28ئىيۇل
ھايۋانات ھۈجەيرەسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ھايۋانات ھۈجەيرەسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
جىمسارى
ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر، ئەتە 29-چىللە كۈنى، 2014-يىلىدىكى روزى ھېيت. شۇڭا مەن ئاكادېمىيە تورىستانىدىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن ئاكادېمىيە بارلىق زىيارەتچىلەرىنىڭ 1434-قىتىملىق روزا ھېيتىمىزنى قۇتلۇقلايمەن.
بۇنىڭدىن 41 يىل بۇرۇن، ئالى مەكتەپتە ھايۋاناتنامە (زوئولوگىيە، 动物学) دەرسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ چاغلاردا، « ھايۋانات ھۈجەيرەسى» دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ھەم ئۇنىڭ ئېنىق بولماغان رەڭسىز سىزىلغان رەسىملەرىنى كىتاپتىن كۆرگەن بولساممۇ، مىنىڭدە ھايۋانات ھۈجەيرەسى توغراسىدىكى چۈشەنچىلەر تولىمۇ غۇۋا ئىدى. دۇنيادا ئىنتېرنېت مەيدانغا كىلىپ ئومۇملاشقاندىن كىيىن، ھەر خىل تورىستان مەنبەلەرىدىن ھەرخىل ھۈجەيرەنىڭ رەڭلىك رەسىملەرىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە ھايۋانات ھۈجەيرەسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى. ھايۋانات ھۈجەيرەسىنىڭ تۇزۇلىشى توغراسىدا ئۇيغۇرچە يازىلغان ئەسەرلەرنى مەن كۆرۈپ باقمادىم. مەزگۇر ئەسەردە كۆرسۈتۈلگەن ئۇيغۇرچە ناملار پەقەت مىنىڭ شەخسەن كۆز قاراشىمدىن ئىبارەت. توغرا ياكى خاتاسى بولسۇن مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.
مەزگۇر ئەسەردە ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ خەنزۇچە تەققاسى
يادرو —– (细胞核)
گولكى —–(高尔基体)
مىتوكونرىيا —(线粒体)
پروكسىسوم —-(过氧化物酶体)
مەمبىران– (细胞膜)
يىرىك ئەندوپلازمىك—-(粗面内质网)
رىبوسومال—–(核糖体)
سىلىق ئەندوپلازمىك—–(光面内质网)
مىكرو توبىلىس—-(微管)
ئاراشرىشتە—–(中间纤维)
سېنتروسوم——(中心体)
لىيسوسومال——(溶酶体)
فىلاگىللوم——(鞭毛)
مىكروفىلامىنىز——-(微丝)
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 28-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 187 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4914
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!