باش بەت > تىل ۋە يېزىق, گىياھنامە > شىنجاڭدىكى گىياھرۇقلار(1)
14سېنتەبىر

شىنجاڭدىكى گىياھرۇقلار(1)

شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان گىياھرۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى (1-قىسىم)

新疆分布的植物属及其维吾尔语名称 (第一部分)

ئاپتورى: بوستاني

بايان ئاۋۋال

بىز دائىم ئاتايدىغان ئالما، ئۆرۈك، ياڭاق، ئۈزۈم، بۇغداي، يانتاق، تال، تېرەك دىگەن ناملار، ئۇيغۇرچە گىياھرۇق نامى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گىياھرۇق ناملىرىنى قويۇش، گىياھزات ناملىرىنى قويۇشنىڭ ئاساسى. ئادەتتە بىز، مەلۇم بىر گىياھزات نامىنى بىلەلمىگەندە، ئۇنىڭ رۇقنامىنى ئاتاش ئارقىلىق، نامىنى بىلمىگەن گىياھزاتى  توغرىسىدا مەلۇم ئۇقۇمنى بىلدۈرەلەيمىز.

«ئاكادېمىيە» تور بېكىتىدە، «گىياھرۇق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى» ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىنغان. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ ئەسەردە دىيىلگەن قائىدە بويىچە، شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان گىياھرۇق ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى كۆرسۈتىلدى. مەزگۇر ئەسەردە بېرىلگەن لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملار، «فلورا شىنجاڭ» 1- تومىدىن ئېلىندى. «1-تومدىكى ئۇيغۇرچە نامى» دىيىلگەن ئۇيغۇرچە ناملار، «فلورا شىنجاڭ»1- تومىدا بېرىلگەن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىدىن ئېلىندى. «بوستاني قويغان ئۇيغۇرچە نامى» دىيىلگەن ناملار، رەھمەتۇللا ئادىللا تەرىپىدىن قائىدىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان ناملاردىن ئېلىندى.

مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان گىياھرۇق ناملىرىنىڭ لاتىنچە، خەنزۇچە ئۇيغۇرچە ناملىرى لۇغەت تېرىقىسىدە بىرگە بېرىلدى. ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەردە بۇ خىل شەكىلدە يېزىلغان ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك. شۇڭا، بۇنىڭدىن لۇغەت ئورنىدا پايدىلانسىڭىز ناھايىتى قولايلىق بولىدۇ. ئاپتورنىڭ مەزگۇر ئەسەردە بېرىلگەن گىياھرۇق ناملىرى بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇن يېزىلغان ئەسەرلىرىدىكى ناملىرىدا ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، مۇشۇ توردا بېرىلگەن نامى ئاساس قىلىنىدۇ.

«فلوراشىنجاڭ» 1-تومىدىكى ئۇيغۇرچە گىياھرۇق ناملىرىدىن باشقا، ئۇيغۇرچە لۇغەت ئەسەرلەردىكى ئۇيغۇرچە ناملىرىنى  مەزگۇر ئەسەرگە كىرگۈزمىدىم. سەۋەبى، لاتىنچىسى يوق، پەقەتلا خەنزۇچىسىگە ئاساسەن قويۇلغان ئۇيغۇرچە ناملارنى تەدبىقلىماق تەس دەپ قارايمەن.

1. «فلورا شىنجاڭ» 1-تومدىكى گىياھرۇقلار

«فلورا شىنجاڭ» 1-تومىدا، پەيگىياھبىلە، قاپسىزدانبىلە، قاپلىقدانبىلە قاتارلىق 3 گىياھبىلەگە (گىياھى قەبىلىگە) تەۋە بولغان 31 گىياھئىلە (گىياھىلار ئائىلەسى) ھەم مۇشۇ گىياھئىلەگە تەۋە بولغان 58 گىياھرۇق ناملىرى كۆرسىتىلگەن. بۇلار، 1-جەدۋەلدە، جەدۋەللەشتۈرۈپ كۆرسۈتىلدى.

1-جەدۋەل: شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم گىياھرۇق ناملىرى

لاتىنچە نامى خەنزۇچە نامى

بوستاني قويغان ئۇيغۇرچە نامى

 1-تومدىكى ئۇيغۇرچە نامى

PTERIDOPHYTA

蕨类植物门

پەيگىياھبىلە

پاپوروتنىسىمانلار تىپى

1.HUPERZIACEAE

石杉科

پەيخۇپئىلە

خۇپېرزىيە   ئائىلىسى

Huperzia Bernhardi

石杉属

پەيخۇپرۇق

خۇپېرزىيە   ئۇرۇقدىشى

2.LYCOPODIACEAE

石松科

پەيلىكئىلە

پلائون   ئائىلىسى

Lycopodium L.

