باش بەت > تىل ۋە يېزىق, گىياھنامە > شىنجاڭدىكى قاراغايئىلەنىڭ خاسۋار، يانخەۋپتە زاتلىرى
16ئىيۇل

شىنجاڭدىكى قاراغايئىلەنىڭ خاسۋار، يانخەۋپتە زاتلىرى

شىنجاڭدىكى قاراغايئىلەنىڭ خاسۋار، يانخەۋپتە زاتلىرى

新疆分布的松科特有浙危植物种类

جىمسارى

  1. 1. مەزگۇر ئەسەردىكى قاراغايئىلە، خاسۋارزات، ئالخەۋپتە زات دىگەن سۆزلەرگە ئىزاھ

قاراغاي، يىلكۆك (يىلبويى كۆپكۆك) تۇرىدىغان، زىقبەرگلىك (يىڭنە يوپۇرماقلىق)، ئېگىز، يوغان ھەم  تىك ئۆسۈدىغان دەرەخ شەكىلدىكى گىياھلارنىڭ ئومۇمى نامى. قاراغاي دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە قارىغاي دەپ ئاتالغان.  مىنىڭچە، ئۇيغۇرچە يەنىلا قاراغاي دەپ ئاتالغىنى توغرا.

قاراغايئىلە (松科,Pinaceae)دىگەن سۆز، قاراغايلار ئائىلىسى دىگەن سۆزنىڭ قائىدە بويىچە يازىلىشى بولىدۇ. قائىدە بويىچە يازىلىشى دىگەندە، ئاكادېمىيە تورىدا بېرىلگەن «گىياھى ئائىلە ناملىرىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» نى كۆرسۈتىدۇ[1-2].

 خاسۋار زات دىگەن سۆز (特有种,endemism yaci endemic species)، زىمىندىكى تەبىئەت تارىخى، تەبىئى ماكان (تەبىئى ئېكولوگىيە) ۋە فىزولوگىيەلىك ئامىللار سەۋەبىدىن مەلۇم جايدا بولىدىغان، باشقا جايدا بولمايدىغان « شۇ يەردىلا بولىدىغان ياكى شۇ يەرگىلا خاس زات» دىگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، گىياھ،  چىياھ، ھايۋانات قاتارلىق بارلىق جانىۋار زاتلىرىغا قوللۇنىلىدۇ[3].

 يانخەۋپتە زات (Endegered species, vulnerable species渐危种、易危种,) دىگەن سۆز،  تارقىلىشى ئاز ياكى زاتتوپى ئاجىزبولغان، ئالخەۋپتە بولمىغان، ئەمما، خەۋپتە قېلىش دەرىجىسى ئالخەۋپتەگە ياندىشىپ قالغان دىگەن  مەنىنى بىلدۈرىدۇ [3].

يوقۇرىدا دىيىلگەن قاراغايئىلە، خاسۋارزات، يانخەۋپتەزات دىگەن سۆزلەرنى، ئاكادىم (ئۇنۋان نامى، 研究员) رەھمەتۇللا ئادىللا تۇنجى بولۇپ ياساپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇ ناملارنى  مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدە قوللانغان.

  1. 2. شىنجاڭدىكى قاراغايئىلەنىڭ خاسۋار زاتلىرى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، شىنجاڭغا تارقالغان قاراغايئىلە زاتلىرىنىڭ ئىچىدە 4 زاتى خاسۋار زاتقا كىرىدىكەن[4-5]. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1) ئاقشات سىبىرى (西伯利亚冷杉,Abies sibirica Ledeb.) ، ئا-رەسىمگە قاراڭ.

001_副本

2) شەمشات سىبىرى (西伯利亚云杉,Picea obovata Ledeb.)، ب-رەسىمگە قاراڭ.

002_副本

 3) قاراغاي سىبىرى (西伯利亚红松,新疆五针松, Pinus sibirica Du Tour.)،س-رەسىمگە قاراڭ.

003_副本

4) قوچور سىبىرى (西伯利亚落叶松,新疆落叶松,Larix sibirica Ledeb.)، د- رەسىمگە قاراڭ.

004_副本

  1. 3. شىنجاڭدىكى قاراغايئىلە خاسۋار زاتلىرىنىڭ خەۋپتە قېلىش ۋە ئاسراش دەرىجىسى

1) ئاقشات سىبىرى (西伯利亚冷杉,Abies sibirica Ledeb.)،  بۇ زاتنىڭ خەۋپتە قالغان دەرىجىسى «يانخەۋپتەزات».  ئاسراش دەرىجىسى، دۆلەت Ⅲ. (دۆلەتلىك 3-دەرىجە دىگەن مەنىدە)

2) شەمشات سىبىرى (西伯利亚云杉,Picea obovata Ledeb.)، بۇ زاتنىڭ خەۋپتە قالغان دەرىجىسى «يانخەۋپتەزات».  ئاسراش دەرىجىسى، دۆلەت Ⅲ.

3) قاراغاي سىبىرى (西伯利亚红松,新疆五针松, Pinus sibirica Du Tour.)، بۇ زاتنىڭ خەۋپتە قالغان دەرىجىسى «يانخەۋپتەزات».  ئاسراش دەرىجىسى، دۆلەت Ⅲ. شىنجاڭ Ⅲ.

) قوچور سىبىرى (西伯利亚落叶松,新疆落叶松,Larix sibirica Ledeb.)، بۇ زاتنىڭ خەۋپتە قالغان دەرىجىسى «يانخەۋپتەزات».  ئاسراش دەرىجىسى، دۆلەت Ⅲ. 

مەزگۇر ئەسەردە كۆرسۈتۈلگەن قارغاي زاتلىرىنىڭ ن ئۇيغۇرچە ناملىرى، مەنبە ئەسەر [6] بويىچە ئالىندى.

مەنبە ئەسەرلەر

[1] جىمسارى، گىياھئىلە نامىنى قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى، ئاكادېمىيە تورى، 2012-يىل،10-ماي نەشىرى.

[2] جىمسارى، شىنجاڭغا تارقالغان گىياھئىلە ناملىرى، ئاكادېمىيە تورى، 2012-يىل،10-ماي نەشىرى.

[3]جىمسارى، خەۋپكە ئۇچرىغان گىياھلار دىگەن نىمە؟ ئاكادېمىيە تورى، 2012-يىل 18- ئاۋغۇست نەشىرى.

[4] 新疆植物志编辑委员会,新疆植物志第一卷,新疆科技卫生出版社(K),1992年

[5] 尹林克主编,新疆珍稀濒危特有高等植物,新疆科学技术出版社,2006年

[6] رەھمەتۇللا ئادىللا، قاراغايئىلەدىكى (松科,Pinaceae) رۇقلار، زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرى، قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى، 2008-يىللىق 3-سان.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 378 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3083
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز