12ئىيۇل
ئەكىزرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى
ئەكىزرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
«ئاكادېمىيە» ناملىق ئۇيغۇرچە تورىستاننىڭ 2014-يىل 5-چىللەسىدە، «كىيىكئىلە ۋە ئۇنىڭدىكى رۇقلار» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، «ئەكىزرۇق» دىگەن نامدا ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى كۆرسۈتىلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەز گۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ ئەكىزرۇقتىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى كۆرسۈتۈلدى.
1. ئەكىزرۇق توغرىسىدا ئومۇمى بايان
«ئەكىز» دىگەن سۆز، ئا. رەھمەتۇللا تۈنجى قىتىم ئۇنىڭ لاتىنچە نامىغا ئاساسەن، يىڭىدىن ياساپ قوللانغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، لاتىنچە «Axis» سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرپ ئىخچاملاشتىن تۈزۈلگەن. دىمەك، لاتىنچە نامىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە «ئەكىز» دىگەن سۆز، كىيىكئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى بولىدۇ. شۇڭا، «ئەكىزرۇق» دەپ ئاتالدى. ئەكىزرۇقنىڭ لاتىنچە نامى، «Axis» دەپ، خەنزۇچە نامى «花鹿属» دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، « چىپار بۇغا ئۇرۇقدىشى » دەپ ئاتالغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەكىزرۇقتىكى زاتلارنىڭ جۇغى كىچكرەك بولۇپ، جەنۇبى ئاسىيا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم جايلارغا تارقالغان. يىقىنقى يىللاردا، دۆلىتىمىزدىكى يۇننەن ئۆلكەسىنىڭ غەربىدە بىر زاتى بايقالغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تەبىئىي تارقالغان زاتى تېخى بايقالغانى يوق.
2. ئەكىزرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، ئەكىزرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، 1-جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلگەندەك بولىدۇ:
1- جەدۋەل: ئەكىزرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
تاكسون نامى |
رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
مىقياس 界 |
ھايۋانات مىقياس |
Animalia |
动物界 |
ھايۋانلار دۇنياسى،ھايۋانات دۇنياسى |
قەبىلە门 |
تارچابىلە |
Chordata |
脊索动物门 |
خوردىلىق ھايۋانلار تىپى |
تەبىقە纲 |
ھايۋانبىقە |
Mammalia |
哺乳纲 |
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى |
جەمەت 目 |
ئاراياقمەت |
Artiodactyla |
偶蹄目 |
ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى |
شاخمەت亚目 |
كۆشەي شاخمەت |
Ruminantia |
反刍亚目 |
كۆشىگۈچىلەر كەنجى ئەترىتى |
ئائىلە 科 |
كىيىكئىلە |
Cervidae |
鹿科 |
بۇغا ئائىلىسى |
شاخئىلە |
كىيىك شاخئىلە |
Cervinae |
真鹿亚科 |
|
رۇق نامى |
ئەكىزرۇق |
Axis |
花鹿属 |
چىپار بۇغا ئۇرۇقدىشى |
3. ئەكىزرۇق زاتلارى
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەكىزرۇقنىڭ پەقەتلا 4 زاتى بار ئىكەن. ئۇلار 2- جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلدى.
2-جەدۋەل: ئەكىزرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
ئەكىز ئەكىزى |
Axis axis |
花鹿(斑鹿) |
چىپار بۇغا |
ئەكىز كالامىيانى |
Axis calamianensis |
加岛花鹿 |
|
ئەكىز كۇھلىي |
Axis kuhlii |
巴岛花鹿 |
|
ئەكىز پورسىنى |
Axis porcinus |
豚鹿 |
ھىندىستان ئاق چىپار بۇغىسى
|
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەكىز ئەكىزى ناملىق بۇ ئەكىز زاتى،
بۇيىنىڭ ئىگىزلىكى 90 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 85 كلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، سىرىلانكا، نېپال، بېنگال ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورمان ۋە چىمتان يەرلەرىدە ياشايدىكەن. ئەكىز ئەكىزى بۇغاسىنىڭ مۇيۇزى چاپچا (3 چىشلىق ئارا) شەكىللىك بولۇپ، 75 سانتىمېتىر ئۇزۇن ئۆسۈدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەكىز ئەكىزى، 20-30 يىلغىچە ئۆمۈر كۆرۈدىكەن.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەكىز كالامىيانى،
ھىندىنوزىيەنىڭ كالامىيان تاقىم ئاراللىرىدا ياشايدىغان جۇغى كىچىك ئەكىز زاتى بولۇپ، بۇيىنىڭ ئىگىزلىكى 60-65 سانتىمېتىر كىلىدىكەن. بۇغاسىنىڭ مۇيۇزى چاپچا شەكىللىك كىلىدىكەن.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەكىز كۇھلىي ھىندىنوزىيەنىڭ باۋىيان ئارالىدا ياشايدىغان خاسۋار ئەكىز زاتى بولىدىكەن. 
بۇ زاتنىڭمۇ جۇغى كىچىك بولۇپ، بۇغالارىنىڭ بوي ئىگىزلىكى 60-70 سانتىمېتىر، مۇيۇزى چاپچا شەكىلدە كىلىدىكەن. ئەكىز كۇھلىي دىگەن زات نامىدىكى كۇھلىي دىگەن سۆز، گىرمانىيە ھايۋاناتشۇناسى « Heinrich Kuhl »نى خاتىرلەش يۈزىسىدىن «ئەكىز كۇھلىي» دەپ قويۇلغان ئىكەن.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەكىز پورسىنى،
جۇغى كىچىك بولغان ئەكىز زاتى بولۇپ، بۇيىنىڭ ئىگىزلىكى 60-70 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلىقى 100-115 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 50 كلوگىرام كىلىدىكەن. رەڭگى سار قوڭۇر، قۇرساقى كۈلرەڭ، ئىككى بېقىنىدا سۇس بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى بوزاق تەڭگىچىلەر بولىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 2007-يىلى يۇننەن ئۆلكەسىنىڭ يۇڭدېتاغ دۆلەتلىك تەبىستانىدا، تۇغۇلغىنىغا بىر نەچچە كۈن بولغان ئەكىز پورسىنى زاتىنىڭ مارال ئوغلاقىنى بايقىغان. ئەكىز پورسىنى، ھازىر دۆلەتلىك 1-ئاسرال ھايۋانات تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 243 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4742
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!