋانات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» بويىچە، كىيىك+ئىلە=كىيىكئىلە شەكلىدە نام قويۇلدى ھەم يازىلدى. كىيىكئىلە دىگەن سۆزنىڭ لاتىنچەسى « Cervidae »، خەنزۇچەسى «鹿科» دەپ ئاتالىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، كىيىكئىلە دىگەن سۆزنىڭ لاتىنچە « Cervidae » نامىنى، Goldfuss دىگەن كىشى، 1820-يىلى قويغان ئىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان، كىيىكئىلەنىڭ لاتىنچە نامىنى ئۆزگەرمەي قوللۇنۇپ كەلمەكتىمىز. مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، كىيىكئىلەدە، كىيىك شاخئىلە (鹿亚科Cervinae)، ھىڭگاي شاخئىلە (獐亚科Hydropotinae)، مۇنتا شاخئىلە (麂亚科Muntiacinae)، ئوكوي شاخئىلە(空齿鹿亚科Odocoileinae) قاتارلىق 4 شاخئىلە بار. كىيىكئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى 1-جەدۋەلدىكىدەك بولىدىكەن:
1- جەدۋەل: كىيىكئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
تاكسون نامى |
رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
|||||
مىقياس 界 |
ھايۋانات مىقياس |
Animalia |
动物界 |
ھايۋانلار دۇنياسى،ھايۋانات دۇنياسى |
|||||
قەبىلە门 |
تارچابىلە |
Chordata |
脊索动物门 |
خوردىلىق ھايۋانلار تىپى |
|||||
تەبىقە纲 |
ھايۋانبىقە |
Mammalia |
哺乳纲 |
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى |
|||||
جەمەت 目 |
ئاراياقمەت |
Artiodactyla |
偶蹄目 |
ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى |
|||||
شاخمەت亚目 |
كۆشەي شاخمەت |
|
反刍亚目 |
كۆشىگۈچىلەر كەنجى ئەترىتى |
|||||
ئائىلە 科 |
كىيىكئىلە |
Cervidae |
鹿科 |
بۇغا ئائىلىسى |
|||||
شاخئىلە |
مۇنتا شاخئىلە |
Muntiacinae |
麂亚科 |
|
|||||
شاخئىلە |
كىيىك شاخئىلە |
Cervinae |
真鹿亚科 |
|
|||||
شاخئىلەشاخئىلە |
ئوكوي شاخئىلەھىڭگاي شاخئىلە |
OdocoileinaeHydropotinae |
空齿鹿亚科獐亚科 |
|
3. كىيىكئىلەدىكى رۇقلار
مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، كىيىكئىلەدە 4 شاخئىلە بولۇپ، بۇلارنىڭ تەۋەلىكىدە جەمئىي 16 رۇق بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملارى 2- جەدۋەلدە كۆرسۈتىلدى.
2-جەدۋەل: كىيىكئىلەدىكى رۇقلار
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
كىيىك شاخئىلە |
Cervinae |
鹿亚科 |
|
ئەكىزرۇق |
Axis |
花鹿属 |
چىپار بۇغا ئۇرۇقدىشى |
كىيىكرۇق |
Cervus |
鹿属 |
رىنخوزىيە ئۇرۇقدىشى بۇغا ئۇرۇقدىشى |
داممارۇق |
Dama |
黇鹿属 |
داما بۇغىسى ئۇرۇقدىشى |
ئەلفوررۇق |
Elphorus |
麋鹿属 |
|
مۇنتا شاخئىلە |
Muntiacinae |
麂亚科 |
|
ئەلفودرۇق |
Elaphodus |
毛冠鹿属 |
|
مۇنتارۇق |
Muntiacus |
麂属 |
|
ھىڭگاي شاخئىلە |
Hydropotinae |
獐亚科 |
|
ھىڭگايرۇق |
Hydropotes |
獐属 |
|
ئوكوي شاخئىلە |
Odocoileinae |
空齿鹿亚科(南美洲鹿亚科) |
كاۋاك چىشلىق بۇغىلار كەنجى ئائىلىسى |
ئەلكەرۇق |
Alce |
驼鹿属 |
قانداغاي ئۇرۇقدىشى |
رانفىررۇق |
Rangfer |
驯鹿属 |
|
كاپرولرۇق |
Capreolus |
狍属 |
|
ئوكويرۇق |
Odocoileus |
空齿鹿属 |
كاۋاك چىشلىق بۇغىلار ئۇرۇقدىشى |
بەسكەررۇق |
Blastoceru |
南美泽鹿属 |
|
ئوزكەررۇق |
Ozotocerus |
草原鹿属 |
|
پۇدۇرۇق |
Pudu |
普度鹿属 |
|
ھىپكەرۇق |
Hippocamelus |
马驼鹿属 |
|
مازامرۇق |
Mazama |
短角鹿属(墨西哥鹿属) |
قىسقا مۈڭگۈزلۈك بۇغا ئۇرۇقدىشى |
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، «360»، «بەيدۇ»، «ۋىكىپېدىيا» قاتارلىق تورىستان مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز چۈشەنچەم بويىچە كىيىكلەر ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم. كىيىكئىلەدىكى رۇقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەز گۇر ئەسەر، كىيىكلەر توغرىسىدا ئۇيغۇرچە يازىلغان تۈنجى ئەسەر بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن. شۇڭا، ئەسەردە يىتەرسىزلىكلەر ياكى خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 05-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 262 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4698
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!