石松属

پەيلىكرۇق

پلائون   ئۇرۇقدىشى

Diphasiastrum Holub.

扁枝石松属

پەيدىپرۇق

ياپىلاق   شاخلىق پلائون ئۇرۇقدىشى

3.SELAGINELLACEAE

卷柏科

پەيسەلئىلە

زىبىرە   ئائىلىسى

Selaginella Spring.

卷柏属

پەيسەلرۇق

زىبىرە   ئۇرۇقدىشى

4.EQuIsETAcEA 木贼科

پەيەقئىلە

قىرىق   بوغۇم ئائىلىسى

Equisetum L. 木贼属

پەيەقرۇق

قىرىق   بوغۇم ئۇرۇقدىشى

5.BOTRYCHIACEA 阴地蕨科

پەيبوتئىلە

قالقان   ياپراق ئائىلىسى

Botrychium Sw. 阴地蕨属

پەيبوترۇق

قالقان   ياپراق ئۇرۇقدىشى

6.SINOPTERIDACEAE 中国蕨科

پەيسىنئىلە

جۇڭگو   پاپوروتنىكى ئائىلىسى

Cryptogramma R.Br. 珠蕨属

پەيكىپرۇق

غور   بېشى ئۇرۇقدىشى

Pellaea Link. 旱蕨属

پەيپەلرۇق

پىللايە   ئوتى ئۇرۇقدىشى

Aleuritopteris Fee 粉背蕨属

پەيالرۇق

كۈمۈش   ئوت ئۇرۇقدىشى

7.ADIANTAcEAE 铁线蕨科

پەيادئىلە

پېرساۋشەن   ئائىلىسى

Adiantum L. 铁线蕨属

پەيادرۇق

پېرساۋشەن   ئۇرۇقدىشى

8.ATHYRIACEAE 蹄盖蕨科

پەيازئىلە

پوزنەك ئائىلىسى

Gymnocarpium Newman 羽节蕨属

پەيگىمرۇق

ئەڧرەن   ئۇرۇقدىشى

Cystopteris Bernh. 冷蕨属

پەيكىسرۇق

قۇشنار   ئۇرۇقدىشى

9.ASPLENIACEAE 铁角蕨科

پەياسئىلە

غولچېچى   ئائىلىسى

Cetrach DC. 药蕨属

پەيكەترۇق

تالاق   گىياھ ئۇرۇقدىشى

Aspleium L. 铁角蕨属

پەياسرۇق

غولچېچى   ئۇرۇقدىشى

10.THELYPTERIDACEAE 金星蕨科

پەيزىلئىلە

تىزلاق   ئائىلىسى

Thelyperis Schmidel. 沼泽蕨属

پەيزىلرۇق

تىزلاق   ئۇرۇقدىشى

11.ON0CLEAEAE 球子蕨科

پەيونئىلە

خۇرپە   ئائىلىسى

Mtteuccia Todaro 荚果蕨属

پەيمىترۇق

گېزەك   ئوتى ئۇرۇقدىشى

12.WOODSIACEAE 岩蕨科

پەيۋودئىلە

قىيا   ئوتى ئائىلىسى

Woodsia R.Br. 岩蕨属

پەيۋودرۇق

قىيا   ئوتى ئۇرۇقدىشى

13.DRYOPTERIDACEAE 鳞毛蕨科

پەيدىرئىلە

سەرخىس   ئائىلىسى

Polystiehum Roth. 耳蕨属

پەيپولرۇق

قىرىق   يوپۇرماق ئۇرۇقدىشى

Dryopteris Adans. 鳞毛蕨属

پەيدىررۇق

سەرخىس   ئۇرۇقدىشى

14.POLYPODIACEAE 水龙骨科

پەيپويئىلە

چىلپايە   ئائىلىسى

Lepisorus(J.Smith)Ching 瓦苇属

پەيلەپرۇق

يالاڭپايە   ئۇرۇقدىشى

Polypodium L. 多足蕨属

پەيپويرۇق

چىلپايە   ئۇرۇقدىشى

15.MARSILEACEAE 苹科

پەيمارئىلە

پىنان   ئائىلىسى

Marsilea L. 苹属

پەيماررۇق

پىنان   ئۇرۇقدىشى

16.SALVINIACEAE 槐叶苹科

پەيسالئىلە

سالۋىنىيە   ئائىلىسى

Salvinia Sequier 槐叶苹属

پەيسالرۇق

سالۋىنىيە   ئۇرۇقدىشى

GYMNOSPERMAEE 裸子植物门

قاپسىزدانبىلە

يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

1.PINACEAE 松科

قاراغايئىلە

قارىغاي   ئائىلىسى

Abies Mill. 冷杉属

ئاقشاترۇق

ئاق   قارىغاي ئۇرۇقدىشى

Picea Dietrich 云杉属

شەمشادرۇق

شەمشاد   ئۇرۇقدىشى

Larix Mill 落叶松属

قوچوررۇق

بالقارىغاي   ئۇرۇقدىشى

Pinus L. 松属

قاراغايرۇق

قارىغاي   ئۇرۇقدىشى

