12ئىيۇل
تۇخۇمنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى
تۇخۇمنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى
جىمسارى
بىز ئادەتتە، توخو قاتارلىق پەرەندە مىكيانلىرى تۇغۇپ چىقارغان «قاپلىق جىسىمنى» تۇخۇم دەپ ئاتايمىز. باشتا كۆرسۈتۈلگەن رەسىمگە قاراڭ. بۇ رەسىم، تۇخۇمنىڭ تۈزۈلۈشىنى ۋە ئۇنىڭ بۆلەكلەرىنى كۆرسۈتىدىغان سىزمادىن ئىبارەت. پەرەندەلەردىن باشقا، چارپايلارمۇ «قاپلىق جىسىم» تۇغىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. چارپايلار تۇغۇپ چىقارغان بۇ قاپلىق جىسىمنى بىز ھەم «تۇخۇم» دەپ ئاتايمىز.
دىمەك، بىز تۇخۇم دىگەن سۆزنى ئاڭلىساق، كۆز ئالدىمىزغا، شەكلى سوقىيۇمىلاق كەلگەن، رەڭگى ئاق، قوڭۇر، كۈلرەڭ، چىپار بولغان، جۇغى چوڭ-كىچىك بولغان تۇخۇملار كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق، تۇخۇملارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى، شەكلى، قاتتىق يۇمشاقلىقى ھەر خىل بولىدۇ. مەن، جانىۋارشۇناسلارنىڭ پەرەندە تۇخۇملىرىنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشىنى ئوننەچچە خىل بۆلەككە ئايرىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما، تەپسىلاتىنى كۆرمىگەن. يېقىندا، «ۋىكىپېدىيا» تورىدىن بۇ توغرىدىكى مەلۇماتنى كۆردۈم. مەزگۇر ئەسەر باشىدا كۆرسۈتۈلگەن رەسىم، پەرەندە تۇخۇمىنىڭ تۈزۈلۈش بۆلەكلىرىنى كۆرسۈتىدۇ. مەن، مۇشۇ رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەن ناملارنىڭ ئۇيغۇرچەسى، چوقۇم «بۇ نىمە؟» دىگەن سۇئالغا دەل جاۋاپ بولۇشى كېرەك دەپ ئويلۇدۇم. شۇنداق قىلىپ، بۇ ناملارنىڭ ئۇيغۇرچەسىنى «ئىزدە» ناملىق تور لۇغەتىدىن ئىزدەپ باقتىم. كۆپلىگەن ئىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچەسىنى تاپتىم، يەنە بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى تاپالمىدىم. لېكىن، تېپىلغان ئۇيغۇرچە ناملارنىڭ سۆز قۇرۇلماسى ئۇزۇراپ كىتىپ، ئىسىمدەك بولماي قالغان ياكى «بۇ نىمە؟» دىگەن سۇئالغا دەل جاۋاپ بولماي بۇزۇلغان دەپ ئويلۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرچىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئويلاپ، مەنمۇ بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى قويۇپ چىقتىم. 1-جەدۋەلگە قاراڭ. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مەنبەگە ئاساسەن، پەرەندە تۇخۇملىرىنىڭ تۈزۈلۈش بۆلەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
1-جەدۋەل: تۇخۇمنىڭ تۈزۈلۈش بۆلەكلەرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملارى
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئېنگلىشچە نامى |
ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
تۇخۇم شاكىلى |
蛋壳 |
Eggshell |
1. تۇخۇمقاپ |
تاشقى پەردە، سىرتقى پەردە |
外膜 |
Epicardial |
2. تاشدىيال |
ئىچكى پەردە |
内膜 |
Endometrial |
3. ئىچدىيال |
تۇخۇم سېرىق بېغى |
卵带 |
Eggs with |
4. تۇخۇمباغ |
|
外蛋白 |
Extracellular protein |
5. تاشئاقسىل |
|
中蛋白 |
Protein |
6. ئاراقسىل |
تۇخۇم سېرىقى پەردىسى |
卵黄膜 |
Yolk membrane |
7. سارىيال |
تۇخۇم سېرىقى مەركىزى |
卵黄心 |
Yolk heart |
8. ساروتا |
تۆرەلمە تەخسىسى؛ ئىپتىدائىي ئېپىتېلىيە |
胚盘 |
Blastoderm |
9. تۆرەلپە |
تۇخۇم سېرىقى |
黄卵黄 |
Yellow yolk |
10. تۇخۇمسار |
|
白卵黄 |
White yolk |
11. تۇخۇمئاق |
|
内蛋白 |
The protein |
12. ئىچاقسىل |
تۇخۇم سېرىق بېغى |
卵带 |
Eggs with |
13. تۇخۇمباغ |
(1)ھاۋا كامېرىسى (2)ھاۋا خالتىسى |
气室 |
Air chamber |
14. ھاۋاخان |
مۈڭگۈز قەۋەت |
角质层 |
Cuticle |
15. مۇيۇزقات |
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 241 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4732
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!