«جانىۋاران»دىگەن نىمە؟
«جانىۋاران» دىگەن نىمە؟
什么是称为“生物多样性”?
ئاپتورى: ئا.ر. بوستاني
بايان ئاۋۋال
يېقىنقى ئوننەچچە يىل مابەينىدە، ئۇيغۇرچە گېزىت، ژورنال، كىتاپ-لۇغەت ئەسەرلىرىدە، رادىئو، تېلىۋىزىيە گەپلىرىدە، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى جانلىقلار خىلمۇ-خىللىقى» دىگەندەك سۆزلەر گۇرۇپپىسى پەيدا بولدى. ئۇيغۇرچىدىكى بۇ سۆزلەر، خەنزۇچىدىكى «生物多样性» دىگەن ئىسىم سۆزنى بىۋاستە خەت مەنىسى بويىچە قىلىنغان تەرجىمەدىن كەلگەندەك قىلىدۇ. خەنزۇچىدىكى بۇ سۆز، ئېنگلىشچىدىكى«biological diversity ياكى biodiversity» دىگەن ئىسىم سۆزنىڭ تەرجىمىسى ياكى خەنزۇچە ماس ئاتىلىشى بولىدۇ. دىمەك، ھازىر تىلىمىزدا قوللۇنىۋاتقان، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى جانلىقلارنىڭ خىلمۇ-خىللىقى» دىگەن سۆزلەر گۇرۇپىسى، ئەسلىدە بىر ئىسىم سۆز بولۇشى كېرەك. ئەمما، ئۇيغۇرچىدىكى بۇ سۆزلەر گۇرۇپپىسى، ئىسىمدەك ئاتالمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە مۇجىمەل ئۇقۇم بېرىپ قالىدۇ. ئەمىسە، بۇنى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتىساق توغرا بولىدۇ؟ مەزگۇر ئەسەردە، مانا مۇشۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
1.جانىۋاران دىگەن نىمە؟
«جانىۋاران» دىگەن سۆز، كەمىنە پېقىر ئىجاد قىلىپ قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىم بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى، زىمىندىكى بارلىق جانىۋار زاتلىرىنىڭ، گىنلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ماكانلىرىنىڭ ئومۇمىسىنى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، جانىۋار زاتلىرى، ئۇلارنىڭ گىنلىرى ۋە ماكانلىرى ئومۇمەن ئاتالغاندا، ئىخچاملىنىپ «جانىۋاران» دەپ ئاتالدى.
ئېنگلىشچىدىكى «biological diversity ياكىbiodiversity» دىگەن ئسىم سۆز، 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئېچىلغان، «دۇنيانىڭ مۇھىتى ۋە تەرەققىياتى» يىغىنىدا، «دۇنياۋى جانىۋاران كۈن ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغاندىن كىيىن رەسمىي بىر پەننامە ئۇقۇمىنى بىلدۇردىغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ قالغان. «دۇنياۋى جانىۋاران ئەھدىنامىسى» دە، «biological diversity ياكىbiodiversity» دىگەن بۇ ئاتالغۇغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن ئىكەن:
(Convention on Biological Diversity, 1992)(The variability among living organisms from all sources including: inter alia, terrestrial, marine and other aquatic ecosystem and the ecological complexes of which they are part, this includes diversity within species, between species and of ecosystem)“。
بۇ تەبىرگە ئاساسەن، ئېلىمىز جۇڭگودا، «biological diversity ياكىbiodiversity» دىگەن سۆز، خەنزۇچە «生物多样性» دەپ ئاتالدى. ھەم بۇ تەبىرنى، تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلغان:
在《生物多样性公约》里,生物多样性的定义是“所有来源的活的生物体中变异性,这些来源包括陆地、海洋和其他水生生态系统及其所构成生态综合体;这包括物种内、物种之间和生态系统的多样性.
生物多样性是指地球上所有生物(动物、植物、微生物等)、它们所包含的基因以及由这些生物与环境相互作用所构成的生态系统的多样化程度“。
دىمەك، «biological diversity ياكىbiodiversity دىگەن بۇ ئىسىم سۆز، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەت ياكى مىللەتلەرگە تۇنۇلدى ۋە تىلىدىكى سۆزلۈكلەر تەركىۋىگە يېڭىدىن قوشۇلدى.
يوقۇرىدا نەقىل كەلتۈرگەن تەبىرنى مەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسام مۇنداق بولىدۇ: « جانىۋاران ئەھدىنامىسى»دا، «جانىۋاران» سۆزىگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن : « بارلىق مەنبەلىك تىرىك جانىۋارلار، ئۇلارنىڭ تىنىدىكى گىنلار، ھەم قۇرۇقلۇق، دېڭىز-ئوكىيان ۋە باشقا سۇلۇق ماكان قاتارلىق كۆپ خىل ئومۇمى گەۋدە، جانىۋاران دەپ ئاتىلىدۇ». ياكى بولمىسا، «جانىۋاران، زىمىندىكى بارلىق جانىۋارلار (ھايۋانات، گىياھلار، چىياھلار)نى، ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان گىنلارنى ھەمدە، بۇ جانىۋارلار بىلەن مۇھىت گىرەلىشىپ تۈزۈلگەن ماكاننى (ئېكولوگىيەلىك سىستېمانى) كۆرسىتىدۇ».
2. نىمە ئۈچۈن «جانىۋاران» دەپ ئاتالدى؟
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، «جانىۋاران» دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىپادىلەشتە، ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى جانلىقلارنىڭ خىلمۇ-خىللىقى» دىگەندەك سۆزلەر يىغىندىسىنى قوللاندۇق. ئەمما، بۇ خىل ئاتاش، مىنىڭچە مۇۋاپىق بولمىغان، چۈنكى، بىرىنچىدىن، «جانلىق» دىگەن ئاتالغۇ، «جانىۋار» دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىگە ياكى ئوبىكتىغا تەڭ ئەمەس. ئىككىنچىدىن، «كۆپ خىللىقى ياكى خىلمۇ-خىللىقى» دىگەن سۆزلەرگە بىر «ئىگە ياكى ئىزاھ» كېرەك. ئەگەر، «جانلىق» سۆزىنى «ئىگە ياكى ئىزاھ» قىلغاندا، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى» دىيىشكە توغرى كېلىدۇ. بۇنىڭدا، دىيىلگەن «جانلىق» سۆزىنى «جانىۋار» دەپ قىياس قىلغاندا، بۇ ئۇقۇم «جانىۋار زاتىنىڭ» كۆپ خىللىقى دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «جانىۋاران» دىگەن سۆزنىڭ كۆرسىتىۋاتقان ئوبىكتى، جانىۋار زاتلىرىنىڭ موللىقىدىن باشقا، گىن ۋە ماكانلار تۈرىنىڭ موللىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىمەك، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى جانلىقلارنىڭ خىلمۇ-خىللىقى» دىگەن بۇ خىل سۆزلەر بىرىكمىسى بىر ئىسىم بولالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىسىمدا، ئۇقۇم مەزمۇنى تولۇق بولمايلا قالماستىن، يەنە كىلىپ ئۇزۇن ئاتالغان ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىخچام پاساھەتلىكى گەۋدىلەنمىگەن. شۇڭا، « biodiversity ،生物多样性biological diversity» دىگەن ئاتالغۇنى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى جانلىقلارنىڭ خىلمۇ-خىللىقى» دەپ ئاتىماستىن، «جانىۋاران» دەپ ئىسىم قويدۇم.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 3,772 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2307
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
بىر پارچە باھا يېزىلدى
كۆرسىتىش يوشۇرۇش 1 trackbacks