2.TAXODIACEAE 杉  科

تاكسودئىلە

سازلىق   كىپارىسى ئائىلىسى

Metasequoia Miki ex Hu et Cheng 水杉属

مېتاسرۇق

مېتاسەكوۋىيە   دەرىخى ئۇرۇقدىشى

3.CUPRESSACEAE 柏  科

كۇپرەسئىلە

كىپارىس   ئائىلىسى

Subfaro.Thujoideae Pilger 侧柏亚科

تۇجويشاخئىلە

كۇلى   ئارچىسى كەنجە ئائىلىسى

Thuja L. 崖柏属

تۇجويرۇق

تۇجا   دەرىخى ئۇرۇقدىشى

Platycladus Spach 侧柏属

پلاترۇق

كۇلى   ئارچىسى ئۇرۇقدىشى

Subfam.Cupressoideae Pilger 柏木亚科

كۇپرەس شاخئىلە

كىپارىس   كەنجە ئائىلىسى

Chamaecyparis Spach   扁柏属

كامچارۇق

خامايىسپارىس   دەرىخى ئۇرۇقدىشى

Juniperoideae 圆柏亚科

ئارچاشاخئىلە

ئارچا   كەنجە ئائىلىسى

Juniperus L. 圆柏属

ئارچارۇق

ئارچا   ئۇرۇقدىشى

Subgen.Juniperus 刺柏亚属

جۈنپەرشاخرۇق

Subgen.Sabina 圆柏亚属

سابىن شاخرۇق

4.EPHEDRACEAE 麻黄科

چاكاندائىلە

چاكاندا   ئائىلىسى

Ephedra L. 麻黄属

چاكاندارۇق

چاكاندا   ئۇرۇقدىشى

ANGIOSPERMAE 被子植物门

قاپلىقدانبىلە

يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

1.SALICACEAE 杨柳科

تالئىلە

سۆگەت   ئائىلىسى

Populus L. 杨属

تېرەكرۇق

تېرەك   ئۇرۇقدىشى

Subgen.Turanga(Bge.)D0de 胡杨亚属

توغراق شاخرۇق

Subgen.Populus 白杨亚属

ئاقتېرەك   شاخرۇق

Subgen.Aegeiros(Duby)R. Kam. 黑杨亚属

قاراتېرەك   شاخرۇق

Subgen.Tecamahaca(spach)R.Kam. 青杨亚属

كۆكتېرەك   شاخرۇق

Salix L. 柳属

تالرۇق

سۆگەت   ئۇرۇقدىشى

2.JUGLANDACEAE 核桃科

ياڭاقئىلە

ياڭاق   ئائىلىسى

Juglans L. 核桃属

ياڭاقرۇق

ياڭاق   ئۇرۇقدىشى

Pterocarya Kunth. 枫杨属

پەترورۇق

پتېروكارىيە   دەرىخى ئۇرۇقدىشى

3.BETULACEAE 桦木科

قېيىنئىلە

قېيىن   دەرىخى ئائىلىسى

Betula L. 桦木属

قېيىنرۇق

قېيىن   دەرىخى ئۇرۇقدىشى

4.CORYLACEAE 榛科

كورىلئىلە

كورىلوس   دەرىخى ئائىلىسى

Corylus L. 榛属

كورىلرۇق

كورىلوس   دەرىخى ئۇرۇقدىشى

5.FAGACEAE 壳斗科

فاغاسئىلە

بۈك   دەرىخى ئائىلىسى

Quercus L. 麻栎属

دۇبرۇق

دۇب   دەرىخى ئۇرۇقدىشى

6.ULMACEAE 榆科

قاراغاچئىلە

قارىياغاچ   ئائىلىسى

Ulmus L. 榆属

قاراغاچرۇق

قارىياغاچ   ئۇرۇقدىشى

MORACEAE 桑科

ئۈژمەئىلە

ئۈژمە   ئائىلىسى

Ficus L. 无花果属

ئەنجۈررۇق

ئەنجۈر   ئۇرۇقدىشى

Morus L. 桑属

ئۈژمەرۇق

ئۈژمە   ئۇرۇقدىشى

8.CANNABACEAE 大麻科

كەندىرئىلە

كەندىر   ئائىلىسى

Humulus L. 葎草属

قۇلماقرۇق

قۇلماق   ئۇرۇقدىشى

Cannabis L.  大麻属

كەندىررۇق

كەندىر   ئۇرۇقدىشى

9.Urtiaceae 荨麻科

چاققاقئىلە

چاققاق   ئوت ئائىلىسى

Urtica L. 荨麻属

چاققاقرۇق

چاققاق   ئوت ئۇرۇقدىشى

Parietaria L. 墙草属

پارىئەترۇق

نىجىۋەل   ئۇرۇقدىشى

10.SANTALACEAE 檀香科

سانتالئىلە

سەندەل   ئائىلىسى

Thesium L. 百蕊草属

تەسۇمرۇق

يىڭنە   ئوت ئۇرۇقدىشى

11.POLYGONACEAE 蓼科

پولغۇنئىلە

قامچا   ئوت ئائىلىسى

Oxyria Hill 山蓼属

ئوكسىررۇق

بۇقا   ئوت ئۇرۇقدىشى

Rheum L. 大黄属

رەۋەنرۇق

رەۋەن   ئۇرۇقدىشى

Koenigla L. 冰岛蓼属

كوئىنرۇق

كەشپەر   ئۇرۇقدىشى

Kumex L. 酸模属

كۇمىكىسرۇق

ئاتقۇلاق   ئۇرۇقدىشى

Atraphaxis L. 木蓼属

ئاتراپرۇق

تۆگە   سىيەر ئۇرۇقدىشى

Calligonum L. 沙拐枣属

كالغۇنرۇق

جۇزگۇن   ئۇرۇقدىشى

Fagopyrum Mill. 荞麦属

فاگوپرۇق

چۆمەي   ئۇرۇقدىشى

Polygonum L. 蓼属

پولغۇنرۇق

قامچا   ئوت ئۇرۇقدىشى

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ياۋايى گىياھلارنىڭ ئائىلە ۋە رۇق ناملىرى، «فلورا شىنجاڭ» 1-تومىدا ئەنگە ئېلىنغىنى بويىچە تىزىپ كۆرسۈتۈلدى. بۇنىڭدىكى ئائىلە ۋە رۇقلارنىڭ ئىككى خىل ئۇيغۇرچە ناملىرى،  سېلىشتۇرما قىلىپ بېرىلدى. بۇلار پەقەتلا، ئۇيغۇرچىدا، ئەتىكى گىياھلار نامىنىڭ ئىخچام، قائىدىلىك بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، سىزنىڭمۇ، بۇ ھەقتە مۇھاكىمە پىكىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مەنبە ئەسەرلەر

  1. «فلورا شىنجاڭ»نى تەھرىرلەش كومىتىتى، «فلورا شىنجاڭ» 6-توم، شىنجاڭ پەن تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى،1996-يىل.
  2. رەھمەتۇللا ئادىللا، پەيگىياھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىگىچە تۈرلىنىشى، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى،2008-يىللىق 4-سان.
  3. رەھمەتۇللا ئادىللا، شىنجاڭ تەۋەسىدە ئۆسىۋاتقان پەيگىياھلارنىڭ زاتقىچە تۈرلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى 2008-يىللىق 4-سان.
  4. بوستاني، گىياھئىلە ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، «ئاكادېمىيە تور بېكىتى» (../)،  2012-يىل، 10-ماي نەشىرى.
  5. بوستاني، گىياھرۇق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، «../» ياكى «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»، 2012-يىل، 19-ئىيۇن نەشىرى.
  6. بوستاني، تاكسون ناملىرى، «../» ياكى  «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»، 2012-يىل،26-ئىيۇن نەشىرى.
  7.   رەھمەتۇللا ئادىللا،تاكسون ناملىرى بويىچە گىياھ ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە يېزىشتىكى پىرىنسىپ-قائىدىلە توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى، 2011-يىللىق 1-سان.
  8. رەھمەتۇللا ئادىللا،  شىنجاڭ تەۋەسىدە ئۆسىۋاتقان قاراغايئىلەدىكى گىياھلار ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى،2088-يىللىق 3-سان.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 758 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2100
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز