باش بەت > گىياھنامە > نىمفەمەت گىياھلارى
30يانۋار

نىمفەمەت گىياھلارى

نىمفەمەت گىياھلارى

睡莲目植物

جىمسارى

 

«APG سىستېماسى»دا، قاپلىقدان گىياھلاردىكى نىمفەمەتتە (نىمفە جەمەتىدە)، 3 ئائىلە بار. بۇ ئائىلىلەردە 11 گىياھرۇق، 90 ئەتراپىدا گىياھزاتى بارلىقى مەلۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

«APG سىستېماسى»دا، نىمفەمەتكە (睡莲目 Nymphaeales)، ئۈچ ئائىلەنى تەۋە قىلغان. بۇنىڭ بىرى، كابۇمئىلە (莼菜科 Cabombaceae)، ئىككىنچىسى، ھىيتەلئىلە (独蕊草科 Hydatellaceae)، ئۈچىنچىسى، نىمفەئىلە (睡莲科 Nymphaeaceae) دىن ئىبارەت[1،2].

  1. 1. كابومئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇق-زاتلارى

كابومئىلە (莼菜科 Cabombaceae)، خەنزۇچە مەنبەلەردە يەنە 水盾草科 دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئائىلە زاتلارى، كۆپ يىللىق بولۇپ، گىياھ تەنىنىڭ كۆپ قىسمى سۇغا چۈكۈپ ئۆسۈدۇ. يىلتىزغول قىسمى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ، بىلەكتەك توم كىلىدۇ. بۇ ئائىلەنىڭ، 2 رۇقى، 7 زاتى بايقالغان. كابۇمئىلەنىڭ لاتىنچە نامىنى، Rich. ex A.Rich.  قاتارلىق ئالىملار، 1822-يىلى قويغان. ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.

1-جەدۋەل: كابومئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇرچە نامى لاتىنچە نامى خەنزۇچە نامى
دۇنيا域 ئۇكارى دۇنيا Eukarya 真核域
مىقياس界 گىياھ مىقياس Plantae 植物界
قەبىلە门 گۈلگىيابىلە Magnoliophyta 被子植物门
تەبىقە纲 قوشپەلبىقە Magnoliopsida 双子叶植物纲
جەمەت目 نىمفەمەت Nymphaeales 睡莲目
ئائىلە科 كابومئىلە Cabombaceae 莼菜科
رۇق属 بەسىنرۇق Brasenia 莼菜属
كابومرۇق Cabomba 穗莼属

 

1.1. بەسىنرۇق (莼菜属Brasenia)

بەسىنرۇق (莼菜属Brasenia)، بۇ رۇقنىڭ بىرلا زاتى بار. ئۇ، بەسىن شەبەرى (莼菜Brasenia schreberi) دەپ ئاتالدى. «بەسىنرۇق» ھەم «بەسىن شەبەرى» دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان. رەسىمدىكىسى، «بەسىن شەبەرى» بولۇدۇ.

1.2. كەبومرۇق (穗莼属 Cabomba)

كەبومرۇق(穗莼属(水盾草属) Cabomba)، بۇ رۇقنىڭ 6 زاتى بار.

كەبوم ئەچەتى (Cabomba aquatica)

كەبۇم كارولىنى (白花穗莼Cabomba caroliniana)

كەبوم پۇرقەتى (Cabomba furcata)

كەبوم ھەينەسى (Cabomba haynesii)

كەبوم پەلايى (Cabomba palaeformis)

يەنە بىر زاتىنى تاپالمادىم.

«كەبۇمرۇق»، ۋە ئۇنىڭ 5 زاتىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

  1. 2.2. ھىيتەلئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلارى

ھىيتەلئىلە(独蕊草科 Hydatellaceae)، خەنزۇچە مەنبەلەردە،排水草科 دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئائىلەدىكى گىياھلار، بىر يىللىق بولۇپ، سۇدا چۈكۈپ ياكى لەيلەپ ئۆسۈدۇ. تاقبەرگى، غولنى ئوراپ ئۆسۈدۇ، گۈلى كىچىك، تاقجىنىسلىق ياكى قوش جىنىسلىق بولۇپ، باشچە گۈلرەت ھاسىل قىلغان. بۇغداي مىۋەلىك بولۇدۇ. ھىيتەلئىلەنىڭ لاتىنچە نامىنى، U.Hamann دىگەن كىشى، 1976-يىلى قويغان ئىكەن. ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.

2-جەدۋەل: ھىيتەلئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇرچە نامى لاتىنچە نامى خەنزۇچە نامى
دۇنيا域 ئۇكارى دۇنيا Eukarya 真核域
مىقياس界 گىياھ مىقياس Plantae 植物界
قەبىلە门 گۈلگىيابىلە (قاپلىقدانبىلە) Magnoliophyta 被子植物门
تەبىقە纲 قوشپەلبىقە Magnoliopsida 双子叶植物纲
جەمەت目 نىمفەمەت Nymphaeales 睡莲目
ئائىلە科 ھىيتەلئىلە Hydatellaceae 独蕊草科
رۇق属 تىرىزرۇق  Trithuri 独蕊草属

مەنبەلەرگە قاراغاندا، ھىيتەلئىلە گىياھلارى، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە، تاسمانىيە ئارالى ۋە ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى قىسمەن يەرلەرگە تارقالغان ئىكەن.

2.1. تىرىزرۇق (独蕊草属 Trithuria)

« APG III سىستېماسى» دا، ھىيتەلئىلەنىڭ دۇنيا بۇيىچە «تىرىزرۇق» (独蕊草属 Trithuria) دەپ ئاتالغان 1 رۇقى، 12 زاتى بار ئىكەن.  «تىرىزرۇق» دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2015-يىلى قويغان.

 (تىرىز رۇق زاتلارى ئۇچراپ قالسا، بۇرادەرلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىنى ياكى بىر ئەسەر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن).

  1. 2.3. نىمفەئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقلارى

نىمفەئىلە(睡莲科 Nymphaeaceae)، ئىسسىق بەلۋاق ھەم مۆتىدىل بەلۋاقلارددىكى سۇدا ئۆسەدىغان، كۆپ يىللىق، ئوتغول گىياھلاردىن بولۇدۇ. بۇ گىياھلارنىڭ يەر ئاستى غولى تەرەققى قىلغان بولۇپ، سۇنىڭ تىگىدىكى لايغا كۆمۈلۈپ تۇرۇدۇ. بەرگى ھەم گۈلى، سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرۇدۇ. غولى ۋە ئۇرۇقى تىبابەتتە دورا قىلىنىدۇ. نىمفەئىلەنىڭ لاتىنچە نامىنى،Salisb.  دىگەن كىشى، 1805-يىلى قويغان ئىكەن. ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى، 2012-يىلى قويغان.

« APG III سىستېماسى» دا، نىمفەئىلەنىڭ دۇنيا بۇيىچە، 8 رۇقى، 70 تىن كۆپ زاتى بار.

3- جەدۋەل: نىمفەئىلەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى ۋە بىر قىسىم رۇقلىرى

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇرچە نامى لاتىنچە نامى خەنزۇچە نامى
دۇنيا域 ئۇكارى دۇنيا Eukarya 真核域
مىقياس界 گىياھ مىقياس Plantae 植物界
تارماق分支 گۈلگىياھلار (قاپلىقدان گىياھ) angiosperms 被子植物
جەمەت目 نىمفەمەت Nymphaeales 睡莲目
ئائىلە科 نىمفەئىلە Nymphaeaceae 睡莲科
رۇق بەكلەيرۇق Barclaya 辣椒草属
  ئۇرىيالرۇق  Euryale 芡属
  نۇفەررۇق Nuphar 萍蓬草属
  نىمفەرۇق Nymphaea 睡莲属
  ئونىيەرۇق  Ondinea 澳大利亚睡莲属
ۋىكتوررۇق Victoria 王莲属 

3.1. بەكلەيرۇق (Barclaya 辣椒草属)، خنزۇچە مەنبەلەردە، 合瓣莲属، 长叶睡莲属 دەپمۇ ئاتالغان. سۇدا ئۆسەدىغان، سوقۇچاق كاللەك غول، بەرگى سوقۇچاق ياكى دۆگىلەك كەلگەن، گۈلى س ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدىغان، كۆپ يىللىق گىياھ. بەكلەيرۇقنىڭ 4 زاتى بار.

بەكلەي ئۇزۇنى (红海带 Barclaya longifolia Hochst. ex A.Rich)

بەكلەي كۇنشەرى (Barclaya kunstleri (King) Ridley)

بەكلەي مولەيى (紫蝶 Barclaya motleyi Hooker f.)

بەكلەي روتۇنى (Barclaya rotundifolia Hotta)

3.2. ئۇرىيالرۇق (Euryale 芡属)، بىر يىللىق، چوڭ بەرگلىك ئوتغول، سۇدا ئۆسەدىغان گىياھ. ئىسسىق بەلۋاق، مۆتىدىل بەلۋاقلاردىكى كۆل، ساس، كۆلچەكلەردە ياشايدۇ. بۇ رۇقتا، ئۇرىيال فروكسى  ( Euryale ferox) دەپ ئاتالغان بىرلا زات بار.

3.3. نىمفەرۇق (Nymphaea 睡莲属)، گۈلى چوڭ ھەم ھەر خىل رەڭلىك، چىرايلىق بولىدىغان، بەرگى چوڭ، سۇدا ئۆسەدىغان كۆپ يىللىق ئوتغول گىياھ. مەنبەلەرگە قاراغاندا، نىمفەرۇقنىڭ 50 ئەتراپىدا زاتى بار ئىكەن.  «فلورا شىنجاڭ»دا، نىمفەرۇقنىڭ ئىككى زاتى خاتىرلەنگەن. بۇلارغا مەن، «نىمفە كەندى» (Nymphaea candida雪白睡莲)، نىمفە تۆترەپى (睡莲Nymphaea tetragona) دىگەن ناملارنى قويدۇم. رەسىمدىكى، نۇفەر تۆترەپى (睡莲Nymphaea tetragona) بولۇدۇ.

3.4. نۇفەر رۇق (Nuphar萍蓬草属) ، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «پاقالەش ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان. «فلورا شىنجاڭ» دا، نۇفەر رۇقنىڭ بىر زاتى خاتىرلەنگەن. بۇنىڭغا مەن،  «نۇفەر ئۇششاقى» (萍逢草属 Nuphar pumilum (Hoffem)DC) دىگەن ئىسىمنى قويدۇم.

3.4. ۋىكتوررۇق (王莲属 Victoria)، بەرگى چوڭ تاۋاقتەك بولىدىغان، گۈلى ھەم چوڭ، ھەم رەڭدار، ھەم خۇشپۇراق ھىدلىق بولىدىغان، كۆپ يىللىق، سۇدا ئۆسەدىغان ئوتغول گىياھ. ۋىكتوررۇقتا، ئىككى زاتى بار. بىرىنىڭ نامى، ۋىكتور ئامازونى (亚马逊王莲 V. amazonica(Poepp.J.C.Sowerby). يەنە بىرىنىڭ نامى، ۋىكتور كۇزىيانى (克鲁兹王莲 V. cruziana Orb.).

 

مەنبەلەر

[1] ئا.ر. جىمسارى، « APGسىستېماسى »، ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، 2015-يىل، 29-قىش نەشىرى.

[2] «莼菜科»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، 2014-تىل، 16-مىزان نەشىرى.

[3] «独蕊草科»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، 2014-تىل، 1-نۇرۇز نەشىرى.

[4] «睡莲科»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، 2014-تىل، 2-نۇرۇز نەشىرى.

[5] ئا.ر.جىمسارى، «قاپلىقدان گىياھلارنىڭ گىياھئىلە ناملىرى»، ۋېبسىت «ئاكادېمىيە»، 2012-تىل، 27-قىش نەشىرى.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 73 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5673
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز