باش بەت > گىياھنامە > « APGسىستېماسى»
29يانۋار

« APGسىستېماسى»

 

« APGسىستېماسى» توغرىسىدا قىسقىچە بايان

ئا.ر.جىمسارى

« APGسىستېماسى »، دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، «گۈلگىياھلار فىلوگېنىيە گۇرۇپپاسىنىڭ سىستېماسى» دىگەننى بىلدىرەدى. گۈلگىياھ دىگەنىمىز، ئېنىق گۈلى بار گىياھ دىگەننى بىلدىرەدى. گۈلگىياھنى بىز يەنە قاپلىقدان گىياھ دەپمۇ ئاتايمىز.  «گۈلگىياھلار فىلوگېنىيە گۇرۇپپاسى» دىگەن سۆز، ئېنگلىشچە « Angiosperm Phylogeny Group » دەپ ئاتالغان. قوللانىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بۇسۆز ئىخچاملانىپ «APG» دەپ ئاتالغان. دىمەك، APG ئوتتۇرىغا قويغان تاكسون سىستېما دىگەن گەپ. APG نىڭ خەنزۇچە ئاتالىشى، «被子植物种系发生学组» دىيىلگەن. مەن ئۇيغۇرچە قوللانىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، «APGسىستېماسى» دەپ قوللاندىم.

«APG»، شىۋىتسىيە خانلىق پەننىي ئاكادېمىيەسى، سىتۇكھولىم ئۆنىۋېرسىتېتى، ئەنگىلىيە خانلىق بوتانىكا باغچاسى، ئەمېرىكانىڭ كورنىل ئۆنىۋېرسىتېتى، فلورىدا ئۆنىۋېرسىتېتى، مۇسېم تەبىئەت مۇزېيى، مىسسورى ئۆنىۋېرسىتېتى، مىسسورى بوتانىكا باغچاسى قاتارلىق ئىلىم يۇرتلارىدا ئىشلەيدىغان 8 نەپەر بوتانىكا ھەمىدلەرىدىن تەشكىل تاپقان بىرەسمى خەلقئارالىق تەشكىلات (تەتقىقات گۇرۇپپاسى) دىن ئىبارەت.

«APG»، مالىكوليار بىئولوگىيە قائىدەلەرىنى قوللانىپ، تېخمۇ ئىلمىي ئاساسى بولغان ھەم كۆپچىلىك ئالىملار بىرلىككە كەلگەن گۈلگىياھلارنى تاكسونلاش (تۈرلەش) سىستېماسىنى روياپقا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان. مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، «APG»، ھازىرغىچە 3 پارچە ئەسەر نەشىر قىلغان. بۇلاردىكى تۈنجى ئەسەر، 1998-يىلى، «Annals of the Missouri Botanical Garden» (مىسسورى بوتانىكا باغچاسىنىڭ ئانالىزلەرى) ژورنالىدا نەشىر قىلىنغان. قالغان ئىككى ئەسەر، 2003-يىلى ۋە 2009-يىلى، « Botanical Journal of the Linnean Society» (لىنني جەميىەتىنىڭ بوتانىكا ژورنالى) دا نەشىر قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ، ئېنگىل سىستېماسى، تاقتاجان سىستېماسى، كرونكۈست سىستېماسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى سىستېمىلاردىن كىيىن يەنە بىر سىستېما مەيدانغا كەلدى. 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى 1-ئون يىلى ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن بۇ سىتېمانىڭ نامى « APGسىستېماسى» دەپ ئاتالدى.

1981-يىلى، «كرونكۈست سىستېماسى» نەشىر قىلىندى. بۇ سىستېما، ئالىملار نەزەرىدە، 20-ئەسىردىكى ئەڭ يېڭى تۈرلەش سىستېماسى دەپ قارالدى. ئەمما، ئارالىقتا 10 يىل ئۆتۈپ، بۇ سىستېما، مالىكولىيار بىئولوگىيەنىڭ كۆپلىگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارىنىڭ ھەملەسىگە ئۇچرىدى. يېڭى تەتقىقات نەتىجىلەرى، كۆپلىگەن گىياھ زاتلارى ئارا بولغان تۇققاندارچىلىق ھەم كېلىش مەنبەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى گىن تەتقىقاتلارى ئارقالىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بۇ ھال، تاكسونومىيەدە، فىلوگېنىيەنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇشىغا ئىلمىي ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىلمىي ئاساسلارنى ئۆزىگە يىتەكچى قىلغان « APGسىستېماسى»، «كرونكۈست سىستېماسى» ھەم باشقا سىستىمالارنىڭ ئورنىنى ئالدى.

« APGسىستېماسى» بىلەن ئەنئەنىۋى سىستېمالارنىڭ مۇھىم پەرىقلەرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئەنئەنىۋى سىستېمالار، گىياھلارنىڭ مورفولوگىيە ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان. « APGسىستېماسى» بولسا، گىن ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان.

2. ئەنئەنىۋى سىستېمالار، گىياھلارنى، تاكسون دەرىجەسىنىڭ ھەممە ئورنى بۇيىچە تۈرلەگەن. « APGسىستېماسى» بولسا، جەمەتتىن يوقۇرى تاكسون دەرىجەلەرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. مەسەلەن، قەبىلە، شاخقەبىلە، تەبىقە، شاختەبىقە دىگەندەك دەرىجەلەرنى ئىشلەتمىگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا قاپلىقدان گىياھلار تارماقى، تاقپەل گىياھلار تارماقى، قوشپەل گىياھلار تارماقى، رۇخسالار تارماقى دىگەندەك «تارماق» بىلەن ئايرىغان.

3. «APGسىستېماسى»، گىياھلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئەنئەنىۋى سىستېمالاردىكى بەزى ئائىلەلەرنى قوشۇپ ئىخچاملىغان، بەزى ئائىلەرنى ئايرىم جەمەت دەرىجەسىگە كۆتەرگەن. قايسى تارماق ياكى ئائىلەگە قويۇش ئېنىق بولمىغان بەزى ئائىلە ھەم رۇقلارنى ئايرىم قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىقلاشقا ئىمكان قالدۇرغان.

 «APGسىستېماسى»، بارلىق گۈلگىياھلارنى زاتىغىچە ئېنىق ئايرىپ بولغان ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئەمەس. بەزى زاتلارنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن تەتقىقاتلار داۋاملاشماقتا. يىڭى كۆز قاراشلار ئۆزلۈكسىز مەيدانغا كىلىدۇ. شۇنداق بولسامۇ، «APGسىستېماسى»، بۈگۈنكى زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ يېڭى پىكىرلەرنىڭ، بوتانىكا ھەمىدلەرىنىڭ خۇلاسەسى بولۇپ قالدى.

مەن، «APGسىستېماسى» نى قوللايمەن. چۈنكى بۇ سىستېمادىكى گىياھلارنىڭ تۈرلەنىشى، كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. شۇڭا، بۇ سىستېمادىن پايدالانىپ،  رايونىمىز فلوراسىنى قايتادىن نەشىر قىلىنىشى زۆرۆر دەپ قارايمەن.

مەنبەلەر

[1]  «被子植物APG分类法»، ۋىكىپېدىيا، 2014-يىل، 7- نۇرۇز نەشىرى.

[2]  «被子植物种系发生学组»، ۋىكىپېدىيا، 2014-يىل، 7- نۇرۇز نەشىرى.

[3]  ئا.ر.جىمسارى، «ئېنگىل سىستېماسى»، 2015-يىل، 17- قىش نەشىرى.

[4]  ئا.ر. جىمسارى، «كرونكۈست سىستېماسى»، 2015-يىل، 20-قىش نەشىرى.

[5]  ئا.ر.جىمسارى، «مەشھور بوتانىك تاقتاجان»، 2015-يىل، 25-قىش نەشىرى.

[6] ئا.ر.جىمسارى، «قاپلىقدان گىياھلارنىڭ گىياھئىلە ناملارى»، 2012-يىل، 26-قىش نەشىرى.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 76 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5375
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز