باش بەت > تىل ۋە يېزىق, گىياھنامە > بۇنىڭ نامى «فەرۇلرۇق»
21نويابىر

بۇنىڭ نامى «فەرۇلرۇق»

بۇنىڭ نامى «فەرۇلرۇق»

它的名称称为“فەرۇلرۇق”

ئاپتورى: بوستاني

بايان ئاۋۋال

گىياھى تاكسونومىيەدە، « Ferula L. ,阿魏属» دەپ ئاتالغان گىياھرۇق نامى بار. بۇ رۇقنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «ئەنجۇدانرۇق ياكى ھىڭرۇق» (ئەنجۇدان ئۇرۇقدىشى، ھىڭ ئۇرۇقدىشى) دەپ ئاتىغان. خەلق ئاراسىدا «سېسىق يىلتىز» دەپمۇ ئاتاشقان. ئۆزبەكچە نەشىر قىلىنغان «ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا» ناملىق ئەسەرنىڭ ئىككىنچى تومىغا قارىسام، « Ferula L.» دىكى گىياھلار ناملىرى «سېسىق كەۋرەك يىلتىزى، بالدىرغان، ئەنگۈزە (ئەڭۈزە)،ئاددى كەۋرەك، نارىغۇس،نارسىبۇس، گالبان يىلىمى، ئىران كەۋرەگى، سۇنبۇل، زەڭگىپايا» دىگەندەك كۆپخىل ناملاردا ئاتالغان. مۇشۇ كىتاپتا بېرىلگەن ئەرەپچە ناملىرىمۇ، «ئەنجۇدان، شەۋكەران، ئەمبەربارىس، ئۈشتۇرغاز، ھىلتىت، نارتىقۇس» دىگەندەك ھەر خىل ناملاردا ئاتالغان. دىمەك، بۇ كىتاپقا ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ گىياھرۇقنىڭ مەيلى ئۇيغۇرچە نامى، ئۆزبەكچە نامى ياكى ئەرەپچە نامى بولسۇن بىرلىككە كەلگەن نامى قويۇلمىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا، « Ferula L.» نى ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتاش كېرەك؟ مەزگۇر ئەسەر مۇشۇ توغرىسىدا يېزىلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىز.

1. «阿魏属Ferula L.» نىڭ ئۇيغۇرچە نامى، «فەرۇلرۇق»

خۇددى يوقۇرىدا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەندەك، «阿魏属، .  Ferula L » نىڭ ناملىرىنىڭ ھەر خىل بولۇش  ھەم ئېنىق بولماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئا.رەھمەتۇللا بوستانينىڭ «گىياھرۇق ناملىرىنى قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى» ناملىق ئەسەرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، «阿魏属، .  Ferula L » نىڭ نامىنى، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرچە «فەرۇلرۇق» دەپ نام قويدۇم. مەن بۇنىڭدن بۇرۇن يازغان ئەسەرلىرىمدە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەرگە ئاساسەن، فەرۇلرۇقنى «ئەنجۇدانرۇق» دىگەن ئەرەپچە نامىنى قوللانغان. كىيىن ئىزدىنىپ كۆرسەم، ئەنجۇدانرۇق دىگەن سۆز، مەيلى ئەرەپچە ياكى ئۆزبەكچىدە بولسۇن، فەرۇلرۇق دىگەن نامنى بىلدۈرمەيدىكەن. پەقەتلا فەرۇلرۇقتىكى بىر گياھنىڭ ياكى دورىلىق ئەشياسىنىڭ نامى ئىكەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەرىمدىن باشلاپ، «ئەنجۇدان» دىگەن ئەرەپچە نامنى قوللانماي، ئۇيغۇرچە «فەرۇلرۇق» دىگەن يېڭى نامغا ئۆزگەرتتىم.

ئەندى، «ھىڭ ياكى يىڭ» دىگەن ئاتالغۇغا كەلسەك، بۇ ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۆزبېكچە نەشىر قىلىنغان «ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا» ناملىق كىتاپنىڭ 2-تومىدىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردا مەيلى ئەرەپچە ياكى ئۆزبەكچە بولسۇن «ھىڭ ياكى يىڭ» دىگەن ناملار ئۇچرىمايدۇ. ھىڭ ياكى يىڭ دەپ ئاتالغان بۇ نەرسىنى مەن كىچىگىمدىلا كۆرگەن. ئۇ بىر ساغۇچ ئاق رەڭلىك يېپىشقاق ھەم سىسىق پۇرايدىغان يىلىم. مەن كىچىك چاغلىرىمدا، رەھمەتلىك ئاپام، ھىڭ ياكى يىڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يىلىمنى 2-3 كۈندە بىر قىتىم پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا ئېلىپ، چاينىماي  ياكى سۇدا ئەزمەيلا يۇتىۋالاتتى. كىيىن ئاڭلىسام، ئاپام مىنى تۇققاندا، شامالداپ قېلىپ، پۈتۈن بەدىنىنى سوقيەل قاپلاپ بەل-پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. 1960-يىللارمىكىن، تۇرپانلىق مۇتىلا قارى دىگەن داڭلىق تىۋىپ ئاپامغا دورا ياساپ بەرگەن ئىكەن، ھەمدە ھىڭ دەيدىغان بۇ نەرسىنى ئىستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ دەپتىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن، دالىدىن سىسىق يىلتىزنى (شۇ چاغدا سېسىق يىلتىز دەپ ئاتايتتى) ئەكەلدۈرۈپ، توغراپ ئاپتاپقا سالسا يىلىم ئېقىپ چىقاتتى. بۇنى قىرىپ ئېلىپ يۇمىلاقلاپ ئەينەك قۇتىغا قاچىلاپ قوياتتى. فەرۇل يىلتىزىنى قاينىتىپ ، ئۇنىڭدا پۇت-قوللىرىنى يۇياتتى. ئاپامنىڭ بۇ ھىڭ دىگەن سىسىق يىلىمنى قانچە يىل ئىستىمال قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭغا پايدا قىلغان، پۇت-قوللىرى ئاغرىمايدىغان بولغان. رەھمەتلىك ئاپام ساغلام تىتىك ياشاپ، 75 يېشىدا جىددى يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ، ئالەمدىن ئۆتتى. مەزگۇر ئەسەرنى، رەھمەتلىك ئاپام ھايات ۋاقتىدا يازالمىغانلىقىمغا ئارماندا قالدىم. چۈنكى ئاپامدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەن بولاتتىم. دىمەك، ھىڭ ياكى يىڭ دەپ ئاتالغان بۇ نەرسە، فەرۇلرۇقدىكى بىر قىسىم گىيازات يىلتىزىدىن چىقىدىغان يىلىم. شۇڭا، ھىڭ دىگەن ئاتالغۇنى گىيازات نامى قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىدىم.

2. «فەرۇلرۇق» زاتلىرىنىڭ ناملىرى «فەرۇل» بىلەن باشلىنىدۇ.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، فەرۇلرۇقنىڭ دۇنيا بويىچە 150 تىن كۆپرەك زاتى بار ئىكەن. مۇشۇنچىۋالا كۆپ بولغان فەرۇلرۇق زاتلىرىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ چىقىشتا بىر ئىلمىي تەرتىپكە مۇھتاج. يەنى، ھەر بىر فەرۇلرۇق زاتىنىڭ نامىدىن «فەرۇل» نىڭ زاتى ئىكەنلىكى ئېنىق گەۋدىلىنىشى ھەم بىرى-بىرىدىن ئېنىق پەرقلىنىشى كېرەك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئا.رەھمەتۇللابوستانينىڭ «گىياھزات ناملىرىنى قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى» ناملىق ئەسەرىگە مۇراجەت قىلىندى. بۇ ئەسەرنىڭ روھىغا ئاساسەن بولغاندا، گىياھزات نامى ئىككى سۆزدىن تۈزۈلىدۇ. ئەگەر شاخزات ياكى قايزاتى بولسا ئۈچ سۆزدىن تۈزۈلگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. گىياھزات نامىنى يازغاندا، گىياھرۇق نامى ئالدىغا، گىياھزات نامى (سۈپەت نامى) كەينىگە يېزىلىدۇ.

3. جۇڭگوغا تارقالغان فەرۇلرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو تۇپرىقىدا، فەرۇلرۇق گىياھلىرىنىڭ نادىش شاخرۇق، پۇسدان شاخرۇق، مەرۋى شاخرۇق ۋە دورىمەت شاخرۇقدىن ئىبارەت 4 شاخرۇقىغا تەۋە بولغان 27 زات ( 26 زات  ۋە 1 قايزات ) تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 زات، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىگە تارقالغان.

جۇڭگوغا تارقالغان فەرۇلرۇق زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى، ئا.رەھمەتۇللا بوستانينىڭ «گىياھزات ناملىرىنى قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى» ناملىق ئەسەرىدە دىيىلگەن پرىنسىپ-قائىدە بويىچە 1-جەدۋەلدە بېرىلگەندەك ئاتالدى.«ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا» 2-تومىدا كۆرسىتىلگەن ئەرەپچە ۋە ئۆزبەكچە ئاتالغان ناملىرى 2-جەدۋەلدە كۆرسۈتىلدى.

1-جەدۋەل: جۇڭگوغا تارقالغان فەرۇلرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ 3 تىللىق ناملىرى

Umbellifere

伞形科

سايۋانئىلە

Apiodeae Drude

芹亚科

ئاپوي شاخئىلە

Peucedaneae Drude

前胡族

پۇسدانتەبە

Ferulinae Drude

阿魏亚族

فەرۇلتەبە

Ferula L.

阿魏属

فەرۇلرۇق

Subgen. Narthex (Falc.) Drude

巨茴亚属

نافەرۇل شاخرۇق

Subgen. Peucedanosides (Boiss. ) Korov.

近前胡亚属

پۇفەرۇل شاخرۇق

Subgen. Merwia (B. Fedtsch. ) Korov.

梅威亚属

مەفەرۇل شاخرۇق

Subgen. Dorematoides (Regel et Schmalh. )   Korov.

近礼品芹亚属

دوفەرۇل شاخرۇق

F. conocaula Korov.

圆锥茎阿魏

فەرۇل كونۇسى

F. jaeschkeana

中亚阿魏

فەرۇل ياشكانى

F. sinkiangensis K.M. Shen

新疆阿魏

فەرۇل شىنجاڭى

F. fukanensis K.M. Shen

阜康阿魏

فەرۇل فۇكاڭى

F. teterrima Kar. et Kar.

臭阿魏

فەرۇل تىتەرى

F. krylovii Korov.

托里阿魏

فەرۇل كرىلوۋى

F. syreitschikowii K.-Pol.

荒地阿魏،

فەرۇل سىرچىكوۋى

F. hexiensis K.M. Shen

河西阿魏

فەرۇل خېشى

F. canescens (Ledeb.) Ledeb.

灰色阿魏

فەرۇل كۈلرەڭى

F. lehmannii Boiss.

大果阿魏

فەرۇل لېھمانى

F. bungeana Kitagawa

硬阿魏

فەرۇل بۇغانى

F. ovina (Boiss.) Boiss.

羊食阿魏

فەرۇل ئوۋىنى

F. lapidosa Korov.

多石阿魏

فەرۇل لاپتوسى

F. dissecta (Ledeb.) Ledeb.

全裂叶阿魏

فەرۇل دىسسەتى

F. sumbul (Kauffm.) Hook. F.

麝香阿魏

فەرۇل سۇمبۇلى

F. kirialovii Pimenov

山蛇床阿魏

فەرۇل كرىلوۋى

F. olivacea (Diels) Wolff ex Hand.-Mazz.

榄绿阿魏

فەرۇل زەيتۇنى

F. kingdon-wardii Walff

草甸阿魏

فەرۇل كۆكچىمى

F. akitschkensis B. Fedtsch.ex K.-Pol.

山地阿魏

فەرۇل ئاكىشكەنى

F. gracilis (Ledeb.) Ledeb.

细茎阿魏

فەرۇل گاسىلى

F. songorica Pall. ex Spreng.

准噶尔阿魏

فەرۇل جۇڭغارى

F. licentiana Hand-Mazz.Var tunshanica (su) Shan

铜山阿魏)变种)

فەرۇل لىسىن توڭشەنى

F. licentiana Hand.-Mazz.

太行阿魏(原变种)

فەرۇل تەيخاڭى

F. karataviensis (Regel et Schmalh.) Korov.

短柄阿魏

فەرۇل قاراتاغى

F. ferulaeoides (Steud.) Korov.

多伞阿魏

فەرۇل كۆپسايۋانى

F. caspica M. Bieb.

里海阿魏

فەرۇل كاسپى

F. dubjanskyi Korov. ex Pavlov

沙生阿魏

فەرۇل دۇبجانى

2-جەدۋەل: «ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا» كىتاۋىدا ئاتالغان بىر قىسىم فەرۇلرۇق زاتلىرىنىڭ ناملىرى

ئەرەپچە نامى

ئۆزبەكچە نامى

لاتىنچە نامى

شەۋكەران

زەنگپايا

Ferula L.

ئۇشتۇرغاز

ساسىق يىلتىزى قاۋراق

Ferula assa dulcis

ئەنجۇدان

ساسىق قاۋراق، بالدىرغان

Ferula assa foetida

نارتىقۇس

ئاددى قاۋراق

Ferula communis

قىننا

گالبان يېلىمى

Ferula galbaniflua

ساكبىناج

ئېران قاۋرەگى

Ferula persica

سۇنبۇل

سۇنبۇل

Ferula sagapenum

 

بايانئاخىر

يۇقىرىدا جۇڭگوغا تارقالغان فەرۇلرۇقنىڭ 26 زات ۋە 1 قايزاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 زاتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتىلىشى يېڭىدىن ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ قويۇلدى. فەرۇلرۇقنىڭ تۈرلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار كەمچىل، ھەم ئىزدىنىش چەكلىك بولغانلىقىدىن، ھەمدە گىياھلارغا ئۇيغۇرچە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىسىم قويۇش بىر يېڭى تەتقىقات ئىكەنلىكىدىن، مەزكۈر ماقالىدە بەزىبىر خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا، كەسىپداشلارنىڭ ۋە ئوقورمەنلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە ئەسەرلەر

1. رەھمەتۇللا ئادىللا، قۇربان نىزامىدىن، خەلىل قۇربان قاتارلىقلار، جانىۋارلار دۇنياسىنى تۈرلەش سىستېمىسى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى، 2008-يىللىق 2-سان.

2. رەھمەتۇللا ئادىللا قاتارلىقلار، گىياھلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى، 2008-يىل 2-سان.

3. رەھمەتۇللا ئادىللا، گىيارىش مىقدارلىرى بويىچە گىياھلارغا ئىسىم قويۇشنىڭ يېڭى ئۇسولى توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى، 2009-يىللىق 3-سان.

4. پاتىگۈل رىشىت، خېلىل قۇربان قاتارلىقلار، جۇڭگوغا تارقالغان ئەنجۇدانرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا، قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى، 2010-يىللىق 1-سان.

5. رەھمەتۇللا ئادىللا، تاكسون ناملىرى بويىچە گىياھ ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە يېزىشتىكى پرىنسىپ-قائىدىلەر توغرىسىدا ئىزدىنىش، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى، 2011-يىللىق 1-سان.

6. بوستاني، گىياھئىلە ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، (../)، 2012-يىل، 10-ماي نەشىرى.

7. بوستاني، گىياھرۇق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، «../» ، 2012-يىل، 19-ئىيۇن نەشىرى.

8.بوستاني، تاكسون ناملىرى، «../» ، 2012-يىل،26-ئىيۇن نەشىرى.

9. بوستاني، گىياھزات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى،«../»

 -يىل،26-ئىيۇن نەشىرى.

10. ئۆزبېكىستان س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەبۇ رەيھان بېرۇني نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى، ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا (2)، ئۆزبېكىستان س س ر «پەن» نەشرىياتى 1982-يىل.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 563 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2298
